Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 60:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 ئەللەر بۇ نۇرنى كۆرۈپ يېنىڭغا كېلىدۇ، پادىشاھلارمۇ سەن چاچقان نۇرغا قاراپ كېلىدۇ.

Gade chapit la Kopi




يەشايا 60:3
43 Referans Kwoze  

چۈنكى، مۇقەددەس يازمىلاردا خۇدا بىزگە مۇنداق بۇيرۇغان: «يەر يۈزىنىڭ بۇ چېتىدىن ئۇ چېتىگىچە بارلىق ئىنسانلارنىڭ قۇتقۇزۇلۇشى ئۈچۈن، سېنى يەھۇدىي ئەمەسلەرگە نۇر قىلىپ ئەۋەتتىم.»


شاھلار سېنىڭ خىزمىتىڭدە بولۇپ بالىلىرىڭنى باقىدۇ، خانىشلار ئىنىكئانا بولىدۇ. ئۇلار باشلىرىنى يەرگە تەگكۈدەك ئېگىپ، ساڭا تەزىم قىلىشىدۇ. ئاياغلىرىڭدىكى چاڭلارنى تىللىرى بىلەن يالايدۇ. شۇ چاغدا سەن مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسەن، ماڭا ئۈمىد باغلىغانلار ھەرگىز نائۈمىدتە قالمايدۇ.»


دۇنيادىكى خەلقلەر شەھەردىكى يورۇقلۇقتا ياشايدۇ. دۇنيانىڭ پادىشاھلىرى شانۇشەۋكىتىنى ئۇ يەرگە ئېلىپ كېلىدۇ.


مەن يەردىن كۆتۈرۈلگىنىمدە، پۈتكۈل ئىنسانلارنى ئۆزۈمگە جەلپ قىلىمەن، - دېدى.


پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىگە مۇنداق دەيدۇ: «مىسىرنىڭ بايلىقى ۋە ئېفىيوپىيەنىڭ مال-مۈلۈكى سىلەرگە تەۋە بولىدۇ. بويلىرى ئېگىز سىبالىقلار سىلەرنىڭ قۇللىرىڭلار بولىدۇ. ئۇلار قوللىرىدىكى كىشەنلىرى بىلەن سىلەرنىڭ ئارقاڭلاردىن ماڭىدۇ. ئۇلار سىلەرگە باش ئېگىپ: ‹خۇدا سىلەرگە يار بولدى، ئۇ بىردىنبىر خۇدادۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچبىر خۇدا يوقتۇر!› دەپ ئېتىراپ قىلىدۇ.»


شۇنداق قىلىپ، باشقا ھەرقانداق ئادەم، جۈملىدىن مەن ئۆز خەلقىم بولۇشقا چاقىرغان يەھۇدىي ئەمەسلەرمۇ مېنى تاپىدۇ. مەن - سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار،


ئۇ كۈنلەردە نۇرغۇنلىغان خەلقلەر مەن پەرۋەردىگارغا باغلىنىپ، مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ. مەن ئۆزۈم سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ياشايمەن. ئەنە شۇ چاغدا، مەنكى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ زىكىرىيانى سىلەرگە ئەۋەتكەنلىكىمنى بىلىسىلەر.


قاراڭلار، ئۇلار يىراق جايلاردىن كېلىدۇ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى شىمالدىن، بەزىلىرى غەربتىن، يەنە بەزىلىرى مىسىر زېمىنىدىن كېلىشمەكتە.»


شۇ چاغدا يىشاينىڭ يىلتىزىدىن چىققان بۇ پادىشاھ تۇغ بولۇپ خەلقنى يېتەكلەيدۇ. باشقا ئەللەر ئۇنىڭ قېشىغا بېرىشقا ئىنتىلىدۇ. ئۇ تۇرىدىغان يەر شان-شەرەپكە تولىدۇ.


ئاڭلىغاچ ئۇلار سېنىڭ سۆزۈڭنى، ئى پەرۋەردىگار، ئاپىرىن ئېيتار ساڭا ئالەمدىكى پادىشاھلار.


كېلىپ يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخاناڭغا، پادىشاھلار ئاتار ھەدىيەلەر ساڭا.


ئۇنىڭدىن كېيىن، يەتتىنچى پەرىشتە كانىيىنى چالدى. ئەرشتىن كەلگەن جاراڭلىق ئاۋازلار مۇنداق دەيتتى: «دۇنيانىڭ پادىشاھلىقى پەرۋەردىگارىمىز ۋە ئۇنىڭ مەسىھىگە مەنسۇپ بولدى. ئۇ ئەبەدىلئەبەد ھۆكۈم سۈرگۈسى.»


«گۇناھلىرىغا توۋا قىلغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇ ئارقىلىق كەچۈرۈم قىلىنىدۇ» دېگەن خۇش خەۋەر يېرۇسالېمدىن باشلاپ پۈتۈن ئەللەرگە تارقىتىلىدۇ.


شۇنىڭ ئۈچۈن، بېرىپ پۈتكۈل مىللەتلەرنى مېنىڭ شاگىرتلىرىم قىلىپ يېتىشتۈرۈڭلار. ئۇلارنى خۇدائاتا، ئۇنىڭ ئوغلى ۋە مۇقەددەس روھنىڭ نامى بىلەن چۆمۈلدۈرۈپ،


ئىسرائىلىيە خەلقى ئىدومدىن ئامان قالغانلارغا ۋە مېنىڭ نامىم ئاستىدىكى بارلىق ئەللەرگە ئىگە بولىدۇ.» بۇ سۆزلەرنى ئېيتقۇچى ۋە ئەمەلگە ئاشۇرغۇچى مەن پەرۋەردىگاردۇر.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن يېرۇسالېمغا خۇددى دەريادەك خاتىرجەملىك ئاتا قىلىمەن، خۇددى تاشقىن ئېقىنلاردەك ھەممە ئەللەرنىڭ بايلىقلىرىنى ئۇنىڭغا ئەكېلىپ بېرىمەن. سىلەر ئانا ئۆزى ئېمىتىپ باققان بالىدەك، ھاپاش قىلىنىسىلەر، قۇچىقىدا ئەركىلىتىلىسىلەر.


پۈتكۈل ئەللەر سەندىن خەۋەر ئالىدۇ، پادىشاھلار سېنى ئانىلاردەك ئېمىتىپ باقىدۇ. شۇندىلا سەن مېنى _ سېنىڭ قۇتقۇزغۇچىڭ بولغان پەرۋەردىگارىڭنى بىلىسەن، سېنىڭ قوغدىغۇچىڭ، ياقۇپ ئېتىقاد قىلغان ھەممىگە قادىر خۇدادۇر.


يات خەلقلەر شەھەر سېپىللىرىڭنى قايتىدىن ياسايدۇ، ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرى ساڭا خىزمەت قىلىدۇ. مەن غەزەپلىنىپ، سېنى جازالىغانىدىم، لېكىن بۈگۈن ساڭا ئىچىم ئاغرىپ، شەپقەت كۆرسەتمەكتىمەن.


بارلىق پادىشاھلار ئۇنىڭغا باش ئېگەر، خىزمىتىدە بولار بارچە خەلقلەر.


يۈزلىنەر پەرۋەردىگارغا، ياد ئېتىپ ئۇنى بارچە خەلقلەر، ئى پەرۋەردىگار، سەجدە قىلار ئالدىڭدا بارلىق قەبىلىلەر.


ئەقلىڭلارنى تېپىڭلار ئەمدى، ئەي پادىشاھلار، ئاگاھ بولۇڭلار جاھاندىكى ھۆكۈمرانلار.


يەھۇدا تۇتار سەلتەنەت ھاسىسىنى، ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى يۈرگۈزەر ھاكىمىيەتنى. كېيىن پۈتكۈل ئەل ئۇنىڭغا ئولپان تاپشۇرار، پۈتكۈل خەلق ھەم تەزىم قىلار.


«مەن پەرۋەردىگار ھەققانىيلىقىم ئايان بولسۇن دەپ، سېنى تاللىدىم. مەن قولۇڭنى تۇتۇپ، سېنى قوغدايمەن. مەن سېنى ئىسرائىللارغا ئەھدەمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەۋەتىمەن. مەن سېنى بارلىق ئەللەرنى يورۇتىدىغان نۇر قىلىمەن.


ئەي، زېمىندىكى بارلىق ئىنسانلار، ماڭا يۈزلىنىڭلار، شۇنداق قىلغاندىلا قۇتقۇزۇلىسىلەر! مەن بىردىنبىر خۇدادۇرمەن، مەندىن باشقا ھېچبىر خۇدا يوقتۇر.


چېچىلىپ كەتكەن ئىسرائىللارنى يىغىدىغان ئىگىمىز پەرۋەردىگار دەيدۇكى: «يەنە نۇرغۇن ئادەملەرنى يىغىپ، يىغىلغان ئۆز خەلقىمگە قوشىمەن.»


ئەي يېرۇسالېم، ھەممە ئەللەر سېنىڭ ھەققانىيلىقىڭنى، ھەممە پادىشاھلار شان-شەرىپىڭنى كۆرىدۇ. سەن يېڭى نامغا ئىگە بولىسەن، بۇ نامنى پەرۋەردىگار ئۆز ئاغزى بىلەن قويىدۇ.


پەرۋەردىگار سىئوننى قايتا قۇرار، شان-شۆھرىتى خۇدانىڭ نامايان بولار.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite