8 لېكىن پەرۋەردىگار، سەن يەنىلا بىزنىڭ ئاتىمىز، بىز لاي، سەن كۇلالچى، بىز سېنىڭ قولۇڭدا ياسالغان.
چۈنكى، بىز ھەممىمىز خۇدانىڭ ئىجادىيىتى بولۇپ، خۇدا بۇرۇنلا تەييارلىغان ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشىمىز ئۈچۈن ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق يېڭىدىن يارىتىلدۇق.
قوللىرىڭ ياراتتى، ياسىدى مېنى، ئەقىل بەر ماڭا، چۈشىنەي ئەمرلىرىڭنى.
ئەمەلگە ئاشۇرار پەرۋەردىگار مەن ھەققىدىكى پىلانىنى، مەڭگۈلۈكتۇر مېھىر-مۇھەببىتىڭ، ئى پەرۋەردىگار، تەرك ئەتمە، ئۆز قولۇڭدا ياراتتىڭ مېنى.
بىلىڭلاركى، پەرۋەردىگار يېگانىدۇر، بىزنى ئۇ ياراتقاندۇر، بىز ئۇنىڭغا تەۋەدۇرمىز، بىز ئۇنىڭ خەلقىدۇرمىز، يايلىقىنىڭ قويلىرىدۇرمىز.
گەرچە ئەجدادىمىز ئىبراھىم ۋە ياقۇپ بىزنى ئېتىراپ قىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن سەن يەنىلا بىزنىڭ ئاتىمىزسەن، قەدىمدىن بۇيان «قوغدىغۇچىمىز» ئاتىلىپ كېلىۋاتىسەن.
سىلەر ئەخمەق! سىلەر ھېچنېمىنى چۈشەنمەيسىلەر! كۇلالچى بىلەن لاي تەڭ ئورۇندا تۇرامدۇ؟ نەرسىلەر ئۆزىنى ياسىغۇچىنى «ئۇ مېنى ياسىمىغان» دەمدۇ؟ ساپال قاچا كۇلالچىنى «ئۇ ھېچنېمىنى چۈشەنمەيدۇ» دەمدۇ؟
ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي ياراتقۇچىسى بىلەن مۇنازىرىلەشكەنلەر، سىلەر پەقەت لايدىن ياسالغان كوزا-ئىدىشلارغا ئوخشايسىلەر. لاي قانداقسىگە كۇلالچىدىن: «سەن مېنى نېمە قىلىۋاتىسەن؟» ياكى «ياساۋاتقان نەرسەڭنىڭ تۇتقۇچلىرى يوققۇ؟» دەپ سورىيالىسۇن!
سىلەرنى ئاناڭلارنىڭ قورسىقىدا تۆرەلدۈرگەن ۋە قوغداپ كەلگەن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن بارلىق مەۋجۇداتنى ياراتقان پەرۋەردىگاردۇرمەن، مەن ئۆزۈم يالغۇز ئاسماننى يايدىم، مېنىڭ ئالەمنى يارىتىشىمغا ھېچكىم شېرىك بولمىدى.
مەن ئۆز خەلقىم بولۇشقا چاقىرغان خەلقنىڭ ھەممىسى قايتىپ كەلسۇن، چۈنكى مەن ئۇلارنى ئۆز شان-شەرىپىم ئۈچۈن ياراتقان. مەن ئۇلارنى ئاپىرىدە قىلغان.»
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى، ئەي ئىسرائىللار! بۇنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار: سىلەر مېنىڭ خىزمەتكارىم. مەن سىلەرنى مېنىڭ خىزمەتكارىم بولۇشقا ياراتتىم، مەن سىلەرنى ئۇنتۇپ قالمايمەن.
ئەي بىلىمسىز، نادانلار، مۇشۇنداق جاۋاب قايتۇرامسىلەر پەرۋەردىگارغا؟ ئۇ سىلەرنى ياراتقان ئاتاڭلارغۇ؟ سىلەرنى بىر خەلق قىلدىغۇ؟
ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىش ئارقىلىق ھەممىڭلار خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى بولدۇڭلار.
دېمەك، ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانىكەنسىلەر، سىلەرمۇ ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادى بولىسىلەر ۋە ئىبراھىمغا ۋەدە قىلىنغان بەخت-سائادەتكە ئېرىشىسىلەر.
ئۇ چاغدا سەن پىرئەۋنگە: «پەرۋەردىگار: ‹ئىسرائىل خەلقى مېنىڭ تۇنجى ئوغلۇمدۇر.
سىلەر ئۆز ئاتاڭلارنىڭ قىلغىنىنى قىلىۋاتىسىلەر! - دېدى ھەزرىتى ئەيسا. - بىز ھارامدىن بولمىدۇق. بىزنىڭ پەقەت بىرلا ئاتىمىز بار، ئۇ بولسا خۇدادۇر! - دېيىشتى ئۇلار.
ئەجەبا، سەن رەزىللەرنىڭ ھىيلىلىرىگە كۈلۈمسىرەپ، ئۆزۈڭ ياراتقان ئادەملەرنى ئېزىپ، كەمسىتىپ، پايدا ئالالامسەن؟
بىز ئۈچۈن بىر بالا تۇغۇلىدۇ، بىزگە بىر ئوغۇل پەرزەنت ئاتا قىلىنىدۇ. ھاكىمىيەت ئۇنىڭ زىممىسىدە بولىدۇ، ئۇنىڭ نامى ئاجايىپ مەسلىھەتچى، قۇدرەتلىك خۇدا، مەڭگۈلۈك ئاتا، تىنچلىقنىڭ شاھى، دەپ ئاتىلىدۇ.
قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئۇلارغا بەخت ئاتا قىلىپ، مۇنداق دەيدۇ: «مىسىرلىقلار مېنىڭ خەلقىم، ئاسسۇرلار مېنىڭ قولۇمدىكى ئىجادىيىتىم، ئىسرائىللار مېنىڭ مۈلكۈم، سىلەر بەختلىك بولۇڭلار!»
ئىسرائىللار تاللىغان مۇقەددەس خۇدا، ئىسرائىل خەلقىنىڭ ياراتقۇچىسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر ئۆز خەلقىمنىڭ تەقدىرى توغرۇلۇق مېنى سوراققا تارتماقچىمۇ؟ سىلەر ماڭا قانداق قىلىشىم كېرەكلىكىنى دەپ بەرمەكچىمۇ؟
خەلقىڭنىڭ ھەممىسى ھەققانىي بولىدۇ، مەڭگۈلۈك زېمىنغا ئىگە بولىدۇ، ئۇلار مەن تىككەن مايسا، قولۇمنىڭ ھۈنىرى بولۇپ، مېنىڭ شان-شەرىپىمنى نامايان قىلىدۇ.
مەن ئۇلارنى قايتۇرۇپ كەلگەندە، ئۇلار كۆز يېشى قىلىپ، ماڭا دۇئا قىلىدۇ. مەن ئۇلارنى ئېقىنلارغا يېتەكلەيمەن. پۇتلاشمايدىغان تۈز يوللارغا باشلايمەن. چۈنكى مەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئاتىسىمەن، ئەفرايىم مېنىڭ تۇنجى ئوغلۇمدۇر.»
لېكىن شۇنداق بىر ۋاقىتلار كېلىدۇكى، ئىسرائىلىيە خەلقى خۇددى دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك سان-ساناقسىز كۆپىيىدۇ. مەن بۇرۇن ئۇلارغا قەيەردە: «سىلەر مېنىڭ خەلقىم ئەمەس» دېگەن بولسام، يەنە شۇ يەردە ئۇلارغا: «سىلەر مەنكى مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ پەرزەنتلىرىدۇرسىلەر» دەيمەن.
ھەممىمىزنىڭ ئاتىسى خۇدا بىر ئەمەسمۇ؟ ھەممىمىزنى خۇدا ياراتقان ئەمەسمۇ؟ شۇنداق تۇرۇقلۇق، بىز نېمە ئۈچۈن بىر-بىرىمىزنى ئالداپ، ئەجدادلىرىمىزنىڭ خۇدا بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىنى بۇزىمىز؟
سەن نېمە ئۈچۈن مىسىرلىقلارنىڭ «ئۇلارنىڭ خۇداسى ئۇلارنى تاغ-دالالاردا ھالاك قىلىش، يەر يۈزىدىن يوق قىلىش ئۈچۈن مەقسەتلىك ھالدا مىسىردىن ئېلىپ چىققانىكەن» دېيىشىگە سەۋەب تېپىپ بېرىسەن؟ غەزىپىڭنى بېسىۋېلىپ، نىيىتىڭدىن يانغايسەن. ئۆز خەلقىڭگە چوڭ بالايىئاپەت چۈشۈرمىگەيسەن.
ئۇلار نېمىلا بولسۇن، سېنىڭ خەلقىڭ، سېنىڭ مۈلكۈڭ، ئۇلارنى يۈكسەك كۈچ-قۇدرىتىڭ ۋە ھەممىگە قادىر قولۇڭ بىلەن مىسىردىن ئېلىپ چىقتىڭ.»
تەرك ئەتتىڭ بىزنى نېچۈن ئى خۇدا، بىزنى شۇنداق مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالامسەن؟ سېنىڭ ئىلكىڭدىكى بىزدەك قويلىرىڭغا نېچۈن غەزەپ ئوتلىرىڭنى چاچىسەن؟
سەجدە قىلايلى كېلىڭلار پەرۋەردىگارغا، ياراتقۇچىمىز ئۇ بىزنىڭ تىز پۈكەيلى ئۇنىڭغا.
مەن سىلەرنىڭ ئىتائەتسىزلىكىڭلارنى ئەپۇ قىلغۇچىمەن، گۇناھىڭلارنى ئېسىمدە تۇتمايمەن.
مەن داۋاملىق ئەيىبلەپ، مەڭگۈ غەزەپلىنىپ يۈرمەيمەن، شۇنداق قىلغان بولسام، مەن جان ئاتا قىلىپ ياراتقان ئىنسانلار ئالدىمدا روھسىزلىنىپ كېتەتتى.
پەرۋەردىگار مۇنداق دېگەن: «پەقەت ئۇلارلا مېنىڭ خەلقىم، مەندىن يۈز ئۆرۈمەيدىغان پەرزەنتلىرىمدۇر». شۇڭا پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ قۇتقۇزغۇچىسى بولدى.