Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 9:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

9 شىمالدىكى ئىسرائىلىيە پادىشاھلىقىدا ۋە ئۇنىڭ پايتەختى سامارىيەدە ياشايدىغان بارلىق خەلق بۇنىڭدىن خەۋەر تاپتى. ئۇلار ھاكاۋۇرلۇق بىلەن ماختىنىپ مۇنداق دېدى:

Gade chapit la Kopi




يەشايا 9:9
23 Referans Kwoze  

ماڭا قۇلاق سېلىڭلار، ئەي جاھىللاشقان، ھەققانىيلىقتىن يىراقلاپ كەتكەن خەلقىم،


ئەي يىگىتلەر، سىلەرمۇ يېتەكچىلەرگە بويسۇنۇڭلار. ھەممىڭلار بىر-بىرىڭلارغا كەمتەر بولۇڭلار. چۈنكى، مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: «خۇدا قارشىدۇر تەكەببۇرلارغا، مېھىر-شەپقەت قىلار كەمتەرلەرگە.»


قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «شۇنداق بىر كۈن كېلىدۇكى، ئۇ كۈن خۇددى لاۋۇلداپ ئوت كۆيۈۋاتقان تونۇردەك بولىدۇ. ئۇ كۈنى تەكەببۇرلار ۋە يامانلىق قىلغۇچىلار پاخالدەك كۆيدۈرۈپ تاشلىنىدۇ. ئۇلاردىن نە يىلتىز، نە شاخ-شۇمبا قالمايدۇ.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر ماڭا قارشى گەپ قىلدىڭلار. ئەمما سىلەر مەندىن: ‹بۇ نېمە دېگىنىڭ؟ بىز ساڭا قانداق قارشى گەپ قىلدۇق؟› دەپ سورايسىلەر.


مەن ساڭا ئېيتقان ھەممە ئىشلار جەزمەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. بۇ ئىشلار ئەمەلگە ئاشقاندا، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئارىسىدا بىر پەيغەمبەرنىڭ بولغانلىقىنى بىلىشىدۇ.


مەن مۇشۇ يوللار بىلەن مىسىرنى چوقۇم جازالايمەن، شۇندىلا ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ.›»


پادىشاھ ماتەم تۇتىدۇ، يېتەكچىلىرى ئۈمىدسىزلىنىدۇ، پۇقرالارنىڭ قوللىرى تىترەيدۇ. مەن ئۇلارنى قىلمىشلىرىغا لايىق جازالايمەن. ئۇلار باشقىلارنىڭ ئۈستىدىن قانداق ھۆكۈم چىقارغان بولسا، مەنمۇ ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن شۇنداق ھۆكۈم چىقىرىمەن. شۇندىلا ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ.»


ئەمدى مەن سىلەرنى ئاياپ قويمايمەن، ئىچ ئاغرىتمايمەن. سىلەر تۇتقان يولۇڭلار ۋە يىرگىنچلىك قىلمىشىڭلار ئۈچۈن جازالىنىسىلەر. شۇندىلا سىلەر، سىلەرنى جازالىغۇچىنىڭ مەن پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىنى بىلىسىلەر.


بۇ شەھەرنى ئىشغال قىلىش ئۈچۈن دۈشمەنلەر شەھەر سېپىللىرىغا قانچىلىك كۆپ توپىلارنى دۆۋىلەيدۇ-ھە! ئۇرۇش، ئاچارچىلىق ۋە كېسەللىك سەۋەبىدىن، بۇ شەھەر ئۆزىگە ھۇجۇم قىلىۋاتقان بابىللىقلارنىڭ قولىغا چۈشىدۇ. سەن: ‹بۇ ئىشلارنى يۈز بېرىدۇ› دېگەنىدىڭ. مانا، ئەمدى بۇ ئىشلارنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىسەن.


چۈنكى مەن سىلەرنىڭ تەرسالىقىڭلارنى بىلىمەن، سىلەرنىڭ بوينۇڭلار خۇددى تۆمۈردەك، بوينۇڭلار خۇددى تۇچتەك قاتتىقتۇر.


ئى پەرۋەردىگار، سەن جازالاش ئۈچۈن قولۇڭنى كۆتۈردۈڭ، لېكىن رەزىللەر بۇنى كۆرمىدى. ئۇلار سېنىڭ ئۆز خەلقىڭنى جان دىل بىلەن قوغدايدىغانلىقىڭنى كۆرسۇن ۋە خىجىل بولسۇن. سېنىڭ غەزىپىڭ دۈشمەنلىرىڭنى ئوتقا ئوخشاش يالماپ كەتسۇن.


ئاۋۋال كېلەر تەكەببۇرلۇق ھالاكەتتىن، ھاكاۋۇرلۇق يىقىلىشتىن.


مىكايا: _ بىر كۈن كېلىدۇكى، ئۇ چاغدا سەن بىر ئۆينىڭ ئەڭ ئىچكىرىكى خانىسىغا يوشۇرۇنۇشقا مەجبۇر بولىسەن، شۇ چاغدا بۇنى بىلىسەن، _ دەپ جاۋاب بەردى.


سۈرىيە بىلەن شىمالدىكى ئىسرائىلىيە پادىشاھلىقىنىڭ ئىتتىپاقداش بولغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر يەھۇدىيەدىكى پادىشاھ ئوردىسىغا يېتىپ كەلگەندە، ئاخاز پادىشاھ ۋە بارلىق خەلق قورققىنىدىن، بوراندا سىلكىنگەن دەرەخلەردەك تىترەپ كەتتى.


پەرۋەردىگار ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىغا قارشى بىر ھۆكۈم چۈشۈردى، ئۇنىڭ بۇ ھۆكۈمى ئىسرائىللارغا يېتىپ كەلدى.


شىمالىي پادىشاھلىق ھاراقكەشلىرىنىڭ شەرەپلىك تاج-تەختى بولغان مەغرۇر شەھەر سامارىيەنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇ مۇنبەت ساينىڭ ئېگىزلىكىگە جايلاشقان شەھەر ئىدى، ئەمما ئۇنىڭ ئاجايىپ گۈزەللىكى گۈلگە ئوخشاش خازان بولىدۇ. بۇ خەلقنىڭ مەغرۇرلۇقى شاراب بىلەن ۋەيران قىلىنىدۇ.


شىمالىي پادىشاھلىق ھاراقكەشلىرىنىڭ شەرەپلىك تاج-تەختى بولغان مەغرۇر شەھەر سامارىيە دۈشمەنلىرىنىڭ ئايىغى ئاستىدا چەيلىنىدۇ.


ئىسرائىلىيە خەلقى ئۆزلىرىنى ئاپىرىدە قىلغان ئىگىسىنى ئۇنتۇپ قالدى، كۆپلەپ سارايلارنى قۇردى. يەھۇدىيە خەلقىمۇ نۇرغۇن شەھەرلىرىنى مۇستەھكەملىدى. لېكىن مەن ئۇلارنىڭ شەھەر ۋە قورغانلىرىنى كۆيدۈرۈپ تاشلايمەن.»


ئەساۋنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان ئىدوملۇقلار بەلكىم: «بىزنىڭ يۇرتىمىز ۋەيران قىلىنسىمۇ، ئەمما بىز بۇ خارابىلىكنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقالايمىز» دېيىشى مۇمكىن. بىراق قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «بەلكىم ئۇلار يەنە قايتىدىن قۇرۇپ چىقار، ئەمما مەن يەنە ۋەيران قىلىمەن. ئۇلارنىڭ زېمىنى ‹رەزىللىككە تولغان زېمىن›، خەلقى ‹پەرۋەردىگارنىڭ مەڭگۈلۈك غەزىپىگە ئۇچرىغان خەلق› دەپ نام ئالىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite