يەشايا 65:25 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى25 بۆرىلەر بىلەن قوزىلار بىرگە ئوزۇقلىنىدۇ، شىرمۇ كالىغا ئوخشاش چۆپ يەيدۇ، يىلاننىڭ ئوزۇقى توپا بولىدۇ، مېنىڭ مۇقەددەس تېغىمدا ئۇلار ئادەمگىمۇ، ھايۋانغىمۇ چېقىلمايدۇ.» بۇ پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر! Gade chapit la |
ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بارلىق گۇناھلىرىدىن نومۇس ھېس قىلغاندا، ئۇلارغا سەن ئىبادەتخانىنىڭ لايىھەسى، قۇرۇلمىسى، دەرۋازا ئىمارەتلىرى ۋە نەقىشلىرىدىن تارتىپ، ئىبادەتخانىغا مۇناسىۋەتلىك قائىدە-تۈزۈملەرگىچە سۆزلەپ بەرگىن ھەمدە بۇلارنى ئۇلارنىڭ ئالدىدا پۈتۈپ قويغىن، ئۇلار لايىھەنى چۈشەنسۇن، قائىدىگە رىئايە قىلسۇن.
ئۇلار قېرىندىشىڭلارنى ماڭا ھەدىيە سۈپىتىدە ئۇ يەرلەردىن قايتۇرۇپ كېلىدۇ. خۇددى ئىسرائىلىيەلىكلەر پاكىز قاچىلاردا مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا ئاشلىق ھەدىيەسى ئېلىپ كەلگەندەك، ئۇلار ئات مىنىپ، بەزىلىرى ھارۋىغا ئولتۇرۇپ، بەزىلىرى لەمپىلىك ھارۋىلارغا چىقىپ، بەزىلىرى قېچىرغا مىنىپ، بەزىلىرى تۆگىگە مىنىپ مېنىڭ مۇقەددەس تېغىم يېرۇسالېمغا ماڭا ھەدىيە بولۇپ كېلىدۇ.