يەشايا 8:13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى13 مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارىڭنى مۇقەددەس دەپ بىل، پەقەت مەندىن قورققىن، پەقەت مەندىن ۋەھىمە قىل. Gade chapit la |
پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا خەلقىم بۇ يەردە ماڭا ئىبادەت قىلسۇن دەپ، تاللىغان جايدا تەقدىم قىلىڭلار. تەقدىم قىلىنغان ئوندىن بىر ئۈلۈش ئاشلىق، شاراب، زەيتۇن يېغى، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنىڭ تۇنجى تۇغۇلغانلىرىنى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا يەڭلار، ئىچىڭلار. شۇنداق قىلىپ، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادىن بىر ئۆمۈر ئەيمىنىشنى ئۆگىنىسىلەر.
ئۇ ئىككى ئۆكۈزنى سويۇپ، پارچىلاپ، ئۇلارنىڭ گۆشلىرىنى خەۋەرچىلەردىن پۈتكۈل ئىسرائىلىيە زېمىنىغا ئەۋەتىپ: _ ئەمدى كىمكى سائۇل بىلەن سامۇئىلغا ئەگىشىپ ئۇرۇشقا ئاتلانمىسا، ئۇنىڭ بۇقىلىرىمۇ مۇشۇنداق پارچىلىنىدۇ _ دەپ ئېلان قىلغۇزدى. پەرۋەردىگار خەلققە سائۇلنىڭ قەھرى ئارقىلىق شۇنداق قورقۇنچ سالدىكى، ئۇلار بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ ئۇرۇشقا تەييار بولدى.