7-8 بۇنداق كىشى ئۆزىنىڭ بارلىق ئىشلىرىدا بىقارار ۋە تۇراقسىز كېلىدۇ. شۇڭا، بۇنداق ئادەم خۇدادىن تىلىگەن نەرسىلىرىگە ئېرىشىمەن، دەپ ئويلىمىسۇن.
تىلىسەڭلارمۇ ئېرىشەلمەيسىلەر، چۈنكى نىيىتىڭلار يامان بولۇپ، ئۆز ئارزۇ-ھەۋەسلىرىڭلارنى قاندۇرۇش ئۈچۈنلا تىلەيسىلەر.
سىلەر دۇئاغا قوللىرىڭلارنى كۆتۈرگىنىڭلاردا، كۆزلىرىمنى قاچۇرىمەن. قانچە كۆپ دۇئا-تىلاۋەت قىلساڭلارمۇ ئاڭلىمايمەن، چۈنكى قوللىرىڭلار قانغا بويالغان.
يامانلارنىڭ قۇربانلىقى پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر، يامان غەرەزدە قىلىنغان بولسا تېخىمۇ شۇنداقتۇر.
پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر يامانلارنىڭ قۇربانلىقى، ئۇنىڭ خۇرسەنلىكىدۇر ئادىللارنىڭ دۇئاسى.
بىراق، ئۇ ئەقىل-پاراسەت تىلىگەندە، خۇدادىن قىلچىمۇ گۇمانلانماي، تولۇق ئىشەنچ بىلەن تىلىشى كېرەك. چۈنكى، گۇمانلانغان كىشى خۇددى دېڭىز دولقۇنىغا ئوخشاش، شامال چىقسىلا تەۋرىنىپ كېتىدۇ.