12 قۇدرەتلىك قول مۇسانىڭ ئوڭ يېنىدا ھەرىكەت قىلاتتى، ئۇ خەلقنىڭ ئالدىدىكى دېڭىز سۈيىنى ئىككىگە ئايرىپ، ئۆزىنىڭ مەڭگۈلۈك نامىنى قالدۇرغانىدى.
ئۇلارغا دەھشەت ۋەھىمە چۈشەر. ئى پەرۋەردىگار، قۇللۇقتىن قۇتقۇزغان خەلقىڭ ئۆتۈپ بولغۇچە ئۇلار ئالدىدىن، تېڭىرقاپ تۇرۇشۇپ قالار كۆرگىنىدە زور قۇدرىتىڭنى.
دېڭىزنى يېرىپ ئۇلارنى ئۆتكۈزگەنىدى، سۇنى قىيا كەبى تىك تۇرغۇزغانىدى.
يۇقىرىدىن ئېقىپ كېلىۋاتقان دەريا سۈيى شۇ ھامان ئېقىشتىن توختاپ، زارىتان دېگەن جايدىكى ئادام شەھىرىدىن خېلى يىراقتىكى بىر جايغا يىغىلىپ قالدى. ئۆلۈك دېڭىز، يەنى تۇز دېڭىزىغا قاراپ ئېقىۋاتقان تۆۋەنكى ئېقىن سۈيىمۇ پۈتۈنلەي ئۈزۈلۈپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن خەلق ئېرىخا شەھىرىگە يېقىن يەردە دەريادىن ئۆتتى.
تىكەنلىكلەر ئورنىغا كىپارىسلار ئۆسۈپ چىقىدۇ، ئوغرى تىكەنلەر ئورنىغا قارىغاي دەرەخلىرى ئۈنۈپ چىقىدۇ. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا مەڭگۈ شان-شەرەپ كەلتۈرىدىغان بەلگىدۇر.»
ئى ئىسرائىللارغا قويچى بولۇپ يول باشلىغۇچى، يۈسۈپ نەسلىنى قوي پادىسىدەك يېتەكلىگۈچى، كېرۇبلار ئوتتۇرىسىدا تەختتە ئولتۇرغۇچى، ئۆتۈنەي، بىزگە قۇلاق سالغىن، شان-شەرەپلىك نۇرۇڭنى چاچقىن.
سەن دېڭىزنى يېرىپ خەلقىڭگە يول ئېچىپ بەردىڭ. ئۇلار قۇرۇق يول بىلەن دېڭىزدىن ئۆتتى. ئۇلارنى قوغلاپ كەلگەنلەرنى خۇددى تاشنى سۇغا غەرق قىلغاندەك، چوڭقۇر سۇغا غەرق قىلدىڭ.
پەرۋەردىگار مىسىرنىڭ دېڭىز قولتۇقىنى پۈتۈنلەي قۇرۇتىۋېتىدۇ، ئۇ فىرات دەرياسىدا ئىسسىق شامال چىقىرىپ، كىشىلەرنىڭ قۇرۇقلۇققا ئۆتۈشى ئۈچۈن ئۇنى يەتتە تارماق ئېقىنغا ئايرىۋېتىدۇ.
مېھرىڭ بىلەن يېتەكلەيسەن قۇتۇلدۇرغان خەلقىڭنى، مۇقەددەس ماكانىڭغا باشلاپ كېلىسەن قۇدرىتىڭ بىلەن ئۇلارنى.
ئى پەرۋەردىگار، قۇدرەت تاپتى سېنىڭ ئوڭ قولۇڭ، ئى پەرۋەردىگار، شۇڭا سەن تارمار قىلدىڭ رەقىبىڭنى.
خۇدا مۇقەددەس يازمىلاردا مىسىرنىڭ پادىشاھىغا مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ سېنى تىكلىشىمدىكى مەقسەت، پەقەت سېنىڭ ئۈستۈڭدە كۈچۈمنى ئايان قىلىپ، نامىمنى پۈتۈن يەر-زېمىنغا تارقىتىشتۇر.»
شۇڭا سەن بېرىپ، ئىسرائىللارغا سۆزلىرىمنى يەتكۈز: «مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن، سىلەرنى مىسىرلىقلارنىڭ ئېغىر ئەمگەكلىرىدىن ئازاد قىلىمەن، قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇرىمەن. مەن ھەممىگە قادىر قولۇم بىلەن سىلەرنى قۇتقۇزىمەن، مىسىرلىقلارنى قاتتىق جازالايمەن.
دېڭىزدىن سىلەرگە يول ئېچىپ بەرگەن، شىددەتلىك ئېقىندىن سىلەرنى ئۆتكۈزۈپ قويغان،
دېڭىزدىكى سۇلارنى، تېگى يوق ھاڭلاردىكى سۇلارنى قۇرۇتقان سەن ئەمەسمۇ! قۇللۇقتىن قۇتقۇزغان خەلقىڭنىڭ ئۆتۈۋېلىشى ئۈچۈن، دېڭىزدىن قۇرۇقلۇق پەيدا قىلىپ، يول ئاچقان سەن ئەمەسمۇ!
بۇ ئەھدە، مەن ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىنى قولىدىن يېتىلەپ، مىسىردىن ئېلىپ چىققاندا تۈزگەن بۇرۇنقى ئەھدىگە ئوخشىمايدۇ. مەن بۇرۇن ئۇلارغا ساداقەتمەن ئەر بولغان بولساممۇ، ئۇلار يەنىلا ئەھدىنى بۇزدى.
ئۇزۇن يىللار ئىلگىرى سەن مىسىردا مۆجىزە ۋە كارامەتلەرنى كۆرسەتكەنىدىڭ. بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر سەن ئىسرائىلىيە ۋە باشقا پۈتكۈل ئەللەرنىڭ ئارىسىدا توختىماي مۆجىزە، ئاجايىپ كارامەتلەرنى كۆرسىتىپ كەلدىڭ. شۇڭا نامىڭ بۈگۈنگىچە مەشھۇردۇر.
سەن پىرئەۋن، ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرى ۋە ئۇنىڭ خەلقىگە قارشى مۆجىزە ۋە كارامەتلەرنى كۆرسەتتىڭ. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئۆز خەلقىڭنى خارلىغىنىنى بىلدىڭ. شۇڭا نامىڭ بۈگۈنگىچە مەشھۇردۇر.
مەن دېڭىزغا قاراپ: ‹قۇرۇپ كەت› دېسەم، ئۇ قۇرۇپ كېتىدۇ، مەن دەريالارنى قۇرۇتىمەن.
سەن مۆجىزە ۋە كارامەتلىرىڭ بىلەن مىسىرلىقلارنى ئالاقزادە قىلدىڭ، سەن ھەممىگە قادىر قۇدرەتلىك قولۇڭ بىلەن خەلقىڭ ئىسرائىللارنى مىسىردىن ئېلىپ چىقتىڭ.