Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 7:16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

16 بالا ئاق-قارىنى پەرق ئېتەلىگۈدەك بولغان ۋاقىتقىچە، سىلەرنى ۋەھىمىگە سالغان ئىككى پادىشاھنىڭ زېمىنى ئاللىبۇرۇن تاشلاندۇق يەرگە ئايلىنىدۇ.

Gade chapit la Kopi




يەشايا 7:16
12 Referans Kwoze  

بالىنىڭ «دادا، ئانا» دەپ تىلى چىقىشتىن بۇرۇن، دەمەشقنىڭ ۋە سامارىيەنىڭ ئولجا ئالغان بايلىقلىرى ئاسسۇر پادىشاھى تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلىدۇ، _ دېدى.


ئۇلارنىڭ بالىلىرى ھەققىدە پەرۋەردىگار ئۇلارغا مۇنداق دېگەنىدى: «سىلەر ‹بالا-چاقىلىرىمىز ئەسىر بولۇپ قالىدۇ› دەپ ئويلىغانىدىڭلار، لېكىن ئاق-قارىنى تېخى پەرق ئېتەلمەيدىغان بۇ بالىلار ئاشۇ زېمىنغا بارىدۇ. مەن ئۇ زېمىننى ئۇلارغا ئاتا قىلىمەن، ئۇلار ئۇ يەرنى ئىگىلەيدۇ.


مەن ئاق-قارىنى پەرقلەندۈرەلمەيدىغان 120 مىڭ ئادىمى ۋە نۇرغۇن ھايۋانلىرى بار نىنەۋىدەك چوڭ شەھەرگە ئىچ ئاغرىتماي تۇرالامدىم؟! _ دېدى.


ئەي ئىسرائىلىيە خەلقى، سىلەر جازا كۈنى خاراب بولىسىلەر! مەن ئىسرائىلىيە قەبىلىلىرىگە كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىشلارنى جاكارلايمەن!


بىراق پەرۋەردىگار رىزىن پادىشاھنىڭ دۈشمەنلىرىنى ئىسرائىللارغا قارشى ئەۋەتىدۇ، ئىسرائىللارنىڭ باشقا رەقىبلىرىنىمۇ ئۇلارغا قارشى قوزغايدۇ.


شۇنىڭ بىلەن ئاسسۇر پادىشاھى ماقۇل بولۇپ، ئاررامنىڭ پايتەختى دەمەشقنى ھۇجۇم بىلەن ئالدى. ئاھالىسىنى قىر زېمىنىغا سۈرگۈن قىلدى، پادىشاھ رىزىننىمۇ ئۆلتۈرۈۋەتتى.


مەن سىلەر ئۈچۈن پاناھلىنىدىغان جاي بولىمەن. لېكىن ئىسرائىلىيەنىڭ ئىككى پادىشاھلىقى پۇتلىشىدىغان، نۇرغۇن ئادەملەرنى پۇتلاشتۇرۇپ يىقىتىدىغان تاش بولىمەن. يېرۇسالېم ئاھالىسى ئۈچۈن تۇزاق ۋە قاپقان بولىمەن.


ھەمدە سىلەرنىڭ قېرىنداشلىرىڭلار بولغان ئىسرائىلىيەلىكلەرنى قوغلىغاندەك، سىلەرنىمۇ كۆز ئالدىمدىن قوغلاپ چىقىرىمەن.»


مەن ئىسرائىلىيەنى ياخشى بىلىمەن، ئۇلار ئۆزلىرىنى مەندىن يوشۇرالمايدۇ. ئۇلار ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلىپ، ئۆزلىرىنى بۇلغىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite