18 بۇ رەزىللىك ئوتقا ئوخشاش كۆيۈپ كېتىدۇ، بۇ ئوت ئازغان ۋە تىكەنلەرنى يالماپ كېتىدۇ. كېيىن ئۇ قويۇق ئورمانلارغىمۇ تۇتىشىپ، قويۇق ئىس-تۈتەك بولۇپ يۇقىرىغا كۆتۈرۈلىدۇ.
قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «شۇنداق بىر كۈن كېلىدۇكى، ئۇ كۈن خۇددى لاۋۇلداپ ئوت كۆيۈۋاتقان تونۇردەك بولىدۇ. ئۇ كۈنى تەكەببۇرلار ۋە يامانلىق قىلغۇچىلار پاخالدەك كۆيدۈرۈپ تاشلىنىدۇ. ئۇلاردىن نە يىلتىز، نە شاخ-شۇمبا قالمايدۇ.
كۆيدۈرۈۋەتكىن ئۇلارنى _ ئوتقا ئوخشاش ئورمانلىققا تۇتاشقان، يالقۇن كەبى تاغ باغرىغا ياماشقان.
سىلەر خۇددى ئىرماش-چىرماش بولۇپ كەتكەن تىكەنلىككە ۋە شاراب ئىچىپ مەست بولۇپ كەتكەن ئادەملەرگە ئوخشايسىلەر. سىلەر قۇرۇق سامانغا ئوخشاش پۈتۈنلەي كۆيۈپ تۈگەيسىلەر.
شۇڭا، يالقۇنجاپ يېنىۋاتقان ئوتتا كۆيۈۋاتقان پاخال ۋە غازاڭدەك، ئۇلارنىڭ يىلتىزلىرى چىرىپ، گۈل-چېچەكلىرى كۆيۈپ كېتىدۇ. ئۇلار قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ تەلىمىنى رەت قىلدى، ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدانىڭ سۆزلىرىنى كۆزگە ئىلمىدى.
ئۇنى قىينىغان ئوتنىڭ ئىس-تۈتەكلىرى مەڭگۈ پۇرقىراپ تۇرىدۇ. دىۋىگە ۋە ئۇنىڭ ھەيكىلىگە چوقۇنۇپ، ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ بەلگىسىنى ئۇرغۇزغانلارغا كېچە-كۈندۈز ئاراملىق بولمايدۇ.»
ئەكسىچە، تىكەن ۋە قامغاق ئۆستۈرگەن يەر پايدىسىزلىقىدىن خۇدانىڭ لەنىتىگە قېلىپ، ئاخىرى كۆيدۈرۈلىدۇ.
ئاندىن سول يېنىدىكىلەرگە: «ئەي لەنىتىلەر، كۆزۈمدىن يوقىلىڭلار! شەيتان بىلەن ئۇنىڭ غالچىلىرىغا ھازىرلانغان مەڭگۈ ئۆچمەس دوزاخ ئوتىغا كىرىڭلار!
خۇدانىڭ غەزىپى تاشسا، كىممۇ چىدىيالىسۇن؟ كىممۇ ئۇنىڭ غەزەپ ئوتىغا بەرداشلىق بېرەلىسۇن؟ ئۇنىڭ غەزىپى خۇددى ئوتتەك ياغىدۇ. قورام تاشلار ئۇنىڭ ئالدىدا پارە-پارە بولۇپ كېتىدۇ.
ئاندىن ئىگەم پەرۋەردىگار ماڭا باشقا بىر غايىبانە ئالامەتنى كۆرسەتتى. ئۇ ئۆز خەلقىنى كۆيدۈرۈپ جازالاش ئۈچۈن ئوتقا ئەمر قىلىپتۇ. ئوت يەر ئاستىدىكى بۈيۈك سۇلارنى قۇرۇتۇپ، زېمىننى كۆيدۈرۈشكە باشلاپتۇ.
شىمالدىن كەلگەن دۈشمەننى قوغلاپ چىقىرىمەن، ئۇلارنى قاقاس ۋە چۆل بىر يەرگە قوغلىۋېتىمەن. ئالدىن يۈرەر قوشۇننى ئۆلۈك دېڭىزغا، قالغان قوشۇنلارنى ئوتتۇرا دېڭىزغا غەرق قىلىمەن. ئۇلارنىڭ ئۆلۈكلىرىنىڭ سېسىق پۇرىقى جاھاننى بىر ئالىدۇ.» پەرۋەردىگار ھەقىقەتەن بۈيۈك ئىشلارنى قىلدى.
شۇڭا ئۇلار خۇددى سەھەردىكى تۇمان ۋە ئەتىگەندىكى شەبنەمدەك، خامان ئۈستىدە ئۇچۇپ يۈرگەن توپاندەك، تۇرخۇندىن ئۇچۇپ چىققان ئىستەك بىر دەمدىلا غايىب بولىدۇ.
خۇددى كېسىپ تاشلانغان تىكەن ئوتقا تاشلانغاندەك، خەلقلىرىڭلار پۈتۈنلەي كۆيۈپ، كۈل بولىدۇ.
پەرۋەردىگار بۇرۇنلا ئاسسۇر پادىشاھىنى كۆيدۈرىدىغان جاي تەييارلاپ قويغان. ئوت ئازگىلى چوڭقۇر ھەم كەڭ، ئۇنىڭدا نۇرغۇن ئوتۇنلار بار. پەرۋەردىگارنىڭ نەپىسى خۇددى يانارتاغ بولۇپ، ئۇنىڭغا ئوت تۇتاشتۇرىدۇ.
خۇددى ئۇلۇغ ئوت ھەممە نەرسىنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدىغاندەك، خۇددى جۇدۇن-چاپقۇن ئېلىپ كەلگەن قارا يامغۇر بىلەن مۆلدۈردەك، پەرۋەردىگار ئۇلۇغ ئاۋازىنى ھەممە ئادەمگە ئاڭلىتىدۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ جازالايدىغان غەزەپلىك قولىنى ھەممە ئادەمگە كۆرسىتىدۇ.
مەن ئەمدى ئۇنىڭغا غەزەپ ياغدۇرمايمەن. خەلقىمنىڭ دۈشمەنلىرى تىكەن ۋە ئازغانلارغا ئوخشاش ئۈنۈپ چىقىۋەرسۇن! مەن دەرھال ئۇلار بىلەن جەڭ قىلىپ، ئۇلارنى كۆيدۈرۈۋېتىمەن،
كۈچلۈكلەر قۇرۇق چۆپكە ئوخشاپ قالىدۇ، ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرى ئۇچقۇنغا ئوخشايدۇ، ئۇلار قىلغان ئىشلىرى بىلەن بىرلىكتە كۆيۈپ كېتىدۇ، ھېچكىم بۇ ئوتنى ئۆچۈرەلمەيدۇ.
بىراق ھالاك بولار رەزىللەر، پەرۋەردىگارنىڭ دۈشمەنلىرى ياۋا گۈلدەك توزۇپ تۈگەر، ئىس-تۈتەكتەك غايىب بولۇپ، يوقاپ كېتەر.
غەزىپىم ئوتتەك يانماقتا، ئۆرتەپ تۈگىتەر پۈتۈن جاھاننى. تۇتىشىپ بۇ ئوت گۆرنىڭ تېگىگىچە يالماپ يۇتىدۇ تاغلارنى يىلتىزلىرىغىچە.
شامال ئۇچۇرۇپ كەتكەندەك ئىس-تۈتەكنى، خۇدا جەزمەن يوق قىلىدۇ رەزىللەرنى. ھالاك بولار رەزىللەر خۇدا ئالدىدا، خۇددى مومدەك ئېرىگەن ئوتتا.
ئېلىڭلار خاراب قىلىنغان، شەھەرلىرىڭلار كۆيدۈرۈلگەن. ئېتىزلىرىڭلار كۆز ئالدىڭلاردا ياتلار تەرىپىدىن ۋەيران قىلىندى. زېمىنىڭلار ياتلار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىپ، خارابىلىككە ئايلاندى.
ئى پەرۋەردىگار، سەن جازالاش ئۈچۈن قولۇڭنى كۆتۈردۈڭ، لېكىن رەزىللەر بۇنى كۆرمىدى. ئۇلار سېنىڭ ئۆز خەلقىڭنى جان دىل بىلەن قوغدايدىغانلىقىڭنى كۆرسۇن ۋە خىجىل بولسۇن. سېنىڭ غەزىپىڭ دۈشمەنلىرىڭنى ئوتقا ئوخشاش يالماپ كەتسۇن.
سىئون تېغىدىكى گۇناھكارلارنى قورقۇنچ باسىدۇ. ئىمانسىزلارنى تىترەك باسىدۇ. ئۇلار سورىشىدۇ: «بىزنىڭ ئارىمىزدىن كىملەر پەرۋەردىگارنىڭ ئوتلۇق ھۇزۇرىدا تۇرالايدۇ؟ ئارىمىزدىن كىملەر مەڭگۈلۈك ئوت ئىچىدە ياشىيالايدۇ؟»
لېكىن، ئوت يېقىپ، ئۆزى ئۈچۈن مەشئەل تەييارلىغانلار، شۇ مەشئەلنىڭ يورۇقىدا مېڭىۋەرسۇن! ئۇلار ھامان ئازاب ئىچىدە ياتىدۇ، بۇ ئاقىۋەتنى خۇدا ئۆز قولى بىلەن ئۇلار ئۈچۈن تەييارلىغاندۇر.
ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئوت يانىدۇ، ئارقىسىدىمۇ ئاتەش يالقۇنلايدۇ. ئۇلار كېلىشتىن بۇرۇن زېمىن ئېرەم باغدەك گۈزەل بولسا، كېلىپ كەتكەندىن كېيىن قاقاسلىققا ئايلىنىدۇ. ھېچنېمە ئۇلاردىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.
ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى ئوتقا، يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرى يالقۇنغا ئوخشايدۇ. لېكىن ئەساۋنىڭ ئەۋلادلىرى پاخالغا ئوخشايدۇ. ئۇلار كۆيۈپ، پۈتۈنلەي يوقىلىدۇ. ئەساۋنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ھېچكىم قالمايدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»
شۇ ئىشلاردىن كېيىن ئىسرائىلىيەدىكى خەلق ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتتى. خەلقنىڭ يېرىمى گىناتنىڭ ئوغلى تىبنىغا ئەگىشىپ، ئۇنى ئۆزلىرىگە پادىشاھ قىلماقچى بولدى. قالغان يېرىمى ئومرىغا ئەگەشتى.
خەلق بىر-بىرىگە زۇلۇم سالىدۇ، ھەتتا قوشنىلارمۇ بىر-بىرىگە زۇلۇم سالىدۇ. ياشلار قېرىلارنى خورلايدۇ، پەسكەش ئادەملەر ئابرۇيلۇقلارنى مەنسىتمەيدۇ.»
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلارنىڭ تىللىرى خۇددى ئوقيادەك ئەجەللىكتۇر. يالغانچىلىق ۋە سەمىمىيەتسىزلىك بۇ زېمىننى قاپلىغان. ئۇلار ئارقا-ئارقىدىن يامان ئىش قىلىدۇ، مېنى تونۇمايدۇ.