17 ھەرقانداق ئېسىل ۋە كەم-كۈتىسىز ئىلتىپات خۇدادىن كېلىدۇ. ئاسماندىكى پۈتكۈل يورۇقلۇقلارنى ياراتقان خۇدا يورۇقلۇقتىن پەيدا بولغان كۆلەڭگىلەردەك ئۆزگىرىشچان ئەمەس.
يەھيا پەيغەمبەر مۇنداق جاۋاب بەردى: - خۇدا بەرمىسە، ئىنسان ھېچنېمىگە ئېرىشەلمەيدۇ.
گۇناھكار بولغان سىلەر پەرزەنتلىرىڭلارغا ياخشى نەرسىلەرنى بېرىشنى بىلگەن يەردە، ئەرشتىكى ئاتاڭلار تىلىگەنلەرگە ياخشى نەرسىلەرنى تېخىمۇ ئىلتىپات قىلماسمۇ؟
ئەيسا مەسىھ تۈنۈگۈن، بۈگۈن ۋە مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدۇ.
ھەزرىتى ئەيسا يەنە كۆپچىلىككە مۇنداق دېدى: - دۇنيانىڭ نۇرى ئۆزۈمدۇرمەن. ماڭا ئەگەشكەنلەر قاراڭغۇلۇقتا قالمايدۇ. ئەكسىچە، ھاياتلىق نۇرىغا ئېرىشىدۇ.
خۇدا ئىنسان ئەمەس، ئۇ يالغان سۆزلىمەس، خۇدا ئىنساننىڭ بالىسىدەك ئەمەس، ئۇ قارارىنى ئۆزگەرتمەس. ئۇ دېگىنىنى قىلماي قويماس، ۋەدىسىنى ئورۇندىماي قالماس.
بىز ئەيسا مەسىھتىن ئاڭلىغان ھەم سىلەرگە يەتكۈزمەكچى بولغان خەۋەر دەل شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، خۇدا يورۇقلۇقتۇر، ئۇنىڭدا ھېچقانداق قاراڭغۇلۇق بولمايدۇ.
چۈنكى پەرۋەردىگار دانالىق ئاتا قىلغۇچىدۇر. بىلىم بىلەن ئەقىل-ئىدراك ئۇنىڭ سۆزىدىن كېلۇر.
بىزگە قۇياش، قالقاندۇر پەرۋەردىگار ئىگىمىز، ئاتا قىلار ئۇ شان-شۆھرەت ۋە شاپائەت. دۇرۇس يولدا ماڭغانلاردىن، ئايىماس ياخشىلىقىنى تائەبەد.
لېكىن، بىر ئادەمدە خۇدادىن كەلگەن ئەقىل-پاراسەت بولسا، ئۇ ئالدى بىلەن پاك، ئاندىن تىنچلىقپەرۋەر، خۇش پېئىل، كەمتەر ۋە رەھىمدىل بولۇپ، ئۇنىڭ ھاياتى ياخشى مېۋىلەر بىلەن تولغان بولىدۇ. ئۇ يەنە ئايرىمىچىلىق ۋە ساختىپەزلىك قىلمايدۇ.
«مەن پەرۋەردىگار مەڭگۈ ئۆزگەرمەستۇرمەن. شۇ سەۋەبتىن ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان سىلەر ھالاك قىلىنمىدىڭلار.
سىلەر ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىپ، خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى ئارقىلىق قۇتقۇزۇلدۇڭلار. بۇ سىلەرنىڭ ئەجرىڭلاردىن كەلگەن ئەمەس، بەلكى خۇدادىن كەلگەن ئىلتىپاتتۇر.
گۇناھكار بولغان سىلەر پەرزەنتلىرىڭلارغا ياخشى نەرسىلەرنى بېرىشنى بىلگەن يەردە، ئەرشتىكى ئاتاڭلار تىلىگەنلەرگە مۇقەددەس روھىنى ئىلتىپات قىلماسمۇ؟
نېمىشقا سىلەر ئۆزۈڭلارنى باشقىلاردىن ئۈستۈن دەپ قارايسىلەر؟ ئەجەبا، سىلەردە بار بولغان بارلىق ئىلتىپاتلار خۇدا تەرىپىدىن بېرىلمىگەنمۇ؟ ئۇنداقتا، سىلەر نېمىشقا بۇ ئىلتىپاتلارغا خۇددى ئۆزۈڭلارغا تايىنىپ ئېرىشكەندەك ماختىنىسىلەر؟
ھەقىقىي مېھىر-مۇھەببەت بىزنىڭ خۇداغا كۆرسەتكەن مېھىر-مۇھەببىتىمىز ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ بىزگە كۆرسەتكەن مېھىر-مۇھەببىتىدۇر. چۈنكى، ئۇ بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئۈچۈن، ئۆز ئوغلىنى قۇربان بولۇشقا ئەۋەتتى.
قەلبىڭلار روشەن بولۇپ، خۇدانىڭ بىزنى قانداق ئۈمىدكە چاقىرغانلىقىنى ۋە ئۆزىنىڭ مۇقەددەس خەلقىگە ۋەدە قىلغان مىراسنىڭ قانچىلىك مول ۋە شانلىق ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەيسىلەر.
دۇنياغا كېلىدىغان بۇ «ھەقىقىي نۇر» پۈتكۈل ئىنساننى يورۇتىدىغان نۇردۇر.
شەھەرنىڭ يورۇتۇلۇشى ئۈچۈن قۇياش ياكى ئاي ھاجەتسىز بولۇپ، ئۇنى خۇدانىڭ پارلاق نۇرى يورۇتۇپ تۇرىدۇ. قوزا ئۇنىڭ چىرىغى بولىدۇ.
سېنىڭ ئىسرائىللارنى پەرۋەردىگارنىڭ قانۇنى بويىچە باشقۇرۇشۇڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگار خۇدا ساڭا ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلسۇن.
چۈنكى، دۇنيانى ياراتقاندا «نۇر قاراڭغۇلۇقتىن چاقنىسۇن» دەپ ئەمر قىلغان خۇدا بىزنىڭ ئۆزىنىڭ ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئايان قىلغان ئۇلۇغلۇقىنى تونۇپ يېتىشىمىز ئۈچۈن، خۇش خەۋەرنىڭ نۇرى بىلەن قەلبىمىزنى يورۇتتى.
قۇياش كۈندۈزى نۇرۇڭ بولمايدۇ، ئايمۇ سېنى يورۇتمايدۇ، پەقەت مەن پەرۋەردىگارلا سېنىڭ نۇرۇڭ بولىمەن. مەن خۇدا سېنىڭ شان-شەرىپىڭ بولىمەن.
ئىسرائىللارنى تاللىغان شان-شەرەپلىك خۇدا يالغان سۆزلىمەيدۇ، ئىرادىسىدىن يانمايدۇ. ئۇ ئىنسان ئەمەس، ھەرگىز ئىرادىسىنى ئۆزگەرتمەيدۇ، _ دېدى.
يۈسۈپ: _ ئالىيلىرى، مەن شەخسەن ئۆزۈم چۈشكە تەبىر بېرەلمەيمەن. لېكىن خۇدا ئۆزلىرىگە ياخشى تەبىر بېرىدۇ، _ دەپ جاۋاب بەردى.
ئۇ يەردە ئەسلا كېچە بولمايدۇ، نە چىراغ نۇرىغا، نە قۇياش نۇرىغا ھاجىتى چۈشمەيدۇ. چۈنكى، پەرۋەردىگار خۇدا ئۇلارنىڭ يورۇقلۇقى بولۇپ، ئۇلار ئەبەدىلئەبەد ھۆكۈم سۈرىدۇ.
ئەگەر ئاراڭلاردىكى بىرى ئەقىل-پاراسەتكە موھتاج بولسا، ھەممىگە سېخىيلىق بىلەن بېرىدىغان ۋە مالال كۆرمەيدىغان خۇدادىن تىلىسۇن. شۇندىلا، ئۇنىڭغا ئېرىشىدۇ.
چۈنكى، گۇناھنىڭ بەدىلى ئۆلۈم. بىراق، خۇدانىڭ رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق بىزگە ئاتا قىلغان سوۋغىتى مەڭگۈلۈك ھاياتلىقتۇر.
ئوغلۇم سۇلايماننىڭ سېنىڭ ئەمر، قانۇن ۋە قائىدىلىرىڭگە رىئايە قىلىشى، شۇنداقلا مەن تەييارلاپ قويغان ئاشۇ ماتېرىياللارنى ئىشلىتىپ، ئىبادەتخانىنى سېلىشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا كۈچلۈك ئىستەك ئاتا قىلغايسەن.»
مەن شۇ يەرگە چۈشۈپ، سەن بىلەن سۆزلىشىمەن. ساڭا ئاتا قىلغان روھتىن ئۇلارغىمۇ ئاتا قىلىمەن. سەن بۇ خەلقنىڭ ئېغىرلىقىنى يالغۇز كۆتۈرمەسلىكىڭ ئۈچۈن، ئۇلار يېنىڭغا كېلىپ ئېغىرلىقىڭنى يەڭگىل قىلىدۇ.
بۇ دۇنياغا ۋە ئىنسان تەپەككۈرىگە خاس بولغان بۇنداق «ئەقىل-پاراسەت» خۇدادىن كەلگەن ئەمەس، بەلكى شەيتاندىن كەلگەن.
مەن يورۇقلۇقنى ۋە قاراڭغۇلۇقنى ياراتتىم. مەن كىشىلەرگە ئامانلىقمۇ بېرەلەيمەن، بالا-قازامۇ كەلتۈرەلەيمەن. مەن پەرۋەردىگارمەن، مەن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى قىلالايمەن.
چۈنكى، خۇدا سىلەرگە پەقەت ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىشنىڭلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئۈچۈن ئازاب-ئوقۇبەت تارتىشنىڭمۇ شەرىپىنى ئاتا قىلغان.
ئۇلار بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغاندا، پېترۇسنى ئەيىبلەشنى توختىتىپ، خۇداغا مەدھىيە ئوقۇپ: - يەھۇدىي ئەمەسلەرمۇ يامان يوللىرىدىن يېنىپ توۋا قىلسا، خۇدا ئۇلارغىمۇ مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدىكەن! - دېيىشتى.
خۇدا ئىسرائىل خەلقىنىڭ گۇناھلىرىغا توۋا قىلىپ، كەچۈرۈمگە ئېرىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇشى ئۈچۈن، ھەزرىتى ئەيسانى يېتەكچى ھەم قۇتقۇزغۇچى قىلىپ ئۆزىنىڭ ئوڭ يېنىغا ئولتۇرغۇزدى.
مەن كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىشلارنى ئالدىن ئېيتىپ بېرىمەن، تېخى يۈز بەرمىگەن ئىشلارنى ئالدىن ئېيتىپ بېرىمەن. مەن پىلانلىغان ھەرقانداق ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرالايمەن. مەن خالىغان ھەرقانداق ئىشنى قىلالايمەن.
چۈنكى، خۇدا ئۇنىڭغا تەلىم بېرىپ توغرا يولنى كۆرسىتىدۇ.
يېرۇسالېمنىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن مۇنداق دۇئا ئوقۇلسۇن: «سېنى سۆيگەنلەر روناق تاپسۇن،
پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئالەمدىكى ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان قۇياش، ئاي، يۇلتۇز قاتارلىق ئاسمان جىسىملىرىنى كۆرگەن ۋاقتىڭلاردا، ۋەسۋەسىگە چۈشۈپ، ئۇلارغا سەجدە قىلىپ، چوقۇنماڭلار.
پەرۋەردىگار بۇلۇت ئىچىدە چۈشۈپ، مۇسا بىلەن سۆزلەشتى ۋە مۇساغا ئاتا قىلىنغان روھتىن يەتمىش ئاقساقالغىمۇ ئاتا قىلدى. روھ ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىغا چۈشۈشى بىلەنلا، ئۇلار ئەس-ھوشىنى يوقاتقان ھالدا زىكىر قىلغىلى تۇردى. لېكىن بۇنداق زىكىر قىلىش قايتا تەكرارلانمىدى.
پەرۋەردىگار بەرىكەت ئاتا قىلار، يەرلىرىمىز چوقۇم ھوسۇللۇق بولار.
لېكىن سەنلا ئۆزگەرمەس پەرۋەردىگار، پەقەت سەندە ئەبەدىي ھاياتلىق بار.
پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، ئۇ يورۇقلۇق تارقاتقۇچى جىسىملارنى ياراتقۇچىدۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر.
ھەزرىتى ئەيسا: - بىلىپ قويۇڭكى، ھېچكىم قايتىدىن تۆرەلمىگۈچە، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى كۆرەلمەيدۇ! - دېدى.