Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 7:21 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

21 ئۇ ۋاقىت كەلگەندە ئادەملەر بىر ياش ئىنەك ۋە ئىككى ئۆچكىنىلا تىرىك ساقلاپ قالالايدۇ.

Gade chapit la Kopi




يەشايا 7:21
8 Referans Kwoze  

لېكىن ئۇ يەھۇدىيە زېمىنىغا ھېچنېمىسى يوق نامرات كىشىلەرنى قالدۇرۇپ قويدى ۋە ئۇلارغا ئۈزۈمزارلىقلار ۋە ئېتىزلارنى بەردى.


ئۇ ۋاقىت كەلگەندە، قويلار ئۆز يايلاقلىرىدا ئوتلاپ يۈرگەندەك، ئۈزۈمزارلىقلاردا ئوتلاپ يۈرىدۇ. بايلارنىڭ خارابىلىكىدىمۇ مۇساپىرلار ئوزۇقلۇق تېپىپ يەيدۇ.


يەشايا پەيغەمبەر پادىشاھ خىزكىياغا يەنە مۇنداق دېدى: _ بۇ ئىشلارنىڭ چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، مەن بۇنى ئالدىن ساڭا ئېيتىمەن: سەن بۇ يىل تۇپراقتا ئۆزى ئۆسكەن نەرسىلەرنى يەيسەن، كېلەر يىلى يەنە ئۆزى ئۆسۈپ چىققان نەرسىلەرنى يەيسەن. لېكىن ئۈچىنچى يىلى ئۆزۈڭ تېرىغان زىرائەتتىن ئالغان ھوسۇلنى، ئۆستۈرگەن ئۈزۈملەرنى يەيسەن.


خەلق ئاروئېرنىڭ ئەتراپىدىكى شەھەرلەرنى تاشلايدۇ. بۇ شەھەرلەر مال-چارۋىلارنىڭ يايلايدىغان يېرىگە ئايلىنىدۇ. بۇ يەردىن ھېچكىم ئۇلارنى قوغلاپ يۈرمەيدۇ، ئۈركۈتمەيدۇ.


بۇرۇن تېرىلغان ئېدىرلىقلارغا ئەمدى بارالمايسەن. چۈنكى ئازغان ۋە تىكەندىن قورقىسەن. ئۇ يەرلەر كالا ۋە قوي-ئۆچكىلەر ئوتلايدىغان يەرگە ئايلىنىدۇ.


پېقىر-مىسكىنلەرگە يەيدىغان نېسىۋە بېرىلىدۇ، موھتاجلارمۇ خاتىرجەم ياتىدۇ. لېكىن، مەن پەرۋەردىگار ئاچارچىلىق بىلەن يىلتىزلىرىڭلارنى قۇرۇتىمەن، ھەممىڭلارنى قىرىپ تاشلايمەن.


سۈرگۈندىن كېيىن مۇستەھكەم شەھەر ئادەمسىز قالىدۇ، پۇقرالىرى شەھەرنى تاشلاپ قېچىپ كېتىپ، شەھەر چۆلدەرەپ قالىدۇ. ئۇ شەھەر قاقاسلىققا ئوخشاپ قالىدۇ. بۇ يەردە كالىلار ئوتلاپ، ئارام ئېلىپ، شاخ-شۇمبىلارنى يەپ يۈرىدۇ.


چۆل-جەزىرىلەر شادلىققا چۆمىدۇ. قاقاسلىقلار خۇشاللىققا چۆمۈپ، گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite