Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 62:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

8 پەرۋەردىگار قۇدرەتلىك ئوڭ قولىنى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ، قەسەم قىلىپ: «مەن ئەمدى زىرائەتلىرىڭنى دۈشمىنىڭگە ئوزۇقلۇق بولۇشقا بەرمەيمەن، يات خەلقلەرمۇ ئەمدى سېنىڭ جاپا تارتىپ چىقارغان يېڭى شارابلىرىڭنى ئىچەلمەيدۇ.

Gade chapit la Kopi




يەشايا 62:8
16 Referans Kwoze  

سىلەر تونۇمايدىغان بىر ئەل ئېتىزىڭلاردىن چىققان ھوسۇلۇڭلارنى، ئەمگەك قىلىپ ئېرىشكىنىڭلارنى يەپ تۈگىتىدۇ. سىلەر ھەمىشە ئېزىلىسىلەر، بوزەك قىلىنىسىلەر.


كالاڭلارنىڭ سويۇلغانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپ، گۆشىنى يىيەلمەيسىلەر. ئېشەكلىرىڭلار تارتىۋېلىنىپ، قايتۇرۇلمايدۇ. قويلىرىڭلار بۇلانسىمۇ، سىلەرگە ھېچكىم ياردەم قىلمايدۇ.


ئۇلارغا ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «مەن ئىسرائىل خەلقىنى تاللىغان كۈنى مىسىردا ياقۇپ ئەۋلادلىرىغا ئايان بولۇپ، ئۇلارنىڭ خۇداسى بولۇشقا قەسەم قىلغانىدىم.


ئۇلار زىرائەتلىرىڭلار ۋە يېمەكلىكىڭلارنى يەپ تۈگىتىدۇ، ئوغۇل-قىزلىرىڭلارنى ئۆلتۈرىدۇ، چارۋا ماللىرىڭلارنى يەپ بولىدۇ، ئۈزۈمزارلىقىڭلار ۋە ئەنجۈر دەرەخلىرىڭلارنى قۇرۇتۇپ تاشلايدۇ. ئۇلار سىلەر ئىشەنگەن مۇستەھكەم شەھەرلىرىڭلارنى قىلىچ بىلەن ۋەيران قىلىدۇ.»


ئېلىڭلار خاراب قىلىنغان، شەھەرلىرىڭلار كۆيدۈرۈلگەن. ئېتىزلىرىڭلار كۆز ئالدىڭلاردا ياتلار تەرىپىدىن ۋەيران قىلىندى. زېمىنىڭلار ياتلار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىپ، خارابىلىككە ئايلاندى.


مەن قولۇمنى ئاسمانغا كۆتۈرۈپ، مەڭگۈ مەۋجۇتلۇقۇم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى،


مەن سىلەرنى شۇنداق جازالايمەنكى، سىلەرنى ۋەھىمىگە سېلىپ، ساقايماس كېسەلگە گىرىپتار قىلىپ، قىزىتماڭلارنى ئۆرلىتىمەن. كۆزلىرىڭلارنى تورلاشتۇرۇپ، تېنىڭلارنى زەئىپلەشتۈرىمەن. چاچقان ئۇرۇقۇڭلار بىكارغا كېتىدۇ، ھوسۇلۇڭلارنى دۈشمىنىڭلار يەيدۇ.


مەن ئۆز نامىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مېنىڭ دېگەنلىرىمنىڭ ھەممىسى ھەقىقەتتۇر. مېنىڭ سۆزلىرىم ھېچقاچان ئۆزگەرمەيدۇ، پۈتكۈل ئىنسان ماڭا تىزلىنىدۇ، ھەربىر ئىنسان ماڭا سادىق بولىدىغانغا قەسەم ئىچىدۇ.


خۇددى نۇھ پەيغەمبەر دەۋرىدە توپان بالاسىنىڭ يەر-زېمىننى قايتا غەرق قىلمايدىغانلىقىغا قەسەم قىلغىنىمدەك، ساڭىمۇ ھېچقاچان غەزىپىمنى ياغدۇرمايمەن، سېنى جازالىمايدىغانلىقىمغا قەسەم قىلىمەن،


نېمە ئۈچۈن قۇۋۋەتسىز يېمەكلىكلەرنى سېتىۋالىسىلەر؟ نېمە ئۈچۈن جاپا-مۇشەققەتتە تاپقان پۇلۇڭلارنى سىلەرنى قانائەتلەندۈرەلمەيدىغان نەرسىلەرگە ئورۇنسىز سەرپ قىلىسىلەر؟ سىلەر سۆزۈمگە دىققەت بىلەن قۇلاق سېلىڭلار، شۇنداق قىلساڭلار ياخشى يېمەكلىكلەرنى يېگەن بولىسىلەر، كۆڭلۈڭلەر توق تۇرىدۇ.


توي قىلىشقا پۈتۈشكەن قىزىڭلارنى باشقىلار ئىگىلىۋالىدۇ. ئۆي سالساڭلار، ئۆيۈڭلاردا ياشىيالمايسىلەر. ئۈزۈمزارلىق بەرپا قىلساڭلار، ئۈزۈمۈڭلارنى ئۆزۈڭلار يېيىشكە نېسىپ بولمايدۇ.


پەرۋەردىگار ئادالەت ئۈچۈن ئۆتۈنىدىغان ئادەمنىڭ يوقلۇقىنى كۆرۈپ، ھەيران قالىدۇ، شۇڭا ئۇ ئۆزى كېلىپ، ئۆز قولى بىلەن ئۇلارنى قۇتقۇزىدۇ، ئۇنىڭ ھەققانىيلىقى ئۇلارنى قۇتقۇزۇشقا تۈرتكە بولىدۇ.


سىلەر سامارىيەنىڭ تاغلىرىدا قايتىدىن ئۈزۈمزارلىقلارنى بەرپا قىلىسىلەر، ئۇلارنى بەرپا قىلغانلار ئۇلارنىڭ مېۋىلىرىدىن ھۇزۇرلىنىدۇ.


مەن سۈرگۈن قىلىنغان خەلقىم ئىسرائىللارنى قايتۇرۇپ كېلىمەن. ئۇلار ۋەيران بولغان شەھەرلەرنى قايتا قۇرۇپ، ئۇ يەرلەردە ياشايدۇ. ئۇلار ئۈزۈمزارلىقلارنى بەرپا قىلىپ، ئۈزۈم شارابلىرىنى ئىچىدۇ. باغلارنى بەرپا قىلىپ، مېۋىلىرىنى يەيدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite