يەشايا 7:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى6 ‹يەھۇدىيەگە ھۇجۇم قىلىپ، خەلقنى ۋەھىمىگە سېلىپ، ئۇ يەرنى ئىشغال قىلايلى. كېيىن ئۇ يەرگە تابىئالنىڭ ئوغلىنى پادىشاھ قىلىپ تىكلەيلى› دەۋاتىدۇ. Gade chapit la |
شىمالىي قەبىلىلەردىن كەلگەن ئىسرائىللار پادىشاھ رىخوبئامنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئۆتۈنۈشلىرىنى ئاڭلىمىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا: _ يىشاينىڭ ئوغلى داۋۇتنىڭ بىزگە ئۆتكۈزۈپ قويغىنى يوق، ھەم بىزنىڭ ئۇنىڭدا قەرزىمىزمۇ يوق. ھەي ئىسرائىللار، ئۆيلىرىمىزگە قايتايلى! ئەي داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرى، ئۆز خانىدانلىقىڭلارغا ئۆزۈڭلار ئىگە بولۇڭلار! _ دېيىشتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆيلىرىگە قايتىشتى.
لېكىن يىھوشەبا ئاخازيانىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ئالدىدا تۇرغان ئوغۇللىرى ئارىسىدىن يوئاش ئىسىملىك ئوغلىنى ئېلىپ چىقىپ، ئۇنى ئىنىكئانىسى بىلەن بىرگە كىچىك بىر ھۇجرىغا يوشۇرۇپ قويدى. يىھوشەبا پادىشاھ يىھورامنىڭ قىزى، ئاخازيانىڭ سىڭلىسى ۋە باش روھانىي يىھويادانىڭ ئايالى ئىدى. يىھوشەبا بالىنى يوشۇرۇپ قالغاچقا، ئۇ قەتل قىلىنمىدى.