Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 7:12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

12 بىراق ئاخاز يەشاياغا: _ مەن سورىمايمەن، مەن پەرۋەردىگارنى سىنىمايمەن! _ دېدى.

Gade chapit la Kopi




يەشايا 7:12
9 Referans Kwoze  

بىز ئۇلارنىڭ بەزىلىرىدەك مەقسەتلىك ھالدا گۇناھ قىلىپ، رەببىمىز بىزنى جازالامدۇ-جازالىمامدۇ، دەپ ئۇنى سىنىمايلى. شۇ چاغدا، ئۇنداق قىلغانلارنى زەھەرلىك يىلانلار چېقىپ ئۆلتۈرگەنىدى.


پېترۇس: - سىلەر نېمە ئۈچۈن مۇقەددەس روھنى سىناپ تىل بىرىكتۈردۈڭلار؟ قاراڭ، ئېرىڭىزنى دەپنە قىلىپ كەلگەنلەر ئىشىك ئالدىدا تۇرىدۇ، ئۇلار سىزنىمۇ ئەكېتىدۇ! - دېدى.


ھازىر تەكەببۇرلار بەخت تېپىپ، يامانلىق قىلغۇچىلار گۈللەپ ياشناۋاتىدۇ. ئۇلار خۇدانى سىناپ تۇرۇپ، يەنە جازاسىز يۈرىدىغۇ!› دەيسىلەر.»


ئۇلار ئادەتتىكى ۋاقىتلاردىكىدەك ئالدىڭغا توپلىشىپ كېلىپ، گېپىڭنى ئاڭلىشىدۇ، تۇرقىدىن مېنىڭ خەلقىمگە ئوخشايدۇ. لېكىن ئۇلار ئەمەلىيەتتە گېپىڭگە ئەمەل قىلمايدۇ. ئۇلار ئېغىزلىرىدا تاتلىق سۆزلىسىمۇ، لېكىن قەلبلىرىدە ھارام بايلىققا ئىنتىلىدۇ.


ئاخاز قىيىنچىلىق مەزگىلدە پەرۋەردىگارغا تېخىمۇ كۆپ ساداقەتسىزلىك قىلدى.


پادىشاھ ئاخاز روھانىي ئۇرىياغا: _ ئەتىگەنلىك كۆيدۈرمە قۇربانلىقنى، كەچلىك ئاشلىق ھەدىيەسىنى، پادىشاھنىڭ كۆيدۈرمە قۇربانلىقى ۋە ئاشلىق ھەدىيەسىنى، ئىسرائىل خەلقىنىڭ كۆيدۈرمە قۇربانلىقى ۋە ئاشلىق ھەدىيەسىنى يېڭى قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرۈڭ ۋە ئىچىملىك ھەدىيەسىنى ئۇنىڭغا تۆكۈڭ. شۇنداقلا كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە باشقا قۇربانلىقلارنىڭ ھەممە قېنىنى ئۇنىڭغا چېچىڭ. لېكىن تۇچ بىلەن قاپلانغان قۇربانلىق سۇپىسى مېنىڭ كەلگۈسىدە نېمە ئىش بولىدىغانلىقىنى بىلىشىم ئۈچۈن قالسۇن، _ دېدى.


ماسساھتا خەلق پەرۋەردىگار خۇدانى سىنىغانىدى، يەنە سىناپ بېقىش غەرىزىدە بولماڭلار.


_ مېنىڭ ئېيتقان بۇ سۆزلىرىمنىڭ چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى بىلىپ، ئىشىنىشىڭ ئۈچۈن، مەيلى بۇ قانچىلىك مۆجىزىلىك ئىش بولسىمۇ، سەن مەن پەرۋەردىگار خۇدادىن بېشارەت تىلە!


يەشايا جاۋابەن مۇنداق دېدى: _ ئەي پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرى، قۇلاق سېلىڭلار! خەلقنى بەزدۈرگىنىڭلار يەتمىگەندەك، ئەمدى خۇدانىمۇ بەزدۈرمەكچىمۇ؟


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite