11 ئۇنىڭ تەسەللىلىك قۇچىقىدىن تويغۇچە سۈت ئېمىسىلەر، ئۇنىڭ زور شان-شەرىپىدىن قانغۇچە بەھرىمەن بولۇپ، پۈتۈن قەلبىڭلار بىلەن شادلىنىسىلەر.»
پۈتكۈل ئەللەر سەندىن خەۋەر ئالىدۇ، پادىشاھلار سېنى ئانىلاردەك ئېمىتىپ باقىدۇ. شۇندىلا سەن مېنى _ سېنىڭ قۇتقۇزغۇچىڭ بولغان پەرۋەردىگارىڭنى بىلىسەن، سېنىڭ قوغدىغۇچىڭ، ياقۇپ ئېتىقاد قىلغان ھەممىگە قادىر خۇدادۇر.
ئۇ ۋاقىت كەلگەندە، تاغلاردىن تاتلىق شەربەت تامىدۇ. ئېدىرلىقلاردا سۈت ئاقىدۇ، يەھۇدىيەدىكى بارلىق جىلغىلاردا سۇلار دولقۇنلايدۇ. پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى بىر بۇلاقتىن سۇ ئېقىپ كېلىپ، شىتتىم ۋادىسىنىڭ قۇرۇق يەرلىرىنى سۇغۇرىدۇ.
ئۇ چاغدا كۆزلىرىڭ خۇشاللىقتىن چاقنايدۇ، يۈرىكىڭ شادلىقتىن تېپچەكلەيدۇ، چۈنكى، دېڭىزنىڭ قارشى تەرىپىدىن بايلىقلار ساڭا ئېلىپ كېلىنىدۇ، ئەللەرنىڭ بايلىقى ساڭا تەۋە بولىدۇ.
قانائەتلىنەر ئۇلار ئۆيۈڭدىكى مول نېمەتلەردىن، بەھرە ئالار سېنىڭ ھۇزۇرلۇق دەريالىرىڭدىن.
سىلەر رەببىمىزنىڭ مېھىر-شەپقىتىدىن بەھرىمەن بولغانىكەنسىلەر، خۇددى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق ئانىنىڭ سۈتىگە تەشنا بولغاندەك، سىلەرمۇ خۇدانىڭ ساپ سۆزىگە تەشنا بولۇڭلار. بۇنىڭ بىلەن، سىلەر ئۈزۈل-كېسىل قۇتقۇزۇلغۇچە، ئېتىقادتا ئۆسۈپ يېتەلەيسىلەر.
شاھلار سېنىڭ خىزمىتىڭدە بولۇپ بالىلىرىڭنى باقىدۇ، خانىشلار ئىنىكئانا بولىدۇ. ئۇلار باشلىرىنى يەرگە تەگكۈدەك ئېگىپ، ساڭا تەزىم قىلىشىدۇ. ئاياغلىرىڭدىكى چاڭلارنى تىللىرى بىلەن يالايدۇ. شۇ چاغدا سەن مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسەن، ماڭا ئۈمىد باغلىغانلار ھەرگىز نائۈمىدتە قالمايدۇ.»
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ئەي يېرۇسالېم، ئورنۇڭدىن تۇر، پارلا! چۈنكى سېنىڭ نۇرۇڭ يېتىپ كەلدى! مەن پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى سېنى يورۇتماقتا.
قارا، زېمىننى قاراڭغۇلۇق قاپلايدۇ، ئەلنى زۇلمەت باسىدۇ، لېكىن مەن پەرۋەردىگار سېنى يورۇتىمەن، مېنىڭ شان-شەرىپىمنىڭ نۇرى ئۈستۈڭگە چېچىلىدۇ.
ئەي يېرۇسالېم، ھەممە ئەللەر سېنىڭ ھەققانىيلىقىڭنى، ھەممە پادىشاھلار شان-شەرىپىڭنى كۆرىدۇ. سەن يېڭى نامغا ئىگە بولىسەن، بۇ نامنى پەرۋەردىگار ئۆز ئاغزى بىلەن قويىدۇ.