Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ياقۇپ يازغان خەت 2:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 ئەگەر بىر كىشى خۇدانىڭ پۈتۈن قانۇنىغا ئەمەل قىلدىم دەپ تۇرۇپ، ئۇنىڭدىكى بىرەر پەرمانغا خىلاپلىق قىلىپ قالسا، ئۇ خۇدانىڭ نەزىرىدە پۈتۈن قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان ئادەمگە ئوخشاش گۇناھكار ھېسابلىنىدۇ.

Gade chapit la Kopi




ياقۇپ يازغان خەت 2:10
8 Referans Kwoze  

تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىش بىلەن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىمەن، دەيدىغانلارنىڭ ھەممىسى لەنەتكە قالىدۇ. مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق يېزىلغان: «تەۋرات قانۇنىدا يېزىلغان ھەممە ئەمرلەرگە تولۇق ئەمەل قىلمىغان كىشى لەنەتكە قالىدۇ.»


«بۇ ئەمر-پەرمانلارنى قوبۇل قىلغان، لېكىن ئىتائەت قىلمىغانلار قارغىشقا قالىدۇ!» پۈتۈن خەلق: «ئامىن!» دېسۇن.


مەن خەتنىگە تايانماقچى بولغانلارنى يەنە بىر قېتىم ئاگاھلاندۇرىمەنكى، ئەگەر سىلەر خەتنىنى قوبۇل قىلساڭلار، تەۋراتتىكى پۈتۈن قائىدە-يوسۇنلارغا تولۇق بويسۇنۇشۇڭلار كېرەك.


ھەممىمىز كۆپ خاتالىشىمىز. ھالبۇكى، تىلدا خاتالاشمىغان كىشى ئۆزىنى ھەر جەھەتتىن تىزگىنلەپ، پىشىپ يېتىلگەن كىشى بولىدۇ


ئەي قېرىنداشلار، خۇدا سىلەرنى ئۆزىنىڭ مۇقەددەس خەلقى بولۇشقا تاللىدى ۋە چاقىردى. شۇنىڭ ئۈچۈن، سىلەر ئۆز ھاياتىڭلاردا بۇنى ئىسپاتلاشقا تىرىشىڭلار. مانا شۇنداق قىلساڭلار، ھېچقاچان ئېتىقاد يولىدىن چەتنەپ كەتمەيسىلەر.


ھەممىمىزنى قۇتقۇزغان يېگانە خۇدا سىلەرنى يىقىلىپ چۈشۈشتىن ساقلاپ، ئەيىبسىز ۋە خۇشال-خۇرام ھالدا ئۆزىنىڭ ئۇلۇغۋار ھۇزۇرىغا ئېلىپ كېلىشكە قادىردۇر. بارلىق شان-شەرەپ، ئۇلۇغلۇق، قۇدرەت ۋە ھوقۇق رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئەزەلدىن تا ھازىرغىچە ۋە ئەبەدىلئەبەد خۇداغا مەنسۇپ بولغاي، ئامىن!


لېكىن ئۇلار بۇ زېمىنغا كېلىپ، ئۇنىڭغا ئىگە بولغاندىن كېيىن، ئۇلار ھەم ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىمۇ سېنىڭ سۆزلىرىڭگە قۇلاق سالمىدى، يولۇڭدا ماڭمىدى! شۇنداقلا، ئۇلار سەن ئەمر قىلغان ئىشلارنىڭ ھېچقايسىسىنى قىلمىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن سەن بۈگۈن ئۇلارغا پۈتۈن بالايىئاپەتلەرنى ئېلىپ كەلدىڭ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite