يەشايا 60:13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى13 لىۋاننىڭ شان-شەرىپى بولغان قارىغايلار، شەمشادلار، كىپارىسلار ساڭا مەنسۇپ بولۇپ، مۇقەددەس ئىبادەتخانامنى بېزەيدىغانغا ئىشلىتىسەن، مەن دەسسەپ تۇرغان يېرىمنى شان-شەرەپكە تولدۇرىمەن. Gade chapit la |
پادىشاھ داۋۇت ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى: _ قېرىنداشلىرىم، خەلقىم، سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىڭلار! مەن ئەسلى پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ساقلاش ئۈچۈن بىر ئىبادەتخانا سالماقچى ئىدىم. ئەھدە ساندۇقى پەرۋەردىگارنىڭ پۇتىنى قويىدىغان يېرىدۇر. مەن ئىبادەتخانىنىڭ قۇرۇلۇش تەييارلىقلىرىنى پۈتتۈرۈپ قويدۇم.