Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 9:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 لېكىن ئەمدى بۇ كۈلپەتلىك زېمىندا ئازاب ئۇزاق داۋاملاشمايدۇ. بۇرۇن پەرۋەردىگار زەبۇلۇن ۋە نافتالى زېمىنلىرىنى شەرمەندىچىلىكتە قويغانىدى. بىراق كېيىنچە، ئوتتۇرا دېڭىز بويىدىكى يولدىن تارتىپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ قارشى تەرىپىدىكى يەرلەر ۋە يەھۇدىي ئەمەسلەر تۇرىدىغان جەلىلىيەگىچە شان-شەرەپكە تولدۇرىدۇ.

Gade chapit la Kopi




يەشايا 9:1
10 Referans Kwoze  

ئىسرائىلىيە پادىشاھى پەقاخنىڭ زامانىدا، ئاسسۇر پادىشاھى تىگلات-پىلئەسەر ئىيون، ئابېل-بەيتمائاكا، يانوۋاخ، قەدەش، خازور شەھەرلىرى، گىلئاد بىلەن جەلىلىيە زېمىنلىرى ۋە نافتالى قەبىلىسىنىڭ پۈتۈن زېمىنىنى ئىگىلەپ، خەلقىنى ئەسىر قىلىپ، ئاسسۇرغا ئېلىپ كەتتى.


ئۇلار ئەتراپىغا قاراپ، پەقەت ئازاب، قاراڭغۇلۇق ۋە قورقۇنچلۇق كۈلپەتنى كۆرىدۇ. ئۇلار تۇم قاراڭغۇلۇققا تاشلىنىدۇ.


پادىشاھ بەنھاداد ئاسا پادىشاھنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، سەركەردىلىرىنى قوشۇنلىرى بىلەن ئىسرائىلىيە شەھەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتتى. ئۇلار ئىيون، دان، بەيت-مائاكادىكى ئابېل شەھەرلىرى ۋە نافتالى زېمىنىدىكى ئامبارلار جايلاشقان بارلىق شەھەرلەرنى ئىشغال قىلدى.


شۇڭا ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ئاسسۇرىيە پادىشاھى پۈلنى، يەنى تىگلات-پىلئەسەرنى رۇبېن ۋە گاد قەبىلىلىرىگە ۋە ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمىغا ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتتى. پادىشاھ پۈل ئۇلارنى خالاخ، خابور ۋە ھارا دېگەن يەرلەرگە ھەمدە گوزان دەرياسىنىڭ بويلىرىغا سۈرگۈن قىلدى. شۇنىڭدىن بېرى ئۇلار شۇ يەرلەردە ياشاپ كەلمەكتە.


مەنمۇ سىلەرگە قارشى تۇرۇپ، غەزىپىمنى ياغدۇرىمەن. سىلەرنى گۇناھىڭلار تۈپەيلىدىن ھەسسىلەپ جازالايمەن.


مەنمۇ سىلەرگە قارشى تۇرىمەن، گۇناھىڭلار تۈپەيلىدىن ھەسسىلەپ قاتتىق زەربە بېرىمەن.


ئاندىن، ئۇ مۇقەددەس يازمىلاردا مۇسا ۋە باشقا بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۆزى ھەققىدە ئالدىن يېزىلغانلىرىنى ئۇلارغا سۆزلەپ چۈشەندۈردى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite