22 مەن ياراتقان يېڭى ئاسمان، يېڭى زېمىن مەڭگۈ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغىنىدەك، سىلەرنىڭ ئەۋلادلىرىڭلار ۋە نامىڭلارمۇ مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ. بۇ، مەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىدۇر.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «قاراڭلار، مەن يېڭى ئاسمان، يېڭى زېمىن يارىتىمەن، ئىلگىرىكى ئىشلار ئۇنتۇلۇپ كېتىدۇ، ئۇلارنى ھېچكىم ئېسىگە ئالمايدۇ.
ئاندىن، يېڭى ئاسمان ۋە يېڭى زېمىننى كۆردۈم، چۈنكى بۇرۇنقى ئاسمان ۋە زېمىن غايىب بولغانىدى. دېڭىزمۇ يوقالغانىدى.
لېكىن، بىز خۇدا ۋەدە قىلغان يېڭى ئاسمان-زېمىننى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتۈۋاتىمىز. ئۇ يەردە پەقەت ھەققانىيلىق يولىدا ماڭىدىغانلارلا ياشىيالايدۇ.
ئۇلارغا مەن سىلەرگە بۇيرۇغان بارلىق ئەمرلەرگە ئەمەل قىلىشنى ئۆگىتىڭلار. مەن ھەقىقەتەنمۇ زامان ئاخىرىغىچە ھەر دائىم سىلەر بىلەن بىللە بولىمەن.
ئۇرۇق-ئەۋلادىڭلار خۇددى دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك ساناقسىز بولاتتى، ئەۋلادلىرىڭلار خۇددى قۇم زەررىچىلىرىدەك كۆپ بولاتتى. ئۇلارنىڭ نامى مەڭگۈ ئۆچمەيتتى، ھەرگىز مېنىڭ ئالدىمدىن يوقىتىلمايتتى.»
سېنىڭ جاكارلىشىڭ ئۈچۈن سۆزلىرىمنى ئاغزىڭغا سېلىپ بەردىم، قولۇمنى ساڭا سايە قىلدىم. بىپايان ئاسماننى يېيىپ، زېمىننىڭ ئۇلىنى سالغانمەن، ھەمدە سىئونغا: ‹سىلەر مېنىڭ خەلقىمسىلەر› دېگەنمەن.»
ھالبۇكى ئۇنىڭ ئېزىلىشى، ئازاب-ئوقۇبەت چېكىشى پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسى ئىدى، ئۇنىڭ ھاياتى ئىنسانلارنىڭ گۇناھى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇ ئۆز ئەۋلادلىرىنى كۆرىدۇ ھەمدە ئۇزاق ئۆمۈر كۆرىدۇ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسى ئاشۇ خىزمەتكارى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ.
ئوردامدا، ئۆز ھويلامدا نام-ئاتاق، ئابىدە ئاتا قىلىمەن. بۇ، ئوغۇل-قىزلىرى بولغاندىنمۇ ئەۋزەلدۇر. مەن ئۇلارغا ئاتا قىلغان نام مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، ئۇ ئۈزۈۋېتىلمەيدۇ.
«چۈنكى مەن پەرۋەردىگار ئادالەتنى ياخشى كۆرىمەن، بۇلاڭچىلىقنى ۋە رەزىللىكنى ئۆچ كۆرىمەن، مەن ساداقەتلىك بىلەن خەلقىمگە جاۋاب قايتۇرىمەن، مەن خەلقىم بىلەن مەڭگۈلۈك ئەھدە تۈزىمەن.
ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىنى ھەممە ئەللەر بىلىدىغان بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى ئەللەرنىڭ ئارىسىدا تونۇلىدۇ، ئۇلارنى كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى، ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگار بەخت ئاتا قىلغان خەلق ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ.»
باشقىلار ئۇلار سالغان ئۆيلەردە ئولتۇرالمايدۇ، ئۇلار ئۆستۈرگەن مېۋىلەرنى باشقىلار بۇلاپ ئەكەتمەيدۇ، چۈنكى خەلقىم دەل-دەرەخلەردەك ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدۇ، مەن تاللىغان خەلقىم ئۆز ئەمگىكىنىڭ مېۋىسىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.
ئۇلارنىڭ ئەمگىكى بىكارغا كەتمەيدۇ، ئۇلارنىڭ تۇغقان پەرزەنتلىرى بالا-قازاغا ئۇچرىمايدۇ. چۈنكى ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى پەرۋەردىگار تەرىپىدىن بەخت ئاتا قىلىنغان خەلق ھېسابلىنىدۇ.
ئۇ چاغدا مەن سىلەرنى يىغىپ، يۇرتۇڭلارغا ئاپىرىمەن. مەن ئەللەرنىڭ كۆز ئالدىدا سىلەرنىڭ ئىلگىرىكى پاراۋان ھاياتىڭلارنى ئەسلىگە كەلتۈرىمەن ۋە سىلەرنى پۈتۈن ئەللەرنىڭ ئارىسىدا مەدھىيە ۋە شان-شەرەپكە سازاۋەر قىلىمەن.»
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن بىلەن ئۇلار ئارىسىدا تۈزۈلگەن ئەھدە مۇنداقتۇر: ساڭا ئاتا قىلغان روھىم، ئاغزىڭغا سالغان سۆزلىرىم ئاغزىڭدىن ئايرىلمايدۇ، ئەۋلادلىرىڭلارنىڭ، ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ئاغزىدىن ئايرىلمايدۇ، بۈگۈندىن تارتىپ مەڭگۈگە ئايرىلمايدۇ.» بۇ پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!
«مەن كېچە ۋە كۈندۈز بىلەن ئەھدە تۈزۈپ، ئۇلارنى تاكى زامان ئاخىر بولغۇچە ئۆز ۋاقتىدا ئالمىشىپ تۇرۇشقا ئەمر قىلدىم. مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە ۋەدە قىلىمەنكى، كېچە ۋە كۈندۈز بىلەن تۈزگەن بۇ ئەھدەم ھەرگىز ئەمەلدىن قالمايدىغىنىدەك،
خىزمەتكارىم داۋۇت ۋە لاۋىيلار بىلەن تۈزگەن ئەھدەممۇ مەڭگۈ ئەمەلدىن قالمايدۇ. شۇڭا داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرى ئۇنىڭ پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىدۇ. لاۋىيلاردىنمۇ داۋاملىق روھانىيلار تاللىنىپ، ماڭا خىزمەت قىلىدۇ.