11 كۈن قىزىغاندا بۇ ئوت-چۆپلەر قۇرۇپ، ئۇنىڭ چېچەكلىرى توزۇپ كېتىدۇ-دە، گۈزەللىكى يوقىلىدۇ. باي ئادەملەر خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، ئۆز ھەلەكچىلىكىدە يوقىلىدۇ.
لېكىن چوڭقۇر يىلتىز تارتمىغاچقا، كۈن چىقىش بىلەنلا سولىشىپ قۇرۇپ كېتىپتۇ.
شۇنداق قىلساڭلار، باش قويچى ئەيسا مەسىھ قايتىپ كەلگەندە، مەڭگۈ چېچەكلەپ تۇرىدىغان شان-شەرەپ تاجىغا ئېرىشىسىلەر.
ئۇنىڭ پەرزەنتلىرى بولغان بىزلەر ئۈچۈن ئەرشتە تۈگىمەس، چىرىمەس، سولماس مىراس ساقلانماقتا.
بۇ دۇنيا بايلىقلىرىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقانلارمۇ بايلىققا بېرىلىپ كەتمىسۇن. چۈنكى، بۇ دۇنيا ئۆتكۈنچىدۇر.
يۈرىكىم قۇرۇق چۆپتەك قۇرۇپ كەتتى. ئىشتىھاسىز، تامىقىم ئازلاپ كەتتى.
ئۇلار ئاچ قالمايدۇ، ئۇسسۇزلۇقنىڭ ئازابىنى تارتمايدۇ، قۇياشنىڭ ھارارىتى ئۇلارنى كۆيدۈرۈپ ئازابلىمايدۇ. مەن ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتىپ، ئۇلارنى يېتەكلەپ ماڭىمەن، ئۇلارنى بۇلاقلارغا باشلاپ بارىمەن.
ئۇ شەھەر مۇنبەت ساينىڭ ئېگىزلىكىگە جايلاشقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئاجايىپ گۈزەللىكى گۈلگە ئوخشاش خازان بولىدۇ. ئۇ خۇددى تۇنجى پىشقان ئەنجۈردەك بولۇپ، پىشقان ھامان يۇلۇۋېلىنىپ، يۇتۇۋېتىلىدۇ.
شىمالىي پادىشاھلىق ھاراقكەشلىرىنىڭ شەرەپلىك تاج-تەختى بولغان مەغرۇر شەھەر سامارىيەنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇ مۇنبەت ساينىڭ ئېگىزلىكىگە جايلاشقان شەھەر ئىدى، ئەمما ئۇنىڭ ئاجايىپ گۈزەللىكى گۈلگە ئوخشاش خازان بولىدۇ. بۇ خەلقنىڭ مەغرۇرلۇقى شاراب بىلەن ۋەيران قىلىنىدۇ.
ئۇلار ئانىدىن قانداق تۇغۇلغان بولسا، يەنە شۇنداق كېتىدۇ. بىر ئۆمۈر جاپالىق ئىشلەپ تاپقان بايلىقلىرىنىڭ بىر تىللاسىنىمۇ بىللە ئېلىپ كېتەلمەيدۇ.
گۇگۇمدىكى كۆلەڭگىدەك ھاياتىممۇ غۇۋالاشتى، تېنىم چۆپتەك بولۇپ قاقشال-غازاڭلاشتى.
چۆپتەك قۇرۇپ كېتەر ئۇلار شۇنچە تىزلا، مامكاپتەك توزۇپ كېتەر بىردەمدىلا.
سايىدەك يوقىلىدۇ ئىنسانلارنىڭ ئەجىرلىرى، بىھۇدىدۇر ئۇلارنىڭ ئالدىراپ-تېنەشلىرى. بايلىق يىغار، لېكىن بىلمەس ئۇلار بايلىقلىرىنىڭ كىملەرگە قالىدىغانلىقىنى.
مايسىلار ئۈنۈپ چىقار سەھەردە، سولىشىپ كېتەر ئاخشامغىچە.
مايسىدەك قىسقىدۇر ئىنساننىڭ ئۆمرى، دالادا ئېچىلغان گۈلدۈر ئىنساننىڭ ئۆزى.
ئەي ئىشەنچى ئاجىزلار! خۇدادىن نېمىشقا گۇمانلىنىۋاتىسىلەر؟ دالادىكى بۈگۈنى ئېچىلسا، ئەتىسى قۇرۇپ ئوچاققا قالىنىدىغان ئاشۇ گۈل-گىياھلارنى ئاشۇنچە بېزىگەن خۇدا سىلەرنى تېخىمۇ كىيىندۈرمەسمۇ؟
«كېيىن كەلگەنلەر پەقەت بىر سائەتلا ئىشلىدى، بىراق سىز ئۇلارغا كۈن بويى قاتتىق ئىسسىقتا ئازاب چەككەن بىزگە ئوخشاش ھەق بەردىڭىز!» دېيىشىپتۇ.
جاسارىتىنى يوقاتقان يات ئەللەر، تىترىگەن ھالدا قورغانلىرىدىن چىقىشار.