Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 8:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

9 ئەي يات خەلقلەر، سىلەر كۇكۇم-تالقان بولىسىلەر، ئەي يىراقتىكى ئەللەر، سىلەر قۇلاق سېلىڭلار، ساۋۇتىڭلارنى كىيىڭلار، لېكىن كۇكۇم-تالقان بولىسىلەر، ساۋۇتىڭلارنى كىيىڭلار، بىراق بەرىبىر كۇكۇم-تالقان بولىسىلەر!

Gade chapit la Kopi




يەشايا 8:9
24 Referans Kwoze  

سۆزسىزكى، يامانلار چوقۇم جازالىنار، ھەققانىيلارنىڭ ئەۋلادى قۇتقۇزۇلار.


شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئەلچىگە: _ بەنھادادقا: «ئادەم دۇبۇلغا-ساۋۇتنى كىيىشتىن بۇرۇن ئەمەس، بەلكى يەشكەندىن كېيىن ماختىنىشى كېرەك!» دەڭلار، _ دېدى.


ئەگەر بىراۋ ساڭا ھۇجۇم قىلماقچى بولسا، بىلگىنكى ئۇ ھەرگىزمۇ مېنىڭ ئىرادەم ئەمەس، ساڭا ھۇجۇم قىلغانلارنى چوقۇم مەغلۇپ قىلىسەن.


ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئاسسۇرلارنىڭ بارگاھىغا بېرىپ، 185 مىڭ لەشكىرىنى ئۆلتۈرۈپ تاشلىدى. ئاسسۇر لەشكەرلىرى ئەتىسى ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپ، پۈتۈن يەرنى جەسەتلەر قاپلاپ كەتكىنىنى كۆردى.


شۇڭا پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلارغا قىلغان سۆزلىرى ئۇلارغا «ئۇنى قىل، بۇنى قىل، ئۇ يەردە، بۇ يەردە» دېگەندەك چۈشىنىكسىز ئاڭلىنىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئۇلار ماڭغاندا يىقىلىدۇ، يارىلىنىدۇ، تۇزاققا چۈشۈپ تۇتۇلىدۇ.


سىلەر ئەندىشە قىلىۋاتقان بابىل پادىشاھىدىن قورقماڭلار. مەن سىلەرگە دەيمەنكى، ھەرگىز ئۇنىڭدىن قورقماڭلار، چۈنكى مەن سىلەر بىلەن بىرگە تۇرۇپ، سىلەرنى قوغدايمەن ھەمدە ئۇنىڭ قولىدىن سىلەرنى قۇتقۇزىمەن.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي بابىل، سەن مېنىڭ كالتىكىم، ئۇرۇش قورالىمدۇرسەن. سەن ئارقىلىق ئەللەرنى كۇكۇم-تالقان قىلدىم، پادىشاھلىقلارنى تارمار قىلدىم.


ھازىرلان، ئەتراپىڭغا كېلىپ توپلانغان قوشۇنۇڭ بىلەن تەييار بول، سەن ئۇلارغا باشچىلىق قىلىسەن.


بۇ پادىشاھلار بىرلىشىپ، ئىسرائىللار بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن قوشۇنلىرىنى باشلاپ، مېروم يېنىدىكى سۇ بويلىرىدا بارگاھ قۇردى.


«مىسىر سەركەردىلىرى ۋارقىراپ: ‹چوڭ-كىچىك قالقانلىرىڭلارنى تەييارلاپ، ئۇرۇشقا ئاتلىنىڭلار!


ئاتلىرىڭلارنى جەڭ ھارۋىلىرىغا قېتىپ، ھارۋىلىرىڭلارغا چىقىڭلار! دۇبۇلغىلارنى كىيىپ، سەپ تۈزۈپ تۇرۇڭلار! نەيزىلىرىڭلارنى ئۇچلاپ ئۆتكۈر قىلىڭلار، ساۋۇتىڭلارنى كىيىڭلار!› دەيدۇ.


يەنە نۇرغۇن يىلدىن كېيىن سەن جەڭگە چاقىرىلىسەن. كېيىنكى ۋاقىتلاردا سەن ئۇزۇن يىل تاشلىنىپ قېلىپ، ئۇرۇشتىن كېيىن قايتا ئەسلىگە كەلگەن زېمىنغا، يەنى ھەرقايسى ئەللەردىن قايتۇرۇپ كېلىنگەن خەلق خاتىرجەم ياشاۋاتقان ئىسرائىلىيەنىڭ تاغلىرىغا ھۇجۇم قىلىسەن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite