15 نۇرغۇن ئادەملەر بۇ تاشقا پۇتلىشىدۇ، ئۇلار يىقىلىپ، پارچە-پارچە بولۇپ كېتىدۇ. ئۇلار قاپقانغا چۈشۈپ ئەسىر بولىدۇ.»
بۇ «تاش»~قا يىقىلغان كىشى پارە-پارە بولۇپ كېتىدۇ. «تاش» كىمنىڭ ئۈستىگە چۈشسە، شۇنى كۇكۇم-تالقان قىلىۋېتىدۇ.
شۇڭا پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلارغا قىلغان سۆزلىرى ئۇلارغا «ئۇنى قىل، بۇنى قىل، ئۇ يەردە، بۇ يەردە» دېگەندەك چۈشىنىكسىز ئاڭلىنىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئۇلار ماڭغاندا يىقىلىدۇ، يارىلىنىدۇ، تۇزاققا چۈشۈپ تۇتۇلىدۇ.
شۇنداقتىمۇ، بىز يەتكۈزۈۋاتقان خۇش خەۋەر يەنىلا ئەيسا مەسىھنىڭ كرېستكە مىخلىنىپ قۇربان بولۇشىدىن ئىبارەتتۇر. يەھۇدىيلار ئۇنى ھاقارەت دەپ قارىسا، گرېكلار ئۇنى ئەخمىقانىلىك دەپ قارايدۇ.
بۇ نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، ئۇلار ئېتىقادقا ئەمەس، بەلكى ياخشى ئەمەللىرىگە تايىنىپ ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىشقا تىرىشتى. بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار تاشقا، يەنى ئەيسا مەسىھكە پۇتلىشىپ يىقىلىپ چۈشتى.
بۇنىڭ بىلەن، ئەگەشكۈچىلىرىدىن خېلى كۆپى چېكىنىپ چىقىپ، ئۇنىڭغا ئەگەشمەيدىغان بولدى.
ئۇلارغا پىسەنت قىلماڭلار؛ ئۇلار قارىغۇلارغا يول باشلايدىغان قارىغۇلاردۇر. ئەگەر قارىغۇ قارىغۇنى يېتەكلىسە، ھەر ئىككىسى ئورىغا چۈشۈپ كېتىدۇ.
يەھياغا يەنە: «مەندىن گۇمانلانماي، ماڭا تەۋرەنمەي ئىشەنگەنلەر نېمىدېگەن بەختلىك!» دەپ قويۇڭلار، - دېدى.
بىز خۇددى قارىغۇلاردەك تامنى سىلايمىز، خۇددى ئەما ئادەمدەك ئەتراپىمىزنى ئىزدەيمىز. چۈش ۋاقتىدىمۇ پۇتلىشىمىز خۇددى شام ۋاقتىدىكىدەك، كۈچتۈڭگۈرلەر ئارىسىدا بىز خۇددى ئۆلۈك ئادەمگە ئوخشايمىز.
ئۇلار كۆپ سۈت بەرگەنلىكتىن، بۇ ئادەم سۈزمە يەيدۇ. شۇ زېمىندا قالغانلارنىڭ ھەممىسىمۇ سۈزمە ۋە بال يەيدۇ.
ئىگەم پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن سىئون تېغىغا بىر تاش قويىمەن، ئۇ سىناقتىن ئۆتكەن قىممەتلىك تاشتۇر، ئۇ مۇستەھكەم بىر ئىمارەتنىڭ ئۇل تېشىدۇر، بۇ تاشقا ئىشىنىپ، ئۇنىڭغا تايانغان ئادەم خاتىرجەم تۇرىدۇ.
شۇڭا، مەن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: مەن چوقۇم بۇ كىشىلەرنىڭ يولىغا پۇتلىشىدىغان توسالغۇ قويىمەن. ئاتا-ئانىلار ۋە بالىلار ئۇلارغا پۇتلىشىپ يىقىلىپ چۈشىدۇ. دوست-بۇرادەرلەر ۋە قولۇم-قوشنىلارمۇ ۋەيران بولىدۇ.»