Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 64:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 خۇددى قۇرۇق ئوتۇننى ئوتتا كۆيدۈرگەندەك، ئوت سۇنى قايناتقاندەك، سەن پەسكە چۈشسەڭ ئىمانسىز ئەللەرمۇ ئالدىڭدا تىترەيتتى، دۈشمەنلىرىڭمۇ سېنىڭ نامىڭنى بىلەتتى.

Gade chapit la Kopi




يەشايا 64:2
31 Referans Kwoze  

ئەڭ ئالىي ھۆكۈمراندۇر پەرۋەردىگار! ئۇ كېرۇبلار ئوتتۇرىسىدا تەختتە ئولتۇرار، ئۇنىڭدىن ئەيمىنىپ تىترىسۇن پۈتكۈل قوۋملار، ھەيۋىسىدىن زىلزىلىگە كەلسۇن ھەممە جايلار.


ئاندىن بۇ شەھەر يەر يۈزىدىكى بارلىق ئەللەر ئالدىدا ماڭا شادلىق، شان-شەرەپ ۋە ھۆرمەت ئېلىپ كېلىدۇ! ئۇ ئەللەر مېنىڭ خەلقىمگە قىلغان ھەممە ياخشى ئىشلىرىمنى ئاڭلايدۇ ۋە ئۇلارغا ئاتا قىلغان تىنچلىقىم ۋە ئۇلارنى گۈللەندۈرۈشۈم سەۋەبىدىن قورقۇپ، تىترەيدۇ.


مەن پەرۋەردىگار سىلەردىن سورايمەن: سىلەر نېمە ئۈچۈن مەندىن قورقمايسىلەر؟ مېنىڭ ئالدىمدا نېمىشقا تىترىمەيسىلەر؟ مەن دېڭىزغا پاسىل قىلىپ قۇملۇق ساھىلىنى بەرپا قىلدىم، دېڭىز-ئوكيانلار بۇ پاسىلدىن ھەرگىز ئۆتەلمەيدۇ. دېڭىز دولقۇنلىشى مۇمكىن، لېكىن سۇلار ھەرگىز تېشىپ كېتەلمەيدۇ، شاۋقۇن چىقىرىشى مۇمكىن، لېكىن ئۇلار ھەرگىز پاسىلدىن ھالقىپ ئۆتەلمەيدۇ.


ئى پەرۋەردىگارىمىز خۇدا، بىزنى ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ قولىدىن ساقلاپ قالغايسەن. يەر يۈزىدىكى بارلىق پادىشاھلىقلار سېنىڭ بىردىنبىر پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىڭنى بىلسۇن!»


دەيدۇ ئۇ: «توختىتىڭلار ئۇرۇشۇڭلارنى، بىلىپ قويۇڭلار مېنىڭ خۇدالىقىمنى! ئۇلۇغلىنىمەن پۈتۈن ئالەمدە، بارچە خەلقلەر ئۇلۇغلار مېنى.»


مەن پىرئەۋننى يەنە جاھىللاشتۇرىمەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كەينىڭلاردىن قوغلايدۇ. مەن پىرئەۋن بىلەن ئۇنىڭ قوشۇنىنى يېڭىمەن، شۇ چاغدا ھەممە ئادەم مېنىڭ قانچىلىك ئۇلۇغ ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ. مىسىرلىقلارمۇ مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ، _ دېدى. ئىسرائىللار خۇدانىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە ئۇ يەردە چېدىرلىرىنى تىكىشتى.


قۇدرەتلىك قول مۇسانىڭ ئوڭ يېنىدا ھەرىكەت قىلاتتى، ئۇ خەلقنىڭ ئالدىدىكى دېڭىز سۈيىنى ئىككىگە ئايرىپ، ئۆزىنىڭ مەڭگۈلۈك نامىنى قالدۇرغانىدى.


ئەمما پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ شەرىپى ئۈچۈن، ئۇلارنى قۇتقۇزۇپ قۇدرىتىنى نامايان قىلغانىدى.


ئى ئىلاھىم، سەرسان قىلىۋەت ئۇلارنى بوراندا قالغان قامغاقتەك. سورۇۋەتكىن ئۇلارنى شامالدا قالغان ساماندەك.


«قېنى ئۇلارنىڭ خۇداسى» دەپ، يات ئەللەر مازاق قىلسا بولامدۇ؟ قىرغىن قىلغان تۇرسا ئۇلار قۇللىرىڭنى، كۆرسەت بىزگە ئۇلارنى جازالىغانلىقىڭنى.


ئى پەرۋەردىگار، قورقۇنچقا سالغىن ئۇلارنى، بىلىپ يەتسۇن ئۇلار پەقەتلا بەندە ئىكەنلىكىنى. سېلاھ


بۈگۈندىن باشلاپ، يەر يۈزىدىكى پۈتۈن ئىنساننى سەندىن قورقىدىغان قىلىمەن. ئۇلار سېنىڭ ئىسمىڭنى ئاڭلىسا، قورقۇپ، تىترىشىپ كېتىدۇ.»


ئەي ئىسرائىلىيە خەلقى، مەن سىلەرنى جازالايمەن. ئەي ئىسرائىلىيە خەلقى، ماڭا ھېساب بېرىشكە تەييارلىنىڭلار!»


ئۇنىڭ ئايىغى ئاستىدىكى تاغلار خۇددى مومدەك ئېرىمەكتە. جىلغىلار يېرىلىپ، قىيا تاشلار خۇددى سۇدەك تاغ باغرىدىن ئاقماقتا.


شۇ كۈنى پەرۋەردىگار يېرۇسالېمنىڭ شەرقىدىكى زەيتۇن تېغىغا قەدەم باسىدۇ. زەيتۇن تېغى ئىككىگە بۆلۈنۈپ، يېرىمى شىمالغا، يېرىمى جەنۇبقا يۆتكىلىدۇ. ئوتتۇرىسىدا شەرقتىن غەربكە سوزۇلغان كەڭ بىر جىلغا پەيدا بولىدۇ.


پەرۋەردىگار ئىلگىرى پىرئازىم تېغىدا ئۇرۇش قىلغاندەك ئۇرۇش قىلىدۇ. ئۇ گىبئون جىلغىسىدا غەزەپلەنگەندەك غەزەپكە كېلىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىرادىسىغا يات بىر ئىشنى قىلىدۇ، ئۆزىنىڭ كۈتۈلمىگەن ئىشىنى قىلىپ، ئۇنى تاماملايدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite