Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 61:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 ئىگەم پەرۋەردىگارنىڭ روھى مېنىڭ ۋۇجۇدۇمدا، چۈنكى پەرۋەردىگار مېنى كەمبەغەللەرگە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشكە تاللىدى، قەلبى جاراھەتلەنگەنلەرگە شىپاللىق بېرىشكە ئەۋەتتى. تۇتقۇنلارغا: «ئازاد بولىسىلەر!» دەپ جاكارلاشنى، گۇناھقا باغلانغانلارنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلىشقا ئەۋەتتى.

Gade chapit la Kopi




يەشايا 61:1
55 Referans Kwoze  

شۇنىڭ بىلەن، ئۇ يەھيا پەيغەمبەرنىڭ شاگىرتلىرىغا: - سىلەر قايتىپ بېرىپ، ياراتقان مۆجىزىلىرىمنى ۋە ئېيتقان تەلىملىرىمنى يەھياغا يەتكۈزۈپ: «كورلارنىڭ كۆزى ئېچىلدى، توكۇرلار ماڭالايدىغان بولدى، ماخاۋ كېسىلى بولغانلار ساقايدى، گاسلار ئاڭلىيالايدىغان بولدى، ھەتتا ئۆلگەنلەرمۇ تىرىلدى ۋە كەمبەغەللەرگە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈلدى» دەپ ئېيتىڭلار.


سەن ئەمالارنىڭ كۆزىنى ئاچىسەن، سەن زىندانلاردىن كىشىلەرنى ئازاد قىلىسەن، قاراڭغۇلۇققا سولانغان كىشىلەرنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرىسەن.


«كورلارنىڭ كۆزى ئېچىلدى، توكۇرلار ماڭالايدىغان بولدى، ماخاۋ كېسىلى بولغانلار ساقايدى، گاسلار ئاڭلىيالايدىغان بولدى، ھەتتا ئۆلگەنلەرمۇ تىرىلدى ۋە كەمبەغەللەرگە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈلدى» دەپ ئېيتىڭلار.


كۆڭلىگە داۋا بېرىدۇ كۆڭلى سۇنۇقلارنىڭ، شىپالىق مەلھەم تاڭىدۇ يارىلىرىغا ئۇلارنىڭ.


«قاراڭلار، مەن قوللىغان، مەن تاللىغان، مەن ياقتۇرغان خىزمەتكارىمغا! مەن ئۆزۈمنىڭ روھىنى ئۇنىڭغا ئاتا قىلدىم. ئۇ بارلىق خەلقلەرگە ئادالەتنى يەتكۈزىدۇ.


خۇدا ئۇنى تەيىنلەپ، ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ مۇقەددەس روھى ۋە كۈچ-قۇدرىتىنى ئاتا قىلدى. ئۇ ھەممە يەرنى كېزىپ، ياخشى ئىشلارنى قىلىپ، شەيتاننىڭ ئىلكىدە بولغانلارنىڭ ھەممىسىنى ساقايتتى، چۈنكى خۇدا ئۇنىڭغا يار ئىدى.


ئەڭ ئۇلۇغ، يۈكسەك، مەڭگۈ مەۋجۇت، نامى مۇقەددەس بولغۇچى مەن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: مەن ئەڭ بۈيۈك، ئەڭ مۇقەددەس جايدا تۇرىمەن، ۋاھالەنكى، چىن قەلبىدىن توۋا قىلغان كىچىك پېئىللار بىلەن بىللە بولىمەن، كىچىك پېئىللارنىڭ روھىنى ئويغىتىمەن، توۋا قىلغانلارنىڭ قەلبىنى يېڭىلايمەن.


سەن ئەسىرلەرگە ‹ئەمدى ئەركىن بولدۇڭلار› دەيسەن، زۇلمەتتە ياشاۋاتقانلارغا ‹نۇرغا چىقىڭلار› دەيسەن. ئۇلار يول بويى يېمەكلىكلەرگە ئېرىشىدۇ، تاقىر تاغلار ئۇلارنىڭ يايلاقلىرىغا ئايلىنىدۇ.


مىسكىنلەرگە يېقىندۇر پەرۋەردىگار، روھى ئازاب چەككەنلەرنى قۇتقۇزار.


ھەممىڭلار يېنىمغا كېلىپ، گېپىمگە قۇلاق سېلىڭلار، مەن ئەزەلدىنلا نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئوچۇق ئېيتىپ كەلدىم. مەن باشتىن ئاخىر بۇ ئىشلارنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ كەلدىم.» مانا ئەمدى ئىگەم پەرۋەردىگار ماڭا ئۆز روھىنى ئاتا قىلىپ، مېنى ئەۋەتتى.


سەن قاراڭغۇلۇقتا ياشاۋاتقانلارنىڭ كۆزلىرىنى ئېچىپ، ئۇلارنى زۇلمەتتىن يورۇقلۇققا، شەيتاننىڭ ئىلكىدىن خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا باشلايسەن. بۇنىڭ بىلەن، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. شۇنداقلا، ئۇلار ماڭا ئېتىقاد قىلىش ئارقىلىق پاك قىلىنغانلارنىڭ ئارىسىدىن ئورۇن ئالىدۇ!» دېدى.


خۇدا ئەۋەتكەن قۇتقۇزغۇچى خۇدانىڭ سۆزىنى سۆزلەيدۇ، چۈنكى خۇدا ئۆز روھىنى ئۇنىڭغا ئايىماستىن بېرىپ كەلمەكتە.


ھەزرىتى ئەيسا چۆمۈلدۈرۈلۈپ سۇدىن چىقىشىغا، ئاسمان يېرىلدى. ئۇ خۇدانىڭ روھىنىڭ كەپتەر ھالىتىدە ئاسماندىن چۈشۈپ، ئۈستىگە قونۇۋاتقانلىقىنى كۆردى.


كېلىڭلار، بىز پەرۋەردىگارنىڭ يولىغا قايتايلى! ئۇ بىزنى يارىلاندۇردى، لېكىن ئۇ يەنە ئۆزى بىزنى ساقايتىدۇ. ئۇ بىزگە زەربە بەردى، لېكىن ئۇ يارىلىرىمىزنى ئۆزى تاڭىدۇ.


ئۆچ كۆرىسەن ناھەقچىلىكنى، سۆيىسەن ھەققانىيەتنى، شۇڭا سېنى تاللىغان خۇدا ياغدۇردى ساڭا شادلىقىنى. ھەمراھلىرىڭدىن بەكرەك شادلاندۇردى سېنى.


ئېزىلگەنلەر قانائەتلىنەر نېمەتلەردىن، پەرۋەردىگارغا تەلپۈنگەنلەر مەدھىيەلەر ئۇنى، خۇدا مەڭگۈ ياشناتقاي سىلەرنىڭ قەلبىڭلارنى.


خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان قۇربانلىق _ دەل قەلبنىڭ پۇشايمىنى، ئى خۇدا، تەرك ئەتمەيسەن پۇشايمان قىلىپ توۋا قىلغان كۆڭۈلنى.


دەيدۇ ئۇ: «ئۆز مۇقەددەس تېغىمدا _ تەختكە ئولتۇرغۇزدۇم پادىشاھىمنى سىئوندا.»


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن بىلەن ئۇلار ئارىسىدا تۈزۈلگەن ئەھدە مۇنداقتۇر: ساڭا ئاتا قىلغان روھىم، ئاغزىڭغا سالغان سۆزلىرىم ئاغزىڭدىن ئايرىلمايدۇ، ئەۋلادلىرىڭلارنىڭ، ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ئاغزىدىن ئايرىلمايدۇ، بۈگۈندىن تارتىپ مەڭگۈگە ئايرىلمايدۇ.» بۇ پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!


ھەققانىيەتنى سۆيدۈڭ، ناھەقلىقتىن نەپرەتلەندىڭ. شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدا - سېنىڭ ئىگەڭنىڭ ساڭا ئاتا قىلغان شان-شۆھرەت ۋە پەخرىي شادلىقى ھەمراھلىرىڭغا ئاتا قىلغىنىدىن كۆپ زىيادىدۇر» دېگەن.


لېكىن روھى چۈشكەنلەرگە تەسەللى بېرىدىغان خۇدا تىتۇسنى يېنىمىزغا ئەۋەتىش ئارقىلىق بىزگە تەسەللى بەردى.


خەلقىڭ ۋە مۇقەددەس شەھىرىڭنىڭ ئىتائەتسىزلىكىنى ئاخىرلاشتۇرۇشى، گۇناھىنى يۇيۇشى، يامانلىقىنى توختىتىشى، مەڭگۈلۈك ئادالەت ئورنىتىشى، ۋەھىيدىكى بېشارەتلەرنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ۋە مۇقەددەس ئىبادەتخانىنىڭ پاكلىنىشى ئۈچۈن يەتمىش كەررە يەتتە مەزگىل بېكىتىلدى.


ئېزىلگەنلەر بۇنى كۆرۈپ خۇش بولار، خۇداغا تەلپۈنگەنلەر روھلىنىپ ئىلھاملىنار.


بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز قولۇم بىلەن ياسىدىم، شۇڭا بۇلارنىڭ ھەممىسى مەۋجۇتتۇر. مەن مۇنداق ئادەمدىن خۇرسەن بولىمەن: ئۇ يۈرىكىدىن توۋا قىلغان، كىچىك پېئىللىق بىلەن ياشىغان، سۆزلىرىمنى ھۆرمەتلەيدىغان ئادەمدۇر.


كەمتەرلەرنى يېتەكلەر دۇرۇس يولغا، ئۆز يولىنى ئۆگىتەر كىچىك پېئىللارغا.


ئەندەر دەرھال ئۆز ئاكىسى سىمۇننى تېپىپ، ئۇنىڭغا: - بىز «مەسىھ»~نى تاپتۇق! - دېدى. («مەسىھ» ئىبرانىيچە سۆز بولۇپ، «خۇدا تەيىنلىگەن قۇتقۇزغۇچى» دېگەن مەنىدە.)


چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز قوۋمىدىن سۆيۈنەر، كەمتەرلەرگە نىجاتلىق تاجىنى كىيدۈرەر.


دەل شۇ ئەھۋال بىزنىڭ شەھىرىمىزدە يۈز بەردى! ھىرود خان بىلەن ۋالىي پىلاتۇس رىملىق لەشكەرلەر ۋە ئىسرائىل خەلقى بىلەن بىرلىشىپ، مۇقەددەس خىزمەتكارىڭ، ئۆزۈڭ تەيىنلىگەن قۇتقۇزغۇچى ئەيساغا قارشى توپلاندى.


پادىشاھ زىدقىيا يېرۇسالېمدىكى بارلىق خەلق بىلەن ئۇلارنىڭ قۇللىرىنى ئازاد قىلىش توغرىسىدا بىر كېلىشىم تۈزگەندىن كېيىن، پەرۋەردىگاردىن يەرەمىياغا ۋەھىي كەلگەنىدى.


ئەي يېرۇسالېمنىڭ خارابىلىرى، سىلەر ھەممىڭلار خۇشاللىق ئىچىدە تەنتەنە قىلىڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىگە تەسەللى بېرىدۇ، يېرۇسالېمنى قوغدايدۇ.


بۇ يەردىكى «رەب» دېگەنلىك مۇقەددەس روھتۇر. كىمنىڭ قەلبىدە رەبنىڭ روھى بولسا، ئۇنىڭدا ھۆرلۈك بولىدۇ.


پەرۋەردىگارنىڭ قىلغانلىرىدىن ئاجىزلار قايتىدىن خۇشاللىققا چۆمىدۇ. يوقسۇللار، ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدادىن شادلىنىدۇ.


ئەي سىئون تېغىدىكى خەلق _ يېرۇسالېمدا ياشاۋاتقان خەلقلەر، سىلەر ئەمدى يىغلىمايسىلەر. ئەگەر سىلەر ياردەم تىلىسەڭلار، ئۇ سىلەردىن شەپقىتىنى ئايىمايدۇ. ئۇ سىلەرنىڭ نالەڭلەرنى ئاڭلىغاندا، سىلەرگە ياردەم قىلىدۇ.


پەرۋەردىگار ئۆزى جاراھەتلەندۈرگەن خەلقىنىڭ يارىلىرىنى تېڭىپ، ئۇلارنىڭ يارىلىرىغا شىپالىق بېرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئاي نۇرى خۇددى قۇياشتەك پارلايدۇ. قۇياشمۇ خۇددى يەتتە كۈنلۈك قۇياش نۇرى قوشۇلغاندەك، يەتتە ھەسسە يورۇقلۇق بېرىدۇ.


مەككارلارنىڭ ئۇسۇللىرى رەزىلدۇر. يوقسۇللارنىڭ تەلەپلىرى توغرا بولسىمۇ، ئۇلار ھىيلە-مىكىرلىك پىلانلارنى تۈزۈپ چىقىپ، يوقسۇللارنى يالغان گۇۋاھلىقى بىلەن ۋەيران قىلىدۇ.


ئەي خۇش خەۋەر يەتكۈزگۈچى سىئون خەلقى، تاغقا چىققىن! ئەي خۇش خەۋەر يەتكۈزگۈچى يېرۇسالېم، ئۈنلۈك ئاۋازدا قورقماي ۋارقىراپ، يەھۇدىيەنىڭ شەھەر-يېزىلىرىغا: «قاراڭلار، بۇ سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار!» دېگىن.


تاغ-داۋانلاردىن ئېشىپ، خۇش خەۋەر ئېلىپ كەلگۈچىنىڭ قەدەملىرى نەقەدەر گۈزەل-ھە! ئۇ تىنچلىقنى ئېلان قىلىدۇ، ياخشى خەۋەر ئېلىپ كېلىدۇ، نىجاتلىقنى ئېلان قىلىدۇ، ئۇ سىئونغا: «سېنىڭ خۇدايىڭ ھۆكۈمراندۇر» دەيدۇ.


مەن ئۇنىڭ قىلمىشلىرىنى كۆرۈپ تۇرىمەن، لېكىن مەن ئۇلارنى ساقايتىپ، ئۇلارغا يول كۆرسىتىمەن، ھازا تۇتقان كىشىلەرگە تەسەللى بېرىمەن.


لېكىن مەن پەرۋەردىگارنىڭ روھىغا چۆمدۈم، قۇدرەت، ئادالەت ۋە كۈچكە تولدۇم. مەن ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ قىلمىشلىرىنى، ئىسرائىللارنىڭ گۇناھلىرىنى ئۇلارنىڭ يۈزىگە سالىمەن.


ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى ماڭا بېغىشلاپ، ئۇلارغا روھانىيلىق كىيىملىرىنى كىيدۈرگىن ۋە ئۇلارنىڭ بېشىغا مۇقەددەس ياغ سۈركەپ، ئۇلارنى روھانىيلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلىگىن. ئۇلار مېنىڭ خىزمىتىمنى قىلسۇن.


ئۇنىڭدىن كېيىن، مۇقەددەس ياغنى ئۇنىڭ بېشىغا قۇيۇپ، ئۇنى روھانىي قىلىپ تەيىنلىگىن.


تائام ھەدىيەلىرىدىكى يانپاش ۋە تۆش ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى مېنىڭ خىزمىتىمنى قىلىش ئۈچۈن روھانىيلىققا تەيىنلەنگەن كۈندىن باشلاپ، ئىگە بولىدىغان نېسىۋىدۇر.


ئى سىناي تېغىدا سۆزلىگەن خۇدا، ئى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا، زېمىن تىترەپ، يامغۇر تۆكتى ئاسمان باغرىدىن، ئۆز قوۋمىڭنى چۆللەر ئارا باشلاپ ماڭغىنىڭدا.


يىھوياكىن مەھبۇسلۇق كىيىمىنى سېلىۋەتتى، ئۆمۈر بويى پادىشاھ بىلەن ھەمداستىخان بولدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite