15 بۇنداق ئادەمنىڭ ھەۋەسلىرى ئۇنى گۇناھقا باشلايدۇ. گۇناھ ئۇنىڭدا ئۆسۈپ يېتىلسە، ئۇنى مەڭگۈلۈك ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدۇ.
رەزىل كىشى گۇناھقا ھامىلدار بولار، قورسىقى ئاچچىق زەھەرگە تولار، تۇغقان بالىسى يالغانچى بولار.
ئۇلارنىڭ ھامىلىدار بولغىنى يامانلىق، تۇغقىنى گۇناھتۇر، قورسىقىدا تەييارلىغىنى ھىيلە-مىكىردۇر.»
ئەمما «ياخشىلىق بىلەن يامانلىق ھەققىدە بىلىم بېرىدىغان دەرەخ»نىڭ مېۋىسىنى ھەرگىز يېمىگىن. چۈنكى ئۇنى يېسەڭ، چوقۇم ئۆلىسەن! _ دېدى.
ھېچكىم دۇرۇس نىيەت بىلەن ئەرز قىلمايدۇ، ھەم ھېچكىم سەمىمىيەت بىلەن ئاقلىمايدۇ، ئەكسىچە ئويدۇرمىغا تايىنىپ، يالغان سۆزلەيدۇ، يامانلىققا ھامىلىدار بولۇپ، گۇناھ تۇغىدۇ.
ئايال بۇ دەرەخنىڭ مېۋىسىنىڭ چىرايلىق ۋە يېيىشكە بولىدىغانلىقىنى كۆرۈپ ۋە ئۇنى يېسە قانچىلىك ئەقىللىق بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى ئويلاپ، مېۋىدىن ئۈزۈپ يېدى، شۇنداقلا ئۇنى يېنىدا تۇرغان ئېرىگىمۇ بەردى. ئۇمۇ يېدى.
شۇ ۋاقىتتا، ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئون ئىككى شاگىرتىدىن يەھۇدا ئىشقارىيوت ئىسىملىك بىرى ئالىي روھانىيلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ:
قەبرىلەرگە كىرىپ كېتەر يامانلار، خۇدانى ئۇنتۇغان بارلىق قوۋملار.
داۋۇت ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇ ئايالنى ئەكەلدۈردى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولدى. (بۇ چاغدا ئۇ ئايال ھەيز كۆرۈپ، ئەمدىلا پاكلانغانىدى.) ئاندىن ئۇ ئايال ئۆيىگە قايتىپ كەتتى.
ھاياتلىققا ئېرىشەر چىن ھەققانىي كىشى، ئۆلۈمگە يۈزلىنەر يامانلىقنى قوغلاشقۇچى.
ئەي ئاسسۇرلار، سىلەرنىڭ بارلىق پىلانلىرىڭلار خۇددى قۇرۇق پاخالغا، قىلغان ئىشلىرىڭلار ھېچقانداق قىممىتى يوق سامانغا ئوخشايدۇ. سىلەرنىڭ نەپىسىڭلار ئوت بولۇپ ئۆزۈڭلارنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ.
لېكىن شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، بىرەر ئايالغا شەھۋانىي كۆزى بىلەن قارىغان كىشى كۆڭلىدە ئۇ ئايال بىلەن زىنا قىلغان بولىدۇ.
كىمدەكىم ئۆز ھەۋەسلىرىنىڭ كەينىگە كىرسە، ئۇ ئازىدۇ.
خۇدا ئۆز ئىرادىسى بويىچە بىزنى ھەقىقەتتىن ئىبارەت بولغان سۆزى ئارقىلىق يېڭى ھاياتقا ئېرىشتۈردى. بۇنىڭ بىلەن، خۇددى دەسلەپكى ھوسۇلنىڭ مېۋىسى خۇداغا ئاتالغىنىدەك، بىز ئېتىقادچىلار پۈتكۈل ئىنسانلار ئىچىدە تۇنجى بولۇپ خۇداغا ئاتالدۇق.