يەشايا پەيغەمبەر پادىشاھ خىزكىياغا يەنە مۇنداق دېدى: _ بۇ ئىشلارنىڭ چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، مەن بۇنى ئالدىن ساڭا ئېيتىمەن: سەن بۇ يىل تۇپراقتا ئۆزى ئۆسكەن نەرسىلەرنى يەيسەن، كېلەر يىلى يەنە ئۆزى ئۆسۈپ چىققان نەرسىلەرنى يەيسەن. لېكىن ئۈچىنچى يىلى ئۆزۈڭ تېرىغان زىرائەتتىن ئالغان ھوسۇلنى، ئۆستۈرگەن ئۈزۈملەرنى يەيسەن.