20 چۈنكى، غەزەپلەنسەڭلار، خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان ھەققانىي ئىشلارنى قىلالمايسىلەر.
ئەگەر ئاچچىقلانساڭلار، ئاچچىقىڭلار سىلەرنى گۇناھقا باشلىمىسۇن. ئاچچىقىڭلاردىن قايتماي، كۈنمۇ پېتىپ كەتمىسۇن.
لېكىن شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، قېرىنداشلىرىغا غەزەپلەنگەنلەرمۇ سوتقا تارتىلىدۇ. قېرىنداشلىرىنى «ئەخمەق» دەپ تىللىغانلار ئالىي كېڭەشمىدە جاۋابكارلىقىغا تارتىلىدۇ. قېرىنداشلىرىنى «تەلۋە» دەپ ھاقارەتلىگەنلەر ئوتلۇق دوزاخقا چۈشىدۇ.