يەشايا 60:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى7 قېدارنىڭ قويلىرى يېنىڭغا توپ-توپ بولۇپ يىغىلىدۇ، نىبايوتنىڭ قوچقارلىرى قۇربانلىق قىلىشقا تاپشۇرۇلىدۇ، مېنىڭ قۇربانلىق سۇپامدا قىلغان قۇربانلىقىڭ قوبۇل بولىدۇ، مەن شەرەپلىك ئىبادەتخانامنى چوقۇم شەرەپلىك قىلىمەن. Gade chapit la |
ئەمدى سىلەر خىزمەتكارىم ئايۇپنىڭ ئالدىغا يەتتە تۇياق بۇقا ۋە يەتتە تۇياق قوچقار ئەكېلىپ، ئۆزۈڭلار ئۈچۈن كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىڭلار. چۈنكى سىلەرنىڭ مەن توغرۇلۇق قىلغان سۆزلىرىڭلار خىزمەتكارىم ئايۇپنىڭكىگە قارىغاندا دۇرۇس بولمىدى. خىزمەتكارىم ئايۇپ سىلەر ئۈچۈن دۇئا قىلسۇن. مەن ئۇنىڭ دۇئاسىنى قوبۇل قىلىپ، سىلەرنى ئەخمەقلىق قىلغىنىڭلار ئۈچۈن بېرىلىدىغان جازادىن خالاس قىلاي.