يەشايا 60:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى6 يوللىرىڭغا تۆگە كاراۋانلىرى بېسىپ كېلىدۇ، مىديان ۋە ئېفاھنىڭ ياش تۆگىلىرى زېمىنىڭغا تولۇپ كېتىدۇ، شىبانىڭ ئادەملىرىمۇ كېلىدۇ، ئۇلار ئالتۇن ۋە خۇشبۇي بۇيۇملارنى تارتۇق قىلىپ، مەن پەرۋەردىگارغا مەدھىيەلەرنى ئوقۇيدۇ. Gade chapit la |
پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىگە مۇنداق دەيدۇ: «مىسىرنىڭ بايلىقى ۋە ئېفىيوپىيەنىڭ مال-مۈلۈكى سىلەرگە تەۋە بولىدۇ. بويلىرى ئېگىز سىبالىقلار سىلەرنىڭ قۇللىرىڭلار بولىدۇ. ئۇلار قوللىرىدىكى كىشەنلىرى بىلەن سىلەرنىڭ ئارقاڭلاردىن ماڭىدۇ. ئۇلار سىلەرگە باش ئېگىپ: ‹خۇدا سىلەرگە يار بولدى، ئۇ بىردىنبىر خۇدادۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچبىر خۇدا يوقتۇر!› دەپ ئېتىراپ قىلىدۇ.»
يەھۇدىيەنىڭ جەنۇبىي چۆللۈكىدىكى ھايۋانلار توغرىسىدىكى ۋەھىي: «يەھۇدىيەنىڭ ئەلچىلىرى ئېشەكلەرگە بايلىقلارنى ئارتىپ، تۆگىلەرگە خەزىنىلىرىنى يۈكلەپ، شىرلار ۋە زەھەرلىك يىلانلار ماكانلاشقان خەتەرلىك زېمىنلاردىن ئېغىر مۈشكۈلات ۋە جاپالار بىلەن ئۆتۈپ، ئۆزلىرىگە قىلچىمۇ ياردەم قىلالمايدىغان بىر دۆلەتكە ئاپىرىپ بېرىدۇ.
شىبانىڭ ئايال پادىشاھى سۇلايمان پادىشاھنىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ، ئۇنى قىيىن سوئاللار بىلەن سىناپ بېقىش ئۈچۈن يېرۇسالېمغا زىيارەتكە كەلدى. ئۇ يېرۇسالېمغا نۇرغۇن ھەمراھلىرى بىلەن بىرلىكتە تۆگىلەرگە ئىنتايىن كۆپ خۇشبۇي ئەشيالار، ئالتۇن ۋە گۆھەرلەرنى ئارتىپ كەلگەنىدى. ئۇ سۇلايماننىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ، ئۇنىڭدىن كۆڭلىگە پۈككەن قىيىن سوئاللارنىڭ ھەممىسىنى سورىدى.
ئاراللار ماڭا ئۈمىدىنى باغلاپ، ماڭا ئىنتىزار بولماقتا، ئۇلارنىڭ يىراقتىكى تارشىشتىن كېلىدىغان كاتتا كېمىلىرى باشلامچى بولۇپ، پەرزەنتلىرىڭنى ھەم ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى يىراقتىن ئەكەلمەكتە، ئۇلار شۇنداق قىلىپ، مەن پەرۋەردىگارىڭنى، يەنى ئىسرائىل خەلقىنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدانى ھۆرمەتلەيدۇ، چۈنكى مەن پەرۋەردىگار سېنى شان-شەرەپكە ئېرىشتۈردۈم.