Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 62:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 سەن ئەمدى «تاشلاندۇق» ئەمەس، يېرىڭمۇ «خارابىلىق» دەپ ئاتالمايدۇ، سەن «مېنىڭ خۇشاللىقىم» دەپ ئاتىلىسەن، يېرىڭ «تۇرمۇشقا چىققان» دەپ ئاتىلىدۇ، چۈنكى پەرۋەردىگار سەندىن خۇشال بولۇپ، يېرىڭنى ياتلىق قىلىدۇ.

Gade chapit la Kopi




يەشايا 62:4
32 Referans Kwoze  

پەرۋەردىگارىڭ خۇدا ساڭا ياردۇر، ئۇ قۇدرەتلىك قۇتقۇزغۇچىدۇر. ئۇ سەندىن خۇشال بولۇپ، تەنتەنە قىلىدۇ. ئۇ مۇھەببىتى بىلەن ساڭا تەسەللى بېرىدۇ. ئۇ سەندىن شادلىنىپ، ناخشا ئېيتىدۇ.»


سىلەر ‹مۇقەددەس خەلق›، ‹پەرۋەردىگار قوغدىغان خەلق› دەپ ئاتىلىسىلەر، يېرۇسالېم ‹ئەتىۋارلانغۇچى›، ‹تاشلىۋېتىلمىگەن شەھەر› دەپ ئاتىلىدۇ.»


ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشتىن خۇشال بولىمەن. مەن پۈتۈن جان-دىلىم بىلەن ئۇلارنى بۇ زېمىنغا قايتۇرۇپ كېلىپ، بۇ يەردە ئولتۇراقلاشتۇرىمەن.


بۇرۇن سىلەر خۇدانىڭ خەلقى ئەمەس ئىدىڭلار. لېكىن، ئەمدى خۇدانىڭ خەلقىسىلەر. بۇرۇن سىلەر خۇدانىڭ رەھىم-شەپقىتىگە ئېرىشمىگەنىدىڭلار، لېكىن ئەمدى ئېرىشتىڭلار.


مەن پەرۋەردىگاردىن ئىنتايىن خۇشاللىنىمەن، يۈرىكىم خۇدادىن خۇشاللىق تاپىدۇ، چۈنكى ئۇ نىجاتلىقنى ماڭا چاپان قىلىپ كىيدۈردى، ھەققانىيلىقنى تون قىلىپ ياپتى. خۇددى تويى بولغان يىگىت بېشىغا روھانىينىڭ ئېسىل باش كىيىمىنى كىيگەندەك، ھەم تويى بولغان قىز زىبۇ-زىننەت تاقىغاندەك خۇشاللىنىمەن.


چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز قوۋمىدىن سۆيۈنەر، كەمتەرلەرگە نىجاتلىق تاجىنى كىيدۈرەر.


مەن يەنە شۇنداق دەيمەنكى، ئەي ساداقەتسىز بالىلىرىم، مېنىڭ يولۇمغا قايتىڭلار. مەن سىلەرنىڭ خوجايىنىڭلار. ئەگەر يولۇمغا قايتساڭلار، ھەربىر شەھەردىن بىرىڭلارنى ۋە ھەربىر جەمەتتىن ئىككىڭلارنى سىئون تېغىغا قايتۇرۇپ كېلىمەن.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي بالا تۇغمىغان، پەرزەنتسىز ئايال! تەنتەنە قىلغىن، ئەي تولغاق ئازابىنى كۆرمىگەن ئايال! شادلىق ناخشاڭنى ياڭراتقىن، چۈنكى تاشلاپ كېتىلگەن ئايالنىڭ بالىلىرى، ئېرى بار ئايالنىڭ بالىلىرىدىن كۆپ بولىدۇ.


گەرچە سەن بۇرۇن تاشلىۋېتىلگەن، نەپرەتكە ئۇچرىغان، ھەتتا زېمىنىڭدىن ھېچكىم ئۆتمەيدىغان جاي بولساڭمۇ، لېكىن مەن سېنى مەڭگۈلۈك شان-شۆھرەتكە، ئەۋلادمۇئەۋلاد خۇشاللىققا ئىگە قىلىمەن.


ياش يىگىت يېڭى كېلىن بىلەن توي قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ياشىغاندەك، سېنىڭ خەلقىڭمۇ يېرىڭدە ياشايدۇ. يېڭى توي قىلغان يىگىت توي قىلغان قىزىدىن قانداق خۇشال بولغان بولسا، سېنىڭ خۇدايىڭمۇ سەندىن شۇنداق خۇشال بولىدۇ.


مەن سىلەرنى ساختا ئەلچىلەردىن قىزغىنىمەن. بۇ، خۇداغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىمدىن كەلگەن. مەن گويا بىر پاك قىزنى ياتلىق قىلغاندەك، سىلەرنى «يېگانە ئەر»~گە - ئەيسا مەسىھكە تەقدىم قىلدىم.


لېكىن سىئون: «پەرۋەردىگار مېنى تاشلاپ كەتتى، ئىگەم مېنى ئۇنتۇدى» دەيدۇ.


مۇقەددەس شەھەرنىڭ، يەنى خۇدا نازىل قىلغان يېڭى يېرۇسالېمنىڭ ئەرشتىن خۇددى ئۆز يىگىتىگە پەردازلىنىپ ھازىرلانغان قىزدەك چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆردۈم.


قىز چوقۇم ئۆزى بىلەن توي قىلىدىغان يىگىتكە مەنسۇپ بولىدۇ. قولداش بولسا يىگىتنىڭ تەييارلىقىنى قىلىپ، ئۇنىڭ كېلىشىنى كۈتىدۇ ھەم ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ خۇرسەن بولىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، مەنمۇ ھەزرىتى ئەيسانىڭ كېلىشىدىن خۇشاللىنىپ، قىن-قىنىمغا پاتماي قالدىم.


ئۆزۈڭلارنى مال-دۇنياغا ئۇرماڭلار. بارىغا قانائەت قىلىڭلار. تەۋراتتا خۇدا مۇنداق دېگەن: «سەندىن ئەسلا ئايرىلمايمەن، سېنى ئەسلا تاشلىمايمەن.»


زېمىنىڭ ئەمدى قەبىھ ئىشلاردىن خەۋەر تاپمايدۇ، چېگرايىڭ ئىچىدە ئەمدى بۇزغۇنچىلىق ۋە ۋەيرانچىلىق غوۋغالىرى ئاڭلانمايدۇ. تاملىرىڭنى «نىجاتلىق»، دەرۋازىلىرىڭنى «مەدھىيە» دەپ ئاتايسەن.


ئەي يېرۇسالېم، ھەممە ئەللەر سېنىڭ ھەققانىيلىقىڭنى، ھەممە پادىشاھلار شان-شەرىپىڭنى كۆرىدۇ. سەن يېڭى نامغا ئىگە بولىسەن، بۇ نامنى پەرۋەردىگار ئۆز ئاغزى بىلەن قويىدۇ.


مەن چوقۇم يېرۇسالېمدىن شادلىنىمەن، خەلقىمدىن خۇشال بولىمەن، ئۇ يەردىن ئەمدى يىغا-زار ۋە نالە-پەرياد ئاۋازلىرى ئاڭلانمايدۇ.


ئاندىن بۇ شەھەر يەر يۈزىدىكى بارلىق ئەللەر ئالدىدا ماڭا شادلىق، شان-شەرەپ ۋە ھۆرمەت ئېلىپ كېلىدۇ! ئۇ ئەللەر مېنىڭ خەلقىمگە قىلغان ھەممە ياخشى ئىشلىرىمنى ئاڭلايدۇ ۋە ئۇلارغا ئاتا قىلغان تىنچلىقىم ۋە ئۇلارنى گۈللەندۈرۈشۈم سەۋەبىدىن قورقۇپ، تىترەيدۇ.


زېمىنىڭلارنىڭ مۇنبەتلىكىدىن بارلىق ئەللەر: ‹ئۇلارنىڭ بېشىغا بەخت قونۇپتۇ› دېيىشىدۇ!» مانا بۇلار قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.


ئەگەر سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئىتائەت قىلساڭلار ۋە بۇ قانۇنغا پۈتۈلگەن بارلىق ئەمر-پەرمانلارغا ئەمەل قىلساڭلار، پۈتۈن قەلبىڭلار ۋە پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭلار بىلەن ئۇنى ئىزدىسەڭلار، ئۇ بارلىق ئىشىڭلارنى روناق تاپقۇزۇپ، ئۆيۈڭلارنى بالىلارغا، قوتىنىڭلارنى چارۋا ماللارغا تولدۇرىدۇ ۋە ئېتىزىڭلاردىن ئالغان ھوسۇلۇڭلارنى بەرىكەتلىك قىلىدۇ. ئۇ ئەجدادلىرىڭلارنى روناق تاپقۇزغىنىدەك، سىلەرنىمۇ روناق تاپقۇزسا خۇشال بولىدۇ.


ئالىيجانابتۇر زېمىندىكى تەقۋادار خەلقىڭ، بارلىق خۇشاللىقىمدۇر ئۇلار مېنىڭ.


ئۇلار: ‹بۇرۇنقى قاقاس يەرلەر ئەمدى ئېرەم باغقا ئايلىنىپتۇ. بۇرۇن خارابىلىككە ئايلانغان شەھەرلەرگە قايتىدىن سېپىللار ياسىلىپ، ئادەملەر ئولتۇراقلىشىپتۇ› دېيىشىدۇ.


مەن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەنكى، ئۇ كۈن كەلگەندە ئاسماننىڭ ئىلتىجاسىنى ئىجابەت قىلىمەن، ئاسمان زېمىننىڭ ئىلتىجاسىنى ئىجابەت قىلىدۇ.


زېمىن ئاشلىق، شاراب ۋە زەيتۇن يېغى بىلەن جاۋاب بېرىدۇ. بۇلار ‹يىزرىئەل› [مەنىسى خۇدا تېرىيدۇ] دەپ جاۋاب قايتۇرىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite