4 شۇڭا، ھەرقانداق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىپ، چىداملىقىڭلارنى يېتىلدۈرۈڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، خۇدانىڭ كۈتكىنىدەك ئېتىقادتا پىشقان، كەم-كۈتىسىز ئادەملەردىن بولىسىلەر.
پۈتكۈل مېھىر-شەپقەتنىڭ مەنبەسى بولغان خۇدا سىلەرنى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەڭگۈلۈك شان-شەرىپىگە چاقىرغان. سىلەر ۋاقىتلىق ئازاب-ئوقۇبەت چەككىنىڭلاردىن كېيىن، خۇدا سىلەرنى دەس تۇرغۇزۇپ، سىلەرنى چىداملىق قىلىپ، ئېتىقادىڭلارنى مۇستەھكەم ۋە تەۋرەنمەس قىلىدۇ.
چىداملىق بولغىنىڭلاردا، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىسىلەر.
شۇڭا، ئەرشتىكى ئاتاڭلار مۇكەممەل بولغىنىدەك، سىلەرمۇ شۇنداق بولۇڭلار.
ئۇ، خۇداغا مەنسۇپ بولغان كىشىلەرنى تولۇق قوراللاندۇرۇپ، ئۇلارنى ھەرقانداق ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا تەييار تۇرغۇزالايدۇ.
چۈنكى بۇ ۋەھىي بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئۇ كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىشلار ھەققىدە بولۇپ، ھەرگىز يالغان چىقمايدۇ. گەرچە ئاستا كېلىۋاتقاندەك بىلىنسىمۇ، سەۋر قىلىپ كۈتكىن. ئۇ جەزمەن ئەمەلگە ئاشىدۇ، ھەرگىز كېچىكمەيدۇ.
سىلەرنى سىلەر ئېھتىياج بولغان بارلىق ياخشى نەرسىلەر بىلەن تەمىنلەپ، ئۆز ئىرادىسىنىڭ ئىجراچىلىرى قىلغاي! ئەبەدىلئەبەد شان-شەرەپكە لايىق بولغان ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق سىلەرنى ئۆزىنى خۇرسەن قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىشقا يېتەكلىگەي، ئامىن!
شۇڭا، ياخشى ئىشلارنى قىلىشتىن بوشاشمايلى. شۇنداق قىلساق، ۋاقتى كەلگەندە چوقۇم مول ھوسۇل ئالالايمىز.
سەۋر-تاقەت قىلىپ كۈتتۈم پەرۋەردىگارنى، قۇلاق سېلىپ ئاڭلىدى ئۇ پەريادىمنى.
سەۋر بىلەن سۈكۈت قىلىپ كۈتكىن پەرۋەردىگارنى، بىئارام بولمىغىن روناق تاپقان رەزىللەردىن، ھارام پىلانى ئەمەلگە ئاشقانلاردىن.
ھەممىمىز كۆپ خاتالىشىمىز. ھالبۇكى، تىلدا خاتالاشمىغان كىشى ئۆزىنى ھەر جەھەتتىن تىزگىنلەپ، پىشىپ يېتىلگەن كىشى بولىدۇ
ئەگەر ئاراڭلاردىكى بىرى ئەقىل-پاراسەتكە موھتاج بولسا، ھەممىگە سېخىيلىق بىلەن بېرىدىغان ۋە مالال كۆرمەيدىغان خۇدادىن تىلىسۇن. شۇندىلا، ئۇنىڭغا ئېرىشىدۇ.
ئەلۋەتتە، ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغۇچىلار بىزنىڭ يەتكۈزۈۋاتقانلىرىمىزدا دانالىقنىڭ بارلىقىنى تونۇپ يېتەلەيدۇ. بىراق، بۇ دانالىق دۇنيانىڭ دانالىقى ئەمەس، شۇنداقلا بۇ دۇنيانىڭ زاۋاللىققا يۈز تۇتقان ھوقۇقدارلىرىنىڭ دانالىقىمۇ ئەمەس؛
ئەيسا مەسىھنىڭ خىزمەتكارى ۋە يۇرتدىشىڭلار بولغان ئېپافىرادىن سىلەرگە سالام. ئۇ سىلەرنىڭ ئېتىقادتا پىشىپ يېتىلىشىڭلار، خۇدانىڭ پۈتكۈل ئىرادىسىگە بولغان ئىشەنچىڭلاردا چىڭ تۇرۇشۇڭلار ئۈچۈن، ھەمىشە جان-دىلى بىلەن دۇئا قىلماقتا.
مۇنبەت تۇپراققا چۈشكەن ئۇرۇقلار بولسا خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلايدىغان، ئۇلارنى پاك ۋە چىن دىلىدا چىڭ ساقلايدىغان، ھوسۇل بەرگۈچە سەۋر قىلىدىغان كىشىلەردۇر.
ماڭا ئىشەنگەنلىكىڭلار ئۈچۈن، ھەممە ئادەم سىلەرگە ئۆچمەنلىك قىلىدۇ، لېكىن ئاخىرغىچە بەرداشلىق بەرگەنلەر جەزمەن قۇتقۇزۇلىدۇ.
ھەققانىيلار ئۆز يولىدا چىڭ تۇرىدۇ، قولى پاك ئىنسانلارنىڭ كۈچى ئاشىدۇ.
دانالىقنى ئەتىۋارلىغىن، ئۇ سېنى ئۈستۈن قىلار. ئۇنى قۇچاقلا ئۇ سېنى شۆھرەتكە ئېرىشتۈرەر.
بۇ خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە بولمىغان كىشى پەقەت بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرەلەيدىغان ياكى كور كىشىگە ئوخشايدۇ. ئۇنداق كىشى بۇرۇنقى گۇناھلىرىدىن پاك قىلىنغانلىقىنى ئۇنتۇغان بولىدۇ.
مەن ئۇلاردا، سەن مەندە؛ بۇ ئۇلارنىڭ ئىتتىپاقلىقىنىڭ مۇكەممەللىشىشى ئۈچۈندۇر. بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى شۇ ئارقىلىق مېنى ئەۋەتكەنلىكىڭنى ھەم مېنى سۆيگىنىڭدەك ماڭا ئېتىقاد قىلغانلارنىمۇ سۆيىدىغانلىقىڭنى بىلسۇن.
بۇ گەپنى ئاڭلىغان ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا يەنە مۇنداق دېدى: - سىزدە قىلىشقا تېگىشلىك يەنە بىر ئىش كەم. پۈتۈن مال-مۈلكىڭىزنى سېتىپ، پۇلىنى كەمبەغەللەرگە بېرىڭ. شۇنداق قىلسىڭىز، ئەرشتە خەزىنىڭىز بولىدۇ. ئاندىن كېلىپ ماڭا ئەگىشىڭ.
ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا مېھرىبانلىق بىلەن قاراپ: - سىزدە قىلىشقا تېگىشلىك يەنە بىر ئىش كەم. بېرىپ پۈتۈن مال-مۈلكىڭىزنى سېتىپ، پۇلىنى كەمبەغەللەرگە بېرىڭ. شۇنداق قىلسىڭىز، ئەرشتە خەزىنىڭىز بولىدۇ. ئاندىن كېلىپ ماڭا ئەگىشىڭ! - دېدى.
- بۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتىمەن. بۇلاردىن باشقا يەنە نېمىلەرنى قىلىشىم كېرەك؟ - دەپ سورىدى يىگىت.
بىزگە ئامانلىق ئاتا قىلغۇچى خۇدا ئۆزى سىلەرنى تەلتۆكۈس پاك قىلغاي. رەببىمىز ئەيسا مەسىھ قايتا كەلگۈچە خۇدا روھىڭلار، جېنىڭلار ۋە تېنىڭلارنى ئەيىبسىز ساقلىغاي.