Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 7:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 پادىشاھ ئۇززىيانىڭ نەۋرىسى، يوتەمنىڭ ئوغلى ئاخاز يەھۇدىيەدە پادىشاھ بولغان مەزگىلدە، سۈرىيە پادىشاھى رىزىن بىلەن رىماليانىڭ ئوغلى، يەنى ئىسرائىلىيە پادىشاھى پەقاخ يېرۇسالېمغا ئۇرۇش ئاچتى، بىراق غالىب كېلەلمىدى.

Gade chapit la Kopi




يەشايا 7:1
15 Referans Kwoze  

شۇ ۋاقىتلاردا پەرۋەردىگار ئاررام پادىشاھى رىزىن بىلەن رىماليانىڭ ئوغلى، يەنى ئىسرائىلىيە پادىشاھى پەقاخنى يەھۇدىيەگە ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتىشكە باشلىدى.


رىماليانىڭ ئوغلى، يەنى ئىسرائىلىيە پادىشاھى پەقاخنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 17-يىلى يوتەمنىڭ ئوغلى ئاخاز يەھۇدىيەگە پادىشاھ بولدى.


_ بۇ خەلق تىنچ ئاقىدىغان شىلوخ ئۆستىڭىدىن ۋاز كېچىپ، پادىشاھ رىزىن ۋە پادىشاھ پېكاھتىن خۇش بولدى.


يەھۇدىيە پادىشاھلىرى ئۇززىيا، يوتەم، ئاخاز ۋە خىزكىيا زامانىلىرىدا ئاموزنىڭ ئوغلى يەشاياغا يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېم توغرىسىدا تۆۋەندىكى ۋەھىيلەر كەلدى.


پادىشاھ پىقاخيانىڭ سەركەردىسى، يەنى رىماليانىڭ ئوغلى بولغان پەقاخ ئۆزىگە گىلئادلىق ئەللىك نەپەر كىشىنى ھەمراھ قىلىپ، ئارگوب ۋە ئاريېھ بىلەن بىرلىكتە سۇيىقەست پىلانلىدى. ئۇ سامارىيەدىكى پادىشاھ ئوردىسىغا جايلاشقان قەلئەدە پادىشاھ پىقاخيانى ئۆلتۈرۈپ، ئورنىغا ئۆزى پادىشاھ بولدى.


يەھۇدىيە پادىشاھى ئۇززىيانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 52-يىلى رىماليانىڭ ئوغلى پەقاخ سامارىيەدە ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولۇپ، 20 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى.


شۇ چاغدا ئاررام پادىشاھى رىزىن بىلەن ئىسرائىلىيە پادىشاھى رىماليانىڭ ئوغلى پەقاخ يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلدى. ئۇلار ئاخازنى قورشىۋالغان بولسىمۇ، لېكىن يېڭەلمىدى.


بىراق پەرۋەردىگار رىزىن پادىشاھنىڭ دۈشمەنلىرىنى ئىسرائىللارغا قارشى ئەۋەتىدۇ، ئىسرائىللارنىڭ باشقا رەقىبلىرىنىمۇ ئۇلارغا قارشى قوزغايدۇ.


سەندە تاۋارلار مول بولغاچقا، ئىدوم خەلقىمۇ سەن بىلەن تىجارەت قىلاتتى. ئۇلار فىرۇزە، سۆسۈن رەڭلىك رەختلەر، كەشتىلەنگەن رەختلەر ۋە ئېسىل زىغىر رەختلەرنى ھەمدە مارجان تاشلار ۋە قىزىل ياقۇتلارنى ئېلىپ كېلىپ، سەندە سودا قىلاتتى.


يەھۇدىيەگە ئۇززىيا، يوتەم، ئاخاز ۋە خىزكىيالار ھۆكۈمرانلىق قىلغان زامانلاردا ۋە ئىسرائىلىيەگە يىھوئاشنىڭ ئوغلى ياروبئام II پادىشاھ بولغان ۋاقىتلاردا، بەئەرىنىڭ ئوغلى ھوشىياغا پەرۋەردىگاردىن ۋەھىي كەلگەنىدى.


يەھۇدىيە پادىشاھلىرىدىن يوتەم، ئاخاز ۋە خىزكىيا ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋرلەردە، پەرۋەردىگاردىن موراشىت يېزىسىدىكى مىكاھقا ۋەھىيلەر كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭغا كەلگەن بۇ ۋەھىيلەر سامارىيە ۋە يېرۇسالېم ھەققىدە ئىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite