Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 66:24 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

24 ئۇلار چىقىپ، ماڭا ئاسىيلىق قىلغانلارنىڭ جەسەتلىرىنى كۆزدىن كەچۈرىدۇ، ئاسىيلارنىڭ تېنىدىكى قۇرتلار ئۆلمەيدۇ، ئۇلارنى كۆيدۈرۈۋاتقان ئوت ئۆچمەيدۇ، پۈتكۈل ئىنسانلار ئۇلاردىن نەپرەتلىنىدۇ.»

Gade chapit la Kopi




يەشايا 66:24
24 Referans Kwoze  

سېنىڭ ھەيۋەڭ سەن بىلەن بىللە ئۆلۈكلەر دۇنياسىغا كىرىپ كەتتى. سېنىڭ مۇزىكىلىق تاماشىلىرىڭمۇ سەن بىلەن بىللە دەپنە قىلىندى. سەن ئەمدى قۇرت-قوڭغۇزلارنى سېلىنچا ۋە يېپىنچا قىلىسەن.


لېكىن، قورقۇنچاق، ئېتىقادسىز، چىرىك، قاتىل، زىناخور، سېھىرگەر، بۇتپەرەس ۋە يالغانچىلارغا كەلسەك، ئۇلارنىڭ قىسمىتى گۈڭگۈرت بىلەن يانغان ئوت كۆلىدۇر. مانا بۇ ئىككىنچى ئۆلۈمدۇر.»


قارا يەر باغرىدا ياتقانلارنىڭ نۇرغۇنلىرى تىرىلىدۇ. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى مەڭگۈلۈك ھاياتلىققا ئېرىشىدۇ. بەزىلىرى نومۇستا قېلىپ، مەڭگۈلۈك شەرمەندە بولىدۇ.


ئۇ قولىدىكى كۈرەك بىلەن خاماندىكى ساپ بۇغداينى ئامبارغا، سامىنىنى ئۆچمەس ئوتقا تاشلايدىغان ئادەمگە ئوخشاش، ھەممە ئىنساننى ئايرىيدۇ، - دېدى.


پەرۋەردىگار يېرۇسالېمغا قارشى چىققان بارلىق ئەللەرگە ۋابا بىلەن ھۇجۇم قىلىدۇ. ئۇلار تىرىك مۇردىلارغا ئايلىنىپ، تەنلىرى چىرىپ كېتىدۇ. كۆزلىرى كۆز چانىقىدا، تىللىرى ئېغىزلىرىدا چىرىيدۇ.


پەرۋەردىگار بارلىق ئىنسانلارنى ئوت ۋە قىلىچ بىلەن جازالايدۇ، نۇرغۇن ئادەملەر پەرۋەردىگار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلىدۇ.


كېچە-كۈندۈز توختىماي كۆيىدۇ. ئۇنىڭدىن تارقىغان ئىسلار ئۈزۈلمەيدۇ. ئىدوم ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە قاقاسلىق بولىدۇ. ئۇ يەرگە ھېچكىم قايتا قەدەم باسمايدۇ.


مەن تاللىغان خەلقىم ئىسمىڭلارنى ئاتاپ قارغايدۇ، مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار سىلەرنى چوقۇم ئۆلتۈرىمەن، لېكىن مېنىڭ خىزمەتكارلىرىمغا يېڭى ئىسىم قويىمەن.


كۈچلۈكلەر قۇرۇق چۆپكە ئوخشاپ قالىدۇ، ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرى ئۇچقۇنغا ئوخشايدۇ، ئۇلار قىلغان ئىشلىرى بىلەن بىرلىكتە كۆيۈپ كېتىدۇ، ھېچكىم بۇ ئوتنى ئۆچۈرەلمەيدۇ.


ئۇ ھۆكۈم چىقىرار خۇداسىز خەلقلەرگە، باشلىرىنى كۇكۇم-تالقان قىلىۋېتەر يەر يۈزىدە، ئۇلارنىڭ زېمىنىنى تولدۇرار جەسەتلەرگە.


بىراق خۇدا بىلەن قارشىلاشقۇچىلار ۋە گۇناھكارلار بىرلىكتە ھالاك قىلىنىدۇ، پەرۋەردىگاردىن ۋاز كەچكۈچىلەر يوقىتىلىدۇ.


شۇ سەۋەبتىن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز خەلقىگە غەزىپى قوزغالدى، ئۇلارغا زەربە بېرىش ئۈچۈن قولىنى كۆتۈرىدۇ. تاغلار تەۋرىنىپ، جەسەتلەر خۇددى ئەخلەتكە ئوخشاش، كوچىلاردا ياتىدۇ. شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ غەزىپى بېسىلمايدۇ، ئۇ كۆتۈرگەن قولىنى يەنىلا چۈشۈرمەيدۇ.


زېمىن مەست ئادەمدەك ئىرغاڭلايدۇ، بوران-چاپقۇندىكى ئاجىز كەپىدەك لەپەڭشىيدۇ. زېمىن گۇناھنىڭ ئېغىرلىقى تۈپەيلىدىن، گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈپ قايتا ئۆرە بولالمايدۇ.


ئى پەرۋەردىگار، سەن جازالاش ئۈچۈن قولۇڭنى كۆتۈردۈڭ، لېكىن رەزىللەر بۇنى كۆرمىدى. ئۇلار سېنىڭ ئۆز خەلقىڭنى جان دىل بىلەن قوغدايدىغانلىقىڭنى كۆرسۇن ۋە خىجىل بولسۇن. سېنىڭ غەزىپىڭ دۈشمەنلىرىڭنى ئوتقا ئوخشاش يالماپ كەتسۇن.


ئۇلارنىڭ جەسەتلىرى تاشلىنىپ قالىدۇ، ئۇلارنىڭ جەسەتلىرى سېسىپ كېتىدۇ، تاغلار ئۇلارنىڭ قانلىرى بىلەن بويىلىدۇ.


چۈنكى كىيىمنى كۈيە، يۇڭنى قۇرت يېگەندەك، ئۇلارنىمۇ ئۆلۈم يەپ تۆگىتىدۇ. لېكىن مېنىڭ ھەققانىيلىقىم مەڭگۈ مەۋجۇتتۇر. مېنىڭ نىجاتلىقىم ئەبەدىي داۋاملىشىدۇ.»


پەرۋەردىگار: «رەزىل ئادەملەرگە ئامانلىق يوقتۇر» دەيدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite