Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 8:19 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

19 ئادەملەر سىلەرگە: «ئۆلگەنلەرنىڭ روھىدىن ياردەم تىلەپ ئەپسۇن ئوقۇيدىغانلارنىڭ قېشىغا بېرىڭلار» دەيدۇ. ئىنسان ئۆز تەقدىرىنى بىلىش ئۈچۈن خۇداغا مۇراجىئەت قىلماستىن، ئۆلۈكلەرگە مۇراجىئەت قىلىشى كېرەكمۇ؟

Gade chapit la Kopi




يەشايا 8:19
28 Referans Kwoze  

سائۇل پەرۋەردىگارغا قىلغان ۋاپاسىزلىقى ئۈچۈن ھالاك بولدى. ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغان ئەمرىگە رىئايە قىلمىدى. ھەتتا ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسىنى بىلىپ بېقىشنى خالىمىدى، ئەكسىچە ئەرۋاھ چاقىرىدىغان باخشى ئايالدىن مەسلىھەت سورىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگار ئۇنى ئۆلتۈرۈپ، پادىشاھلىقىنى يىشاينىڭ ئوغلى داۋۇتقا بەردى.


ئەگەر بىرسى مەندىن تېنىپ ئەرۋاھ چاقىرغۇچىلار ياكى جادۇگەرلەردىن ئۈمىد كۈتسە، مەن ئۇنىڭغا قارشى چىقىپ، خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىمەن.


ماناسسە ئۆز ئوغۇللىرىنى بەنھىننوم جىلغىسىدا قۇربانلىق قىلىپ، ئوتتا كۆيدۈردى. پالچىلىق، باخشىلىق، جادۇگەرلىك قىلىش ۋە ئەرۋاھلاردىن مەدەت تىلەشتەك پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان نۇرغۇن گۇناھلىق ئىشلارنى قىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى.


پېئور تېغىدا ئۇلار بائال ئىلاھىغا چوقۇنۇپ، ئۆلۈكلەرگە ئاتالغان قۇربانلىقلارنى يېيىشتى.


ئەرۋاھ چاقىرغۇچىلاردىن ياكى جادۇگەرلەردىن ئۈمىد كۈتۈپ، ئۆزۈڭلارنى بۇلغىماڭلار. مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن.


سەن يىقىلىپ چۈشۈپ، توپىدا يېتىپ سۆزلەيسەن. سېنىڭ سۆزلىرىڭ توپىدىن ئارانلا ئاڭلىنىدۇ. سېنىڭ ئاۋازىڭ يەر ئاستىدىن كەلگەن جىننىڭ ئاۋازىدەك ئاڭلىنىدۇ. سېنىڭ سۆزلىرىڭ تۇپراقتىن كەلگەن پىچىرلاشتەك بىلىنىدۇ.


مىسىرلىقلارنىڭ ئىرادىسىنى سۇندۇرۇپ، ئۇلارنىڭ پىلانلىرىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىمەن. ئۇلار ئۆز بۇتلىرىدىن ياردەم تىلەيدۇ، ئۇلار روھلار بىلەن سۆزلىشىدىغان ئادەملىرىدىن، باخشىلىرى ۋە پالچىلىرىدىن ياردەم تىلەيدۇ.


شۇنداق قىلىپ، سائۇل كىيىملىرىنى يەڭگۈشلەپ، تەق-تۇرقىنى ئۆزگەرتىپ، ئىككى ئادىمىنى ئېلىپ، كېچىسى ھېلىقى باخشى ئايالنىڭ قېشىغا باردى. سائۇل ئۇنىڭغا: _ سىزدىن ئىلتىماسىم، مەن ئۈچۈن ئەرۋاھلاردىن مەسلىھەت سورىسىڭىز، مەن ئىسمىنى ئېيتقان كىشىنىڭ روھىنى چاقىرىپ بەرسىڭىز، _ دېدى.


ئەپسۇن ئوقۇيدىغانلار، ئەرۋاھ چاقىرىدىغانلار، جادۇگەرلىك قىلىدىغانلار، ئۆلۈكلەردىن مەدەت تىلەيدىغانلار بولمىسۇن.


پەقەت پەرۋەردىگارلا بىردىنبىر ھەقىقىي خۇدادۇر. ئۇ ھاياتتۇر، مەڭگۈ پادىشاھتۇر. ئۇ ئاچچىقلانغاندا يەر-زېمىن تىترەيدۇ. ھېچقانداق ئەل ئۇنىڭ غەزىپىگە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ.


ئۇ ئۆز ئوغلىنى قۇربانلىق قىلىپ، ئوتتا كۆيدۈردى. پالچىلىق، باخشىلىق ۋە ئەرۋاھلاردىن مەدەت تىلەشتەك پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان نۇرغۇن گۇناھلىق ئىشلارنى قىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى.


شۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى تىشبىلىك ئىلياسقا مۇنداق دېدى: _ پادىشاھنىڭ سامارىيەدىن كېلىدىغان ئەلچىلىرىنى كۈتۈۋېلىشقا تەييارلانغىن. سەن ئۇلارغا: «ئەقروننىڭ ئىلاھى بائال-زىبۇبتىن پادىشاھنىڭ ساقىيالايدىغان ياكى ساقىيالمايدىغانلىقىنى سوراشقا كېتىۋاتامسىلەر؟ سىلەرچە ئىسرائىلىيەدە خۇدا يوقمۇ؟


يوشىيا يەنە باش روھانىي خىلقىيا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىن تېپىپ چىققان يازمىغا پۈتۈلگەن تەۋرات قانۇنىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن يەھۇدىيەدىكى، جۈملىدىن يېرۇسالېمدىكى بارلىق داخان، باخشىلارنى، بۇتلارنى، شۇنداقلا كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىدىكى بۇتلارنى، يەنى ھەممە يىرگىنچلىك نەرسىلەرنى يوقاتتى.


سامۇئىل: _ پەرۋەردىگار سېنى تاشلاپ، ساڭا دۈشمەن بولغان بولسا، ئەمدى يەنە نېمىدەپ مەندىن مەسلىھەت سوراپ يۈرىسەن؟


بۇرۇن ئىسرائىل خەلقى ئىچىدە ساختا پەيغەمبەرلەر بولغىنىدەك، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىمۇ ساختا تەلىم بەرگۈچىلەر مەيدانغا چىقىدۇ. ئۇلار ئادەملەرنى ھالاك قىلىدىغان ساختا تەلىملەرنى ئاراڭلارغا يوشۇرۇن كىرگۈزىدۇ. ئۇلار ھەتتا ئۆزلىرىنىڭ گۇناھلىرىنىڭ بەدىلىنى تۆلەپ جېنىنى قۇربان قىلغان رەبنىمۇ رەت قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار تېزلا ئۆز بېشىغا ھالاكەت كەلتۈرىدۇ.


_ مەن سىزگە كىمنى چاقىرىپ بېرەي؟ _ دېدى باخشى ئايال. _ ماڭا سامۇئىلنى چاقىرىپ بەرسىڭىز، _ دېدى سائۇل.


بىز بارغان جايدىكى كىشىلەر سىلەرنىڭ بىزنى ئىللىق قوبۇل قىلغانلىقىڭلارنى ئاڭلىغانىدى. ئۇلار سىلەرنىڭ بۇتلارغا چوقۇنۇشتىن ۋاز كېچىپ، ھايات بولغان ھەقىقىي خۇداغا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا يۈزلەنگەنلىكىڭلارنى بىزگە ئېيتتى.


بىر كۈنى بىز يەھۇدىيلار دۇئا قىلىدىغان جايغا يەنە بىر قېتىم بارغاندا، ئالدىمىزغا بىر دېدەك چىقتى. بۇ قىزغا جىن چاپلىشىۋالغان بولۇپ، بۇ روھ ئۇنى باشقىلارنىڭ كەلگۈسىدىكى ئىشلىرىغا پال سالىدىغان قىلىپ قويغانىدى. ئۇ خوجايىنلىرىغا پال سېلىش ئارقىلىق نۇرغۇن پۇل تېپىپ بەرگەنىدى.


بۇ پۇچەك باشاقلار ھېلىقى تولۇق يېتىلگەن باشاقلارنى يۇتۇۋەتتى. مەن بۇ چۈشۈمنى چۈشكە تەبىر بەرگۈچىلەرگە ئېيتىپ بەرگەنىدىم، لېكىن ھېچكىم تەبىر بېرەلمىدى.


ئۇ ھۆكۈمرانلار ئۆلدى، قايتا تىرىلمەيدۇ. ئۇلار گۆردە ياتىدۇ، قايتىپ كەلمەيدۇ. چۈنكى سەن ئۇلارنى جازالاپ، يوقاتتىڭ. ئۇلارنى دۇنيانىڭ ئېسىدىن پۈتۈنلەي چىقىرىۋەتتىڭ.


ئۇلار مېنىڭ رۇخسىتىمسىز مىسىرغا باردى. ئۇلار پىرئەۋندىن ئۆزلىرىنى قوغداشنى تەلەپ قىلىشتى. ئۇلار مىسىردىن پاناھلىق ئىزدەشتى.


ئىسرائىللار تاللىغان مۇقەددەس خۇدا، ئىسرائىل خەلقىنىڭ ياراتقۇچىسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر ئۆز خەلقىمنىڭ تەقدىرى توغرۇلۇق مېنى سوراققا تارتماقچىمۇ؟ سىلەر ماڭا قانداق قىلىشىم كېرەكلىكىنى دەپ بەرمەكچىمۇ؟


قېنى، بالىلىقىڭدىن تارتىپ ئىشلىتىپ ئادەتلەنگەن سېھىر، ئەپسۇنلىرىڭنى ئىشقا سالغىنچۇ، بەلكىم ئۇنىڭ ساڭا ئازراق ياردىمى تېگىپ قالار، بەلكىم دۈشمەنلىرىڭنى قورقۇتالارسەن؟


ساڭا بېرىلگەن مەسلىھەتلەر سېنى ھالىڭدىن كەتكۈزدى. قېنى ئەمدى ئاشۇ مۇنەججىملىرىڭ؟ قېنى ئەمدى يۇلتۇزلارغا قاراپ تەبىر بەرگۈچىلىرىڭ؟ قېنى، ھەر يېڭى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى تەقدىرىڭنى ئالدىن ئيتىپ بېرىدىغان پالچىلىرىڭ؟ ئەمدى شۇلار كېلىپ سېنى بۇ بالايىئاپەتتىن قۇتقۇزۇپ باقسۇنچۇ!


شۇڭا ساختا پەيغەمبەرلىرىڭلارنىڭ ياكى پالچىلىق، چۈش ئۆرۈش، ئۆلۈكلەردىن مەسلىھەت سوراش ياكى سېھىرگەرلىك قىلىش ئارقىلىق كەلگۈسىنى مۆلچەرلەيدىغان ئاشۇ كىشىلەرنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىماڭلار. ئۇلار سىلەرگە دائىم: ‹سىلەرنىڭ بابىل پادىشاھىغا خىزمەت قىلىشىڭلارنىڭ ھاجىتى يوق› دەپ ئېيتىدۇ.


سىلەردىكى سېھىرگەرلىكنى يوقىتىمەن. سىلەردە پالچىلار قالمايدۇ.


ئاراڭلاردا ئوغۇل-قىزىنى كۆيدۈرۈپ قۇربانلىق قىلىدىغانلار، پال سالىدىغانلار، رەمچىلەر، سېھىرگەرلەر،


شۇڭا ئۇ ئەمەلدارلىرىغا: _ ماڭا ئەرۋاھ چاقىرالايدىغان بىر ئايال تېپىپ كېلىڭلار، مەن ئۇ ئارقىلىق ئۆلگەنلەردىن سوراپ باقاي، _ دېدى. _ ئېندوردا ئەرۋاھ چاقىرالايدىغان بىر باخشى ئايال بار، _ دېدى ئەمەلدارلار.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite