7 ھەم ئۇنىمۇ ئارام ئالدۇرماڭلار، تاكى ئۇ يېرۇسالېمنى قۇرۇپ بولغۇچە ئارام ئالمىسۇن، يېرۇسالېمنى زېمىندىكى ئىنسانلارنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر قىلسۇن.
ئاندىن بۇ شەھەر يەر يۈزىدىكى بارلىق ئەللەر ئالدىدا ماڭا شادلىق، شان-شەرەپ ۋە ھۆرمەت ئېلىپ كېلىدۇ! ئۇ ئەللەر مېنىڭ خەلقىمگە قىلغان ھەممە ياخشى ئىشلىرىمنى ئاڭلايدۇ ۋە ئۇلارغا ئاتا قىلغان تىنچلىقىم ۋە ئۇلارنى گۈللەندۈرۈشۈم سەۋەبىدىن قورقۇپ، تىترەيدۇ.
زېمىنىڭ ئەمدى قەبىھ ئىشلاردىن خەۋەر تاپمايدۇ، چېگرايىڭ ئىچىدە ئەمدى بۇزغۇنچىلىق ۋە ۋەيرانچىلىق غوۋغالىرى ئاڭلانمايدۇ. تاملىرىڭنى «نىجاتلىق»، دەرۋازىلىرىڭنى «مەدھىيە» دەپ ئاتايسەن.
تۇپراق مايسىنى ئۈندۈرگەندەك، باغ تېرىغاننى ئۆستۈرگەندەك، پەرۋەردىگارمۇ ئوخشاشلا، ھەققانىيلىقنى ئۆستۈرىدۇ، بارلىق ئەللەر ئۇنى مەدھىيەلەيدۇ.
ئۇنىڭدىن كېيىن، يەتتىنچى پەرىشتە كانىيىنى چالدى. ئەرشتىن كەلگەن جاراڭلىق ئاۋازلار مۇنداق دەيتتى: «دۇنيانىڭ پادىشاھلىقى پەرۋەردىگارىمىز ۋە ئۇنىڭ مەسىھىگە مەنسۇپ بولدى. ئۇ ئەبەدىلئەبەد ھۆكۈم سۈرگۈسى.»
بىزنى ئازدۇرۇلۇشلاردىن ساقلاپ قالغايسەن. بىزنى يامانلىقتىن يىراق قىلغايسەن. »
قارا، مەن سېنىڭ نامىڭنى ئالىقىنىمغا يېزىۋالدىم، سېنىڭ شەھەر سېپىللىرىڭ ھەر ۋاقىت مېنىڭ كۆز ئالدىمدا.
يېرۇسالېمنىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن مۇنداق دۇئا ئوقۇلسۇن: «سېنى سۆيگەنلەر روناق تاپسۇن،