6 سىرافلارنىڭ بىرى قۇربانلىق سۇپىسىدىن لاخشىگىر بىلەن ئالغان بىر چوغنى قولىدا تۇتۇپ، يېنىمغا ئۇچۇپ كەلدى.
پەرۋەردىگار ھېلىقى زىغىر رەختتىن تىكىلگەن كىيىم كىيگەن ئادەمگە: _ سەن كېرۇبلارنىڭ ئاستىدا ئايلىنىۋاتقان چاقلارنىڭ ئوتتۇرىسىغا كىرىپ، ئالىقىنىڭنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى چوغ بىلەن تولدۇرۇپ، ئاندىن چوغلارنى شەھەرگە چاچقىن، _ دېدى. مەن ئۇنىڭ كىرىشىنى كۆزىتىپ تۇردۇم.
بىزلەرنىڭ شۇنداق بىر قۇربانلىق سۇپىمىز باركى، بىز ئۇنىڭدىكى گۇناھلارنىڭ بەدىلى ئۈچۈن ئاتالغان قۇربانلىقتىن بەھرىمەن بولالايمىز. ئەينى چاغدا ئىبادەت چېدىرىدا خىزمەتتە بولغان روھانىيلار بولسا گۇناھلارنىڭ بەدىلى ئۈچۈن ئاتالغان قۇربانلىقلاردىن بەھرىمەن بولالمايتتى.
خۇدا پەرىشتىلەر ھەققىدە: «خۇدا خىزمەتكارلىرى بولغان ئۆز پەرىشتىلىرىنى شامال ھەم ئوت يالقۇنى قىلار» دېگەن بولسا،
ئۈستى تەرىپىدە يېنىپ تۇرغان «سىراف»لار بار ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ ئالتە قانىتى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىككى قانىتى يۈزىنى يېپىپ تۇراتتى، يەنە ئىككى قانىتى پۇتلىرىنى يېپىپ تۇراتتى، قالغان ئىككى قانىتى بىلەن ئۇچۇپ تۇراتتى.
ئاندىن ھۇزۇرۇمدىكى قۇربانلىق سۇپىسىدىن چوغ ئېلىپ، ئىسرىقداننى تولدۇرسۇن ۋە يۇمشاق ئېزىلگەن خۇشبۇي ئىسرىقلاردىن بىر ئوچۇم ئېلىپ، پەردىنىڭ كەينىدىكى ئەڭ مۇقەددەس جايغا كىرسۇن
شۇنداق ئىكەن، پۈتكۈل پەرىشتىلەر پەقەت خۇدانىڭ خىزمەتكارلىرىدۇر. ئۇلار قۇتقۇزۇلىدىغانلارغا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن خۇدا تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن روھلاردۇر.
ئېتىقادچىلارنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ ئۈستىگە خۇددى ئوت يالقۇنىدەك بىر نەرسىنىڭ ئايرىم-ئايرىم چۈشكەنلىكىنى كۆردى.
مەن سىلەرنى قىلغان توۋاڭلار ئۈچۈن سۇغىلا چۆمۈلدۈرىمەن. لېكىن، مەندىن كېيىن تېخىمۇ قۇدرەتلىك بىرى كېلىدۇ. مەن ھەتتا ئۇنىڭ ئايىغىنى كۆتۈرۈشكىمۇ لايىق ئەمەسمەن. ئۇ سىلەرنى مۇقەددەس روھقا ھەم ئوتقا چۆمۈلدۈرىدۇ.
مۇسا ھارۇنغا: _ ئىسرىقدىنىڭنى ئېلىپ، ئۇنىڭغا ئىسرىق قويغىن. قۇربانلىق سۇپىسىدىن چوغ ئېلىپ سالغىن، ئاندىن تېزلىكتە جامائەتنى گۇناھلىرىدىن ساقىت قىلغىن. پەرۋەردىگار قەھر-غەزەپكە كەلدى، ۋابا باشلىنىدىغان بولدى، _ دېدى.
پىلىك قىسقۇچ، پىلىك قالدۇقىنى قويىدىغان تەخسە ساپ ئالتۇندىن قىلىنسۇن.
ئاندىن پەرۋەردىگار قولىنى ئاغزىمغا تەگكۈزۈپ، مۇنداق دېدى: _ مانا، مەن سۆزلىرىمنى ئاغزىڭغا سېلىپ قويدۇم!