8 بۇنداق ئىشنى كىم ئاڭلاپ باققان؟ كىم كۆرۈپ باققان؟ بىر ئەل بىر كۈندىلا پەيدا بولامدۇ؟ خەلق بىردەمدىلا ئاپىرىدە بولامدۇ؟ لېكىن سىئون كالتە تولغاق بىلەنلا بالا تۇغىدۇ،
سەندىن باشقا بىر خۇدانىڭ ئۆزىگە ئۈمىد باغلىغان خەلقى ئۈچۈن ئىش قىلغانلىقىنى قەدىمدىن بۇيان ھېچكىم ئاڭلاپ باقمىدى، ئىشتىپ باقمىدى، كۆرۈپمۇ باقمىدى.
ھالبۇكى، مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: «خۇدانى سۆيگەنلەرگە خۇدانىڭ تەييارلىغانلىرى دەل ھېچقانداق كۆز كۆرۈپ باقمىغان، ھېچقانداق قۇلاق ئاڭلاپ باقمىغان، ھېچقانداق ئادەم ئويلاپ باقمىغان نەرسىلەردۇر.»
بۇلارنى ئاڭلىغان كۆپچىلىك خۇداغا مەدھىيە ئوقۇپ، پاۋلۇسقا: - ئەي قېرىنداش، يېرۇسالېمدا ئەھۋال مۇنداق: يەھۇدىيلار ئىچىدە نەچچە مىڭلىغان كىشى ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى تەۋرات قانۇنىغا قاتتىق ئەمەل قىلىدۇ.
نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ئىشىنىپ، چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلدى. شۇ كۈنى، ئۈچ مىڭچە كىشى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە قوشۇلدى.
لېكىن، ئەلچىلەرنىڭ تەلىملىرىنى ئاڭلىغانلارنىڭ كۆپى ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلدى. شۇنداق قىلىپ، ھەزرىتى ئەيساغا ئەگىشىدىغان ئەرلەرنىڭ سانىلا بەش مىڭغا يەتتى.
شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: «سەن باشقا ئەللەردىن سوراپ باققىن، ئۇلار شۇنداق رەزىل ئىشلارنى ئاڭلاپ بېقىپتىمۇ؟ ئەزىز ئىسرائىل خەلقىم ھەيران قالارلىق ناھايىتى رەزىل ئىشلارنى قىلدى!