Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 61:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

7 خورلۇقىڭلار ئورنىغا ئىككى ھەسسە بەختكە ئېرىشىسىلەر، سىلەر بۇرۇن خورلانغانىدىڭلار، ئەمدى ئۈلۈشىڭلاردىن شادلىنىسىلەر. سىلەر زېمىنىڭلاردا ئىككى ھەسسە ئارتۇق مال-مۈلۈككە ئىگە بولىسىلەر، مەڭگۈلۈك خۇشاللىق سىلەرگە مەنسۇپ بولىدۇ.

Gade chapit la Kopi




يەشايا 61:7
19 Referans Kwoze  

ئايۇپ دوستلىرى ئۈچۈن دۇئا قىلغاندىن كېيىن، پەرۋەردىگار ئۇنىڭ بۇرۇنقى روناق تاپقان چاغلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپلا قالماي، يەنە ئۇنىڭغا بۇرۇنقىغا قارىغاندا بىر ھەسسە ئارتۇق بايلىق ئاتا قىلدى.


ئەي ئۈمىدۋار تۇتقۇنلار، ئۆز قورغىنىڭلارغا قايتىڭلار! بۈگۈن شۇنداق جاكارلايمەنكى، يوقاتقىنىڭلارنى ھەسسىلەپ قايتۇرۇپ بېرىمەن.


يېرۇسالېمغا مۇلايىملىق بىلەن سۆزلىگىن، ئۇلارغا جاكارلىغىن: ‹سىلەرنىڭ ئازابلىق كۈنلىرىڭلار ئاخىرلاشتى، سىلەرنىڭ گۇناھلىرىڭلار كەچۈرۈم قىلىندى. سىلەر ئۆز گۇناھلىرىڭلار ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرگە بەرگەن جازاسىنى ئىككى ھەسسە ئارتۇق تارتتىڭلار.›»


كۆرسىتىپ بېرىسەن ھاياتلىق يولىنى ماڭا، خۇشاللىق تولۇپ تاشقاندۇر ھۇزۇرۇڭغا، مەڭگۈلۈك شادلىق باردۇر ئوڭ قولۇڭدا.


ئۇلار دەريادىن ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن، ئىلياس ئېلىشادىن: _ نېمە تەلىپىڭ بار؟ مەن سېنىڭ يېنىڭدىن ئېلىپ كېتىلىشتىن بۇرۇن ساڭا نېمە ئىش قىلىپ بېرەي؟ _ دەپ سورىدى. ئېلىشا: _ تۇنجى ئوغۇلغا مىراسنىڭ ئىككى ئۈلۈشى بېرىلگەندەك، ماڭىمۇ سىلىگە چۈشكەن روھنىڭ ئىككى ئۈلۈشى بېرىلسە، مەن سىلىنىڭ ئىز باسارلىرى بولسام، _ دېدى.


پەرۋەردىگار قۇتقۇزغان كىشىلەر يېرۇسالېمغا قايتىدۇ. ئۇلار سىئونغا قايتىپ كېلىپ، شادلىق ناخشىلىرىنى ياڭرىتىدۇ. مەڭگۈلۈك خۇشاللىقنى باشلىرىغا تاج قىلىپ تاقايدۇ. ئازاب ۋە قايغۇ تۈگەيدۇ، ئۇنىڭ ئورنىنى خۇشاللىق ۋە شادلىق ئالىدۇ.


بىز ئۇچراۋاتقان بۇ ۋاقىتلىق ۋە ئەرزىمەس ئازاب-ئوقۇبەتلەر بىزگە تەڭداشسىز ۋە مەڭگۈلۈك شان-شەرەپ ئېلىپ كېلىدۇ.


پەرۋەردىگار قۇتقۇزغان كىشىلەر يېرۇسالېمغا قايتىپ كېلىدۇ. ئۇلار سىئونغا قايتىپ كېلىپ شادلىق ناخشىلىرىنى ياڭرىتىدۇ. مەڭگۈلۈك خۇشاللىقنى ئۆز بېشىغا تاج قىلىپ تاقايدۇ. ئازاب ۋە قايغۇ تۈگەيدۇ، ئۇنىڭ ئورنىنى خۇشاللىق ۋە شادلىق ئالىدۇ.


بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار مەڭگۈلۈك جازاغا ئۇچرايدۇ. ھەققانىي ئادەملەر بولسا مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىدۇ.


رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ۋە بىزگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكەن، ئۆزىنىڭ مېھىر-شەپقىتى بىلەن مەڭگۈلۈك رىغبەت ھەم گۈزەل ئۈمىد ئاتا قىلغان خۇدائاتىمىز سىلەرنى رىغبەتلەندۈرگەي ھەمدە سىلەرگە بارلىق ياخشى ئىش، ياخشى سۆزلەرنى قىلىشقا كۈچ-قۇدرەت بەرگەي!


ئۇ ئادەم ياخشى كۆرمەيدىغان ئايالىدىن تۇغۇلغان تۇنجى ئوغلىغا ئىككى كىشىلىك مىراس بەرسۇن. چۈنكى تۇنجى ئوغلى ئۇ ئادەمنىڭ قىران ۋاقىتلىرىدا تاپقان بالىسى بولۇپ، تۇنجى ئوغۇللۇق ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولسۇن.


يىغلاپ تۇرۇپ ئۇرۇق چاچقانلار، ناخشا بىلەن ھوسۇل يىغار.


قورقمىغىن، چۈنكى سەن ئەمدى ئۇياتقا قالمايسەن، خىجىل بولما، چۈنكى سەن ئەمدى شەرمەندە بولمايسەن. سەن ياش ۋاقتىڭدىكى نومۇسلۇق ئىشلارنى ئۇنتۇپ كېتىسەن، تۇل ئولتۇرغان ۋاقىتلىرىڭدىكى شەرمەندىچىلىكلەرنى قايتا ئەسلىمەيسەن.


خەلقىڭنىڭ ھەممىسى ھەققانىي بولىدۇ، مەڭگۈلۈك زېمىنغا ئىگە بولىدۇ، ئۇلار مەن تىككەن مايسا، قولۇمنىڭ ھۈنىرى بولۇپ، مېنىڭ شان-شەرىپىمنى نامايان قىلىدۇ.


شۇڭا ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «قاراڭلار، مېنىڭ خىزمەتكارلىرىم يەيدۇ، لېكىن سىلەر ئاچ قالىسىلەر، قاراڭلار، مېنىڭ خىزمەتكارلىرىم ئىچىدۇ، سىلەر ئۇسسۇزلۇقتا قالىسىلەر، قاراڭلار، مېنىڭ خىزمەتكارلىرىم شادلىنىدۇ، لېكىن سىلەر نومۇستا قالىسىلەر.


خەلقىم خاتىرجەم ھالدا زىرائەتلەرنى تېرىيدۇ. ئۈزۈم تاللىرى ساپاق-ساپاق ئۈزۈملەرگە تولىدۇ. ئاسماندىن شەبنەم چۈشۈپ، زېمىن مول ھوسۇل بېرىدۇ. مەن ئامان قالغان خەلقىمگە بۇ بەختنى ئاتا قىلىمەن.


گەرچە سەن بۇرۇن تاشلىۋېتىلگەن، نەپرەتكە ئۇچرىغان، ھەتتا زېمىنىڭدىن ھېچكىم ئۆتمەيدىغان جاي بولساڭمۇ، لېكىن مەن سېنى مەڭگۈلۈك شان-شۆھرەتكە، ئەۋلادمۇئەۋلاد خۇشاللىققا ئىگە قىلىمەن.


شۇ چاغدا مەن سىلەرگە زۇلۇم سالغانلارنىڭ ھەممىسىنى جازالايمەن. ئاجىزلارنى قۇتقۇزۇپ، سۈرگۈندىكىلەرنى يىغىمەن. سىلەر نومۇستا قالغان ھەر بىر ئەلدە سىلەرنى شەرەپلەندۈرىمەن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite