Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 6:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 ئۇلارنىڭ ئاۋازى پۈتكۈل ئىبادەتخانىنى تەۋرىتىۋەتتى، ئۇ يەر تۈتۈنگە تولدى.

Gade chapit la Kopi




يەشايا 6:4
12 Referans Kwoze  

ئىبادەتخانا خۇدانىڭ ئۇلۇغلۇقى ۋە قۇدرىتىدىن تۈتۈن بىلەن تولدى. يەتتە پەرىشتىنىڭ يەتتە بالايىئاپىتى تامام بولمىغۇچە، ھېچكىم ئىبادەتخانىغا كىرەلمىدى.


ئاندىن، خۇدانىڭ ئەرشتىكى ئىبادەتخانىسى ئېچىلدى ۋە ئۇنىڭ ئەھدە ساندۇقى ئۇ يەردە كۆرۈندى. شۇئان چاقماقلار چېقىپ، گۈلدۈرمامىنىڭ گۈلدۈر-قاراسلىرى ئاڭلاندى. زېمىن تەۋرىنىپ، دەھشەتلىك مۆلدۈر يېغىپ كەتتى.


ھېلىقى تۆت دانە كېرۇبنىڭ قاناتلىرىنى قاققان ۋاقتىدا چىققان ئاۋازى ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ سۆزلىگەن ۋاقتىدىكى ئاۋازىغا ئوخشايتتى. بۇ ئاۋازنى تاشقىرىقى ھويلىدىنمۇ ئاڭلىغىلى بولاتتى.


نەغمىچىلەر پەرۋەردىگارغا مەدھىيە ئوقۇپ، شۈكۈر ئېيتقان ۋاقتىدا كاناي، جاڭ ۋە باشقا سازلار تەڭكەش قىلىندى. ئۇلار: «پەرۋەردىگار شاپائەتلىكتۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر» دەپ مۇناجات ئېيتىشتى. دەل شۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى بۇلۇتقا تولدى.


شۇ چاغدا بىر پارچە بۇلۇت ئۇچرىشىش چېدىرىنى قاپلىدى. چېدىر پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرىغا تولدى.


ئاندىن مەن بىر غايىبانە ئالامەت كۆردۈم. ئۇنىڭدا ئىگەم پەرۋەردىگار قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ يېنىدا تۇراتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئىبادەتخانا تۈۋرۈكلىرىنىڭ بېشىغا ئۇرۇڭلار، ئىبادەتخانىنىڭ ئۇلى تەۋرىسۇن. ئۆگزىسىنى بۇزۇڭلار، ئاستىدا تۇرغان كىشىلەرنى باسسۇن. مەن ھايات قالغانلارنى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرىمەن. ھېچكىم قاچالمايدۇ، ھېچكىم قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ!


چىقتى خۇدانىڭ بۇرنىدىن ئىس-تۈتەكلەر، ئېتىلدى خۇدانىڭ ئاغزىدىن ئوت-لاۋىلار، لاۋۇلداپ كۈيەتتى ھەتتا قىپقىزىل چوغلار.


ئۇلار ئۇچقان ۋاقتىدا، قاناتلىرىدىن دېڭىز شاۋقۇنىدەك كۈچلۈك ئاۋاز چىقاتتى. ئۇ ئاۋاز خۇددى ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ ئاۋازىغا ياكى بىر قوشۇندىن چىققان شاۋقۇن-سۈرەنگە ئوخشايتتى. مەخلۇقلار توختىغاندا، قاناتلىرىنى يىغاتتى.


تاملىرى يەردىن پەنجىرىلىرىگىچە بولغان ئارىلىقى تاختاي بىلەن قاپلانغان بولۇپ، تاملارنىڭ ئوتتۇرىسىغا گىرۋەك چىقىرىلغانىدى، پەنجىرىلەرنى ئېچىپ ياپقىلى بولاتتى.


ئاندىن ئۇ ئادەم مېنى قايتىدىن ئىچكىرىكى شىمالىي دەرۋازا ئىمارىتى ئارقىلىق ئىبادەتخانىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. قارىسام، ئىبادەتخانا پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرىغا تولۇپتۇ. مەن ئۆزۈمنى يەرگە تاشلىدىم.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite