يەشايا 66:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى10 ئەي، يېرۇسالېمنى ياخشى كۆرىدىغان بارلىق كىشىلەر، ئۇنىڭ بىلەن شاد-خۇرام بولۇپ، تەڭ شادلىنىڭلار! يېرۇسالېم ئۈچۈن ھەسرەت چەككەن بارلىق كىشىلەر، ئۇنىڭ بىلەن بىللە خۇشال بولۇڭلار! Gade chapit la |
ئەي ئەرشئەلا، شادلىنىپ ناخشا ئوقۇڭلار! چۈنكى پەرۋەردىگار ناھايىتى ئاجايىپ بىر ئىش قىلدى. ئەي يەر-زېمىن، شادلىق سادالىرىنى ياڭرىتىڭلار! تاغ چوققىلىرى، ئورمانلار ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى بارلىق دەرەخلەر، ھەممىڭلار نەغمە-ناۋا قىلىڭلار! چۈنكى پەرۋەردىگار ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىنى ئۆزىگە قايتۇردى، ئۇ ئىسرائىلىيەدە ئۇلۇغلىنىدۇ.