2 كىيىملىرىڭ نېمىشقا قىزىل بويالغان؟ ئۇلار نېمىشقا شاراب كۆلچىكىدە ئۈزۈم يانجىغۇچىلارنىڭكىگە ئوخشاپ قالدى؟
ئۇچىسىغا قانغا مىلەنگەن تون كىيگەن بۇ ئاتقا مىنگۈچىنىڭ ئىسمى «خۇدانىڭ كالامى» ئىدى.
ئۇنىڭ ئاغزىدىن ھەرقايسى خەلقلەرگە زەربە بېرىش ئۈچۈن ئۆتكۈر بىر قىلىچ چىقىپ تۇراتتى. ئۇ خەلقلەرنى تۆمۈر كالتەك بىلەن باشقۇراتتى. ئۇ خۇداغا قارشى تۇرغۇچىلارنى خۇددى ئۈزۈملەرنى شاراب كۆلچىكىدە دەسسەپ مىجىغاندەك، ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ ئوتلۇق غەزىپى بىلەن ھالاك قىلاتتى.
بۇنىڭ بىلەن، پەرىشتە ئورغىقىنى يەر يۈزىگە سالدى ۋە يەردىكى ئۈزۈم تاللىرىنىڭ مېۋىلىرىنى يىغىپ، خۇدانىڭ غەزىپىنىڭ شاراب كۆلچىكىگە تاشلىدى.
باغلاپ قويار ئۇ تەخىيىنى ئەڭ ياخشى ئۈزۈمگە، غاجاپ قويسىمۇ ئۇ ئۈزۈمنى گەرچە، ئۈزۈم شارابىدا يۇيار كىيىملىرىنى، ئېسىل شارابتا تونلىرىنى.
ئۇ ھەققانىيلىقنى ساۋۇت، قۇتقۇزۇش قۇدرىتىنى دۇبۇلغا، قىساسنى كىيىم، قىزغىنلىقنى تون قىلىپ كىيىدۇ.
ئىدومدىكى بوزرادىن كېلىۋاتقان، قىزىل بويالغان تون كىيگەن، گۈزەل ياسانغان، چەكسىز قۇدرەتلىك، چوڭ قەدەملەر بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان كىم؟ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن غەلىبەمنى جاكارلايمەن، مەن سىلەرنى قۇتقۇزۇشقا قادىرمەن.»
شۇڭا مەن پەرۋەردىگار مەڭگۈلۈك مەۋجۇتلۇقۇم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سېنىڭ قېنىڭنى تۆكىمەن، قان پېشىڭنى قويۇۋەتمەيدۇ. سەن قان تۆكۈشتىن نەپرەتلەنمىگەنلىكىڭ ئۈچۈن، قان پېشىڭنى قويۇۋەتمەيدۇ