Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 65:22 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

22 باشقىلار ئۇلار سالغان ئۆيلەردە ئولتۇرالمايدۇ، ئۇلار ئۆستۈرگەن مېۋىلەرنى باشقىلار بۇلاپ ئەكەتمەيدۇ، چۈنكى خەلقىم دەل-دەرەخلەردەك ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدۇ، مەن تاللىغان خەلقىم ئۆز ئەمگىكىنىڭ مېۋىسىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

Gade chapit la Kopi




يەشايا 65:22
12 Referans Kwoze  

ئۇزۇن ئۆمۈر ئاتا قىلىپ، مەمنۇن قىلىمەن ئۇنى، بېرىمەن ئۇنىڭغا نىجاتلىقىمنى.»


ئۆمۈر بەردىڭ ئۆمۈر تىلىسە، ھاياتىنى ئۇزارتتىڭ مەڭگۈگە.


مەن تاللىغان خەلقىم ئىسمىڭلارنى ئاتاپ قارغايدۇ، مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار سىلەرنى چوقۇم ئۆلتۈرىمەن، لېكىن مېنىڭ خىزمەتكارلىرىمغا يېڭى ئىسىم قويىمەن.


ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىنى كۆپەيتىمەن، يەھۇدىيەنىڭ پۇقرالىرىنى مېنىڭ تاغلىرىمغا ئىگە قىلىمەن. مېنىڭ تاللىغان خەلقىم زېمىنىمغا ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ، مېنىڭ خىزمەتكارلىرىم ئۇ يەردە ئولتۇراقلىشىدۇ.


ئۇ 969 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.


ئۇ 930 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.


مەن سىلەرنى شۇنداق جازالايمەنكى، سىلەرنى ۋەھىمىگە سېلىپ، ساقايماس كېسەلگە گىرىپتار قىلىپ، قىزىتماڭلارنى ئۆرلىتىمەن. كۆزلىرىڭلارنى تورلاشتۇرۇپ، تېنىڭلارنى زەئىپلەشتۈرىمەن. چاچقان ئۇرۇقۇڭلار بىكارغا كېتىدۇ، ھوسۇلۇڭلارنى دۈشمىنىڭلار يەيدۇ.


پەرۋەردىگار قۇدرەتلىك ئوڭ قولىنى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ، قەسەم قىلىپ: «مەن ئەمدى زىرائەتلىرىڭنى دۈشمىنىڭگە ئوزۇقلۇق بولۇشقا بەرمەيمەن، يات خەلقلەرمۇ ئەمدى سېنىڭ جاپا تارتىپ چىقارغان يېڭى شارابلىرىڭنى ئىچەلمەيدۇ.


پەقەت ھوسۇل يىغقانلارلا ھوسۇلىدىن بەھرىمەن بولىدۇ ھەم پەرۋەردىگارنى مەدھىيەلەيدۇ، ئۈزۈم يىغقۇچىلارلا مۇقەددەس ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىلىرىدا ئۈزۈم شارابىنى ئىچەلەيدۇ.» دەيدۇ.


مەن ياراتقان يېڭى ئاسمان، يېڭى زېمىن مەڭگۈ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغىنىدەك، سىلەرنىڭ ئەۋلادلىرىڭلار ۋە نامىڭلارمۇ مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ. بۇ، مەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىدۇر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite