19 بىز خۇددى سەن ھېچقاچان باشقۇرمىغان خەلققە، سېنىڭ نامىڭ بىلەن ئاتالمىغان خەلققە ئايلىنىپ قالدۇق.
ئۇ چاغلاردا، سىلەر ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ ئەمەس ئىدىڭلار، شۇنداقلا خۇدانىڭ خەلقى بولغان ئىسرائىللار قاتارىدىمۇ ئەمەس ئىدىڭلار، خۇدا ئۆز خەلقىگە ۋەدە قىلغان ئەھدىنىڭ سىرتىدا تۇراتتىڭلار ھەمدە خۇدانى تونۇماي، ئۈمىدسىز ياشايتتىڭلار.
ئىسرائىللار بولسا خۇدانىڭ تاللىغان خەلقىدۇر. خۇدا ئۇلارغا پەرزەنتلىك سالاھىيىتىنى بەردى، ئۆز ئۇلۇغلۇقىنى كۆرسەتتى، ئۇلار بىلەن ئەھدىلەرنى تۈزۈپ، ئۇلارغا تەۋرات قانۇنىنى ئاتا قىلدى. ئىسرائىللار خۇداغا ھەقىقىي ئىبادەت قىلىشنى ئۆگىنىپ، خۇدانىڭ ۋەدىلىرىگە ئېرىشتى.
شۇنداق قىلىپ، باشقا ھەرقانداق ئادەم، جۈملىدىن مەن ئۆز خەلقىم بولۇشقا چاقىرغان يەھۇدىي ئەمەسلەرمۇ مېنى تاپىدۇ. مەن - سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار،
بۇرۇنقى زامانلاردا، خۇدا ھەرقايسى ئەللەرنىڭ ئادەملىرىنى ئۆزلىرى تاللىغان يولدا مېڭىشىغا قويۇپ بەرگەن.
ئىسرائىلىيە خەلقى ئىدومدىن ئامان قالغانلارغا ۋە مېنىڭ نامىم ئاستىدىكى بارلىق ئەللەرگە ئىگە بولىدۇ.» بۇ سۆزلەرنى ئېيتقۇچى ۋە ئەمەلگە ئاشۇرغۇچى مەن پەرۋەردىگاردۇر.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەندىن سورىمىغانلارغا جاۋاب بېرىشكە تەييار ئىدىم، مېنى ئىزدىمىگەنلەرنىڭ مېنى تېپىۋېلىشىغا تەييار ئىدىم، مېنىڭ نامىمنى ئاتىمىغان خەلققە: ‹مەن بۇ يەردە، مەن بۇ يەردە› دەپ تۇردۇم!
پەرۋەردىگار تاللىۋالدى ياقۇپ قوۋمىنى، ئۆزىگە تەۋە قىلىپ ئىسرائىللارنى.
قەھرىڭنى چاچ سېنى تونۇمىغان ئەللەرگە، ۋە ساڭا ئېتىقاد قىلمىغان سەلتەنەتلەرگە.
ساڭا ئېتىبار قىلمىغان ۋە ئىبادەت قىلمىغان ئەللەرگە غەزىپىڭنى ياغدۇرغىن. چۈنكى ئۇلار سېنىڭ خەلقىڭنى، يەنى ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىنى ۋەيران قىلدى. ئۇلار خەلقىڭنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىپ، ئۆي-ماكانلىرىنى خارابىلىككە ئايلاندۇردى.
سېنىڭ مۇقەددەس خەلقىڭ، مۇقەددەس ئىبادەتخاناڭغا قىسقا ۋاقىتلا ئىگە بولدى، كېيىن دۈشمەنلىرىمىز كېلىپ، ئۇنى دەپسەندە قىلدى.
ئى پەرۋەردىگار، ئاسماننى يېرىپ، پەسكە چۈشكەيسەن، تاغلار ئالدىڭدا تىترىسۇن!
ئى پەرۋەردىگار، نېمىشقا قايمۇققان ئادەمگە ئوخشاپ قالدىڭ؟ نېمىشقا ئادەم قۇتقۇزالمايدىغان جەڭچىگە ئوخشايسەن؟ سەن ھەقىقەتەن بىز بىلەن بىللە، ھەمدە بىز ساڭا مەنسۇپ. بىزدىن ۋاز كەچمىگىن!»
يەر يۈزىدىكى بارلىق خەلقلەر سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارغا مەنسۇپ بولغان خەلق ئىكەنلىكىڭلارنى بىلىدۇ ھەم سىلەردىن قورقىدۇ.
ئى پەرۋەردىگار، سەئىردىن ئايرىلغىنىڭدا، ئىدوم زېمىنىدىن يۈرۈش قىلغىنىڭدا، زىلزىلگە كەلدى يەر-زېمىنلار، تۆكۈلدى ئاسمان ۋە بۇلۇتلاردىن يامغۇرلار.
تاغلار سىلكىندى سىناي تېغىدىكى پەرۋەردىگار كەلگەندە، ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ئالدىدا.
كۆكنى يېرىپ يەر تامان چۈشكەندە خۇدا، تۇراتتى قارا بۇلۇتلار ئايىغىنىڭ ئاستىدا.
ئۇ مىنىپ ئۇچتى بىر «كېرۇب»قا، پەرۋاز قىلدى شامالنىڭ قاناتلىرىدا.
ئى خۇدايىم، ئىلتىجايىمغا قۇلاق سالغىن. ئۈمىدسىز ھالىتىمىزنى، يەنى ئۆزۈڭگە مەنسۇپ بولغان شەھەرنىڭ خارابە ھالىتىنى كۆرگىن. بىزنىڭ ھەق بولغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى سېنىڭ بەك رەھىمدىل بولغانلىقىڭدىن سەندىن تىلەۋاتىمىز.
ئى ئىگەم، زارىمىزنى ئاڭلىغىن، بىزنى ئەپۇ قىلغىن! ئى ئىگىمىز، نالىمىزنى ئاڭلاپ، بىرەر تەدبىر قوللانغىن. ئى خۇدايىم، ئۆز نامىڭ ئۈچۈن دەرھال ھەرىكەت ئۆتكىن، چۈنكى بۇ شەھەر ۋە خەلق ئۆزۈڭنىڭدۇر».