11 بىراق پەرۋەردىگار رىزىن پادىشاھنىڭ دۈشمەنلىرىنى ئىسرائىللارغا قارشى ئەۋەتىدۇ، ئىسرائىللارنىڭ باشقا رەقىبلىرىنىمۇ ئۇلارغا قارشى قوزغايدۇ.
چۈنكى دەمەشق شەھىرى سۈرىيەنىڭ بېشى بولسىمۇ، لېكىن دەمەشقنىڭ بېشى بولغان رىزىن پەقەت بىر ئاجىز بەندىغۇ؟ شىمالدىكى ئىسرائىلىيە پادىشاھلىقىمۇ 65 يىل ئىچىدە بىتچىت قىلىنىپ، خەلقىمۇ يوق قىلىنىدۇ،
شۇنىڭ بىلەن ئاسسۇر پادىشاھى ماقۇل بولۇپ، ئاررامنىڭ پايتەختى دەمەشقنى ھۇجۇم بىلەن ئالدى. ئاھالىسىنى قىر زېمىنىغا سۈرگۈن قىلدى، پادىشاھ رىزىننىمۇ ئۆلتۈرۈۋەتتى.
ئىسرائىلىيە پادىشاھى پەقاخنىڭ زامانىدا، ئاسسۇر پادىشاھى تىگلات-پىلئەسەر ئىيون، ئابېل-بەيتمائاكا، يانوۋاخ، قەدەش، خازور شەھەرلىرى، گىلئاد بىلەن جەلىلىيە زېمىنلىرى ۋە نافتالى قەبىلىسىنىڭ پۈتۈن زېمىنىنى ئىگىلەپ، خەلقىنى ئەسىر قىلىپ، ئاسسۇرغا ئېلىپ كەتتى.
پادىشاھ ئۇززىيانىڭ نەۋرىسى، يوتەمنىڭ ئوغلى ئاخاز يەھۇدىيەدە پادىشاھ بولغان مەزگىلدە، سۈرىيە پادىشاھى رىزىن بىلەن رىماليانىڭ ئوغلى، يەنى ئىسرائىلىيە پادىشاھى پەقاخ يېرۇسالېمغا ئۇرۇش ئاچتى، بىراق غالىب كېلەلمىدى.
شۇ سەۋەبتىن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز خەلقىگە غەزىپى قوزغالدى، ئۇلارغا زەربە بېرىش ئۈچۈن قولىنى كۆتۈرىدۇ. تاغلار تەۋرىنىپ، جەسەتلەر خۇددى ئەخلەتكە ئوخشاش، كوچىلاردا ياتىدۇ. شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ غەزىپى بېسىلمايدۇ، ئۇ كۆتۈرگەن قولىنى يەنىلا چۈشۈرمەيدۇ.
ئۇ چاغدا سىلەرنىڭمۇ باشقا ئەسىرلەرگە ئوخشاش تىز پۈكۈشتىن باشقا ئامالىڭلار يوق، ياكى ئۇرۇشتا ئۆلگەنلەرگە ئوخشاش ئۆلىسىلەر. شۇنداقتىمۇ پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى بېسىلمايدۇ، ئۇ كۆتۈرگەن قولىنى يەنىلا چۈشۈرمەيدۇ.
شىمالىي پادىشاھلىق ھاراقكەشلىرىنىڭ شەرەپلىك تاج-تەختى بولغان مەغرۇر شەھەر سامارىيەنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇ مۇنبەت ساينىڭ ئېگىزلىكىگە جايلاشقان شەھەر ئىدى، ئەمما ئۇنىڭ ئاجايىپ گۈزەللىكى گۈلگە ئوخشاش خازان بولىدۇ. بۇ خەلقنىڭ مەغرۇرلۇقى شاراب بىلەن ۋەيران قىلىنىدۇ.