6 قارا، بۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنىڭ ھەممىسى ئالدىمدا يېزىقلىق تۇرىدۇ، مەن جىم تۇرماسلىقىم، چوقۇم جازالىشىم كېرەك، مەن ئۇلارنى ئۆز يامانلىقلىرىغا يارىشا جازالايمەن.
رەببىمىز سۈكۈت قىلىپ تۇرماس زىنھار، كەلمەكتە ئۇ، ئالدىدا ئوت يالقۇنى يالماپ كېلەر، ئەتراپىدا بوران-چاپقۇن ھۇۋلاپ كېلەر.
مەن ئۇلارنى ئۆز رەزىللىكلىرى ۋە گۇناھلىرى ئۈچۈن بىر ھەسسە ئارتۇق جازالايمەن. چۈنكى ئۇلار ئادەمنى سەسكەندۈرىدىغان جانسىز بۇتلىرى بىلەن مېنىڭ زېمىنىمنى بۇلغىدى. ئۇلار ماڭا تەئەللۇق بولغان بۇ زېمىننى ئۆزلىرىنىڭ يىرگىنچلىك بۇتلىرى بىلەن تولدۇردى.
ئى ئىگەم، ساڭا قىلغان ھاقارىتىنى قوشنا ئەللەرنىڭ، يەتتە ھەسسە ئاشۇرۇپ ئۆزىگە بەر ئۇلارنىڭ.
ئى پەرۋەردىگار، سەن بۇ ئىشلارغا چىداپ تۇرالامسەن؟ بىزنى ئازابقا تاشلاپ قويۇپ، جىم تۇرامسەن؟
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئۇزۇن مەزگىل سۈكۈت قىلدىم، جىم تۇردۇم، ئۆزۈمنى تۇتۇۋالدىم. مەن ئەمدى ئاياللار تولغاق ئازابىدىن ۋارقىرىغىنىغا ئوخشاش، قاتتىق ۋارقىراپ، پەرياد قىلىمەن.
سۈكۈت قىلدىم قىلغىنىڭدا بۇ ئىشلارنى، ئۆزۈڭگە ئوخشاش، دەپ ئويلىدىڭ شۇڭا مېنى. بىراق، مەن ئەيىبلەيمەن چوقۇم سېنى، ئالدىڭغا قويىمەن قىلمىشلىرىڭنى.
مەن يەنە ئۆلۈكلەرنى كۆردۈم. كاتتا ياكى ئەرزىمەس بولسۇن، ھەممىسى تەختنىڭ ئالدىدا تۇراتتى. كىتابلار ئېچىلدى. «ھاياتلىق دەپتىرى» دېيىلگەن يەنە بىر كىتابمۇ ئېچىلدى. ئۆلۈكلەر كىتابلاردا خاتىرىلەنگەنلەر بويىچە ئۆز ئەمەلىيىتىگە قاراپ ھۆكۈم قىلىندى.
پەرۋەردىگاردىن ئەيمەنگۈچىلەر بۇ ئىشلار توغرىسىدا ئۆزئارا پاراڭلاشقاندا، پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى قۇلاق سېلىپ ئاڭلىدى. پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىپ، ئۇنىڭ نامىنى ھۆرمەتلىگۈچىلەرنىڭ ئىسمى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا يازمىغا پۈتۈلدى.
ئەي تىر، سىدون شەھەرلىرى ۋە فىلىستىيەنىڭ بارلىق رايونلىرى، ماڭا نېمىشقا بۇنداق مۇئامىلىدە بولىسىلەر؟ سىلەر مەندىن ئۆچ ئالماقچىمۇ؟ ئەگەر مەندىن ئۆچ ئېلىۋاتقان بولساڭلار، مەنمۇ سىلەردىن ئۆچ ئېلىپ، بېشىڭلارغا تېزلا بالا-قازا چۈشۈرەي.
شۇڭا مەن ئۇلارغا قەھرىمنى چاچىمەن، غەزەپ ئوتۇم بىلەن ئۇلارنى يوقىتىمەن. مەن ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىغا يارىشا جازاسىنى بېرىمەن. بۇ مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»
لېكىن يىرگىنچلىك ۋە نەپرەتلىك بۇتلارغا قەلبىدىن ئورۇن بەرگەن كىشىلەرنى قىلمىشلىرىغا يارىشا جازالايمەن. بۇ مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.
خاتىرىلەپ قويغانسەن بۇ سەرسانچىلىقلىرىمنى، تۇلۇمغا قاچىلاپ قويغانسەن كۆز ياشلىرىمنى، يېزىپ قويغانسەن دەپتىرىڭگە بۇلارنى.
مەن ئىسرائىللارنىڭ دۈشمەنلىرىگە نېمە قىلماقچى بولغانلىقىمنى دىلىمدا ساقلايمەن. ۋاقتى كەلگەندە مەن ئۇلارنى جازالايمەن.
ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا: _ كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ بۈگۈنكى غەلىبىنى ئۇنتۇماسلىقى ئۈچۈن يېزىپ قالدۇرغىن. ئامالەكلەرنى پۈتۈنلەي يوقىتىدىغانلىقىمنى يوشۇۋاغا يەتكۈزۈپ قوي، _ دېدى.
باشقىلاردىن ھېچنېمىنى ئايىماڭلار، خۇدامۇ سىلەردىن ھېچنېمىنى ئايىمايدۇ. ھەتتا سىلەرگە چوڭ ئۆلچىگۈچكە لىق چىڭداپ تولدۇرۇلغان ئىنئامنى تەقدىم قىلىدۇ. سىلەر باشقىلارغا قانداق ئۆلچەم بىلەن ئۆلچەپ بەرسەڭلار، خۇدامۇ سىلەرگە شۇنداق ئۆلچەم بىلەن ئۆلچەپ بېرىدۇ.
بەزىلەر ھاماقەت بولدى گۇناھلىرىدىن، دۇچار بولدى ئازابلارغا قەبىھلىكلىرىدىن.
ئەجدادلىرىنىڭ قەبىھلىكى يادىدا بولسۇن خۇدانىڭ، ئۇنتۇلمىسۇن گۇناھلىرى ھەم ئانىسىنىڭ.
رەزىللەرنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇلارنىڭ بېشىغا كۈلپەت چۈشۈپ، قىلغان يامانلىقلىرى ئۆزىگە يانىدۇ.
قاراڭلار، يەر يۈزىدىكى گۇناھكار كىشىلەرنى جازالاش ئۈچۈن پەرۋەردىگار ئۆز ماكانىدىن چىقتى. زېمىنغا تۆكۈلگەن قانلارنى زېمىن ئاشكارىلايدۇ، ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ جەسەتلىرىنى زېمىن يوشۇرۇپ قالالمايدۇ.
ئۇ ھەر كىمنىڭ قىلمىشىغا قاراپ قايتۇرىدۇ، دۈشمەنلىرىگە غەزەپلىنىدۇ، ئۇلارنى جازالايدۇ، يىراق ئارالدىكىلەرگىمۇ قىلمىشىغا يارىشا قايتۇرىدۇ.
شەھەردىن ۋاراڭ-چۇرۇڭ ئاڭلانماقتا، ئىبادەتخانىدىن بىر ئاۋاز كەلمەكتە، بۇ، مەن پەرۋەردىگارنىڭ دۈشمەنلىرىمنى جازالىغان ئاۋازدۇر!
شۇڭا ھېچكىمنى ئاياپ قويمايمەن، ھېچكىمگە رەھىم قىلمايمەن. ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىغا يارىشا جازاسىنى بېرىمەن.