Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 6:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 ئۈستى تەرىپىدە يېنىپ تۇرغان «سىراف»لار بار ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ ئالتە قانىتى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىككى قانىتى يۈزىنى يېپىپ تۇراتتى، يەنە ئىككى قانىتى پۇتلىرىنى يېپىپ تۇراتتى، قالغان ئىككى قانىتى بىلەن ئۇچۇپ تۇراتتى.

Gade chapit la Kopi




يەشايا 6:2
34 Referans Kwoze  

تۆت تىرىك مەخلۇقنىڭ ھەربىرىنىڭ ئالتىدىن قانىتى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ پۈتۈن بەدىنى، ھەتتا قانات ئاستىمۇ كۆزلەر بىلەن تولغانىدى. ئۇلار كېچە-كۈندۈز تىنماي مۇنداق دېيىشەتتى: «مۇقەددەس، مۇقەددەس، مۇقەددەستۇر، ئەزەلدىن بار بولغان، ھازىرمۇ بار ھەم كەلگۈسىدە كەلگۈچى ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار خۇدا!»


مەخلۇقلارنىڭ يۈزلىرى مانا مۇشۇنداق ئىدى. ئۇلارنىڭ بىر جۈپتىن قاناتلىرى يېيىلغان بولۇپ، يېنىدىكىلەرنىڭ قاناتلىرىغا تېگىشىپ تۇراتتى. قالغان بىر جۈپتىن قاناتلىرى بەدەنلىرىنى يېپىپ تۇراتتى.


شامال قىلىسەن پەرىشتىلىرىڭنى، ئوت يالقۇنى قىلىسەن خىزمەتكارلىرىڭنى.


ئەي پەرۋەردىگارنىڭ قۇدرەتلىك پەرىشتىلىرى، سىلەردۇرسىلەر ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالغۇچىلىرى، ئۇنىڭ ئەمرلىرىنى ئىجرا قىلغۇچىلىرى، شۇڭا تەرىپلەپ كۈيلەڭلار پەرۋەردىگارنى.


سىرافلارنىڭ بىرى قۇربانلىق سۇپىسىدىن لاخشىگىر بىلەن ئالغان بىر چوغنى قولىدا تۇتۇپ، يېنىمغا ئۇچۇپ كەلدى.


ئۇ مىنىپ ئۇچتى بىر «كېرۇب»قا، پەرۋاز قىلدى شامالنىڭ قاناتلىرىدا.


بىرىنچى كېرۇبنىڭ ھەر ئىككى قانىتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئوخشاشلا 2.5 مېتىردىن ئىدى. دېمەك، ئىككى قانىتىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى جەمئىي 5 مېتىر ئىدى.


بۇنىڭ كەينىدىن، ئاسماننىڭ قەرىدە ئۇچۇپ يۈرگەن باشقا بىر پەرىشتىنى كۆردۈم. بۇ پەرىشتە يەر يۈزىدە ياشايدىغانلارغا، يەنى ھەربىر خەلق، قەبىلە ۋە ھەر خىل تىلدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەرگە يەتكۈزىدىغان مەڭگۈلۈك خۇش خەۋەرنى ئېلىپ كەلگەنىدى.


يەنە قارىۋىدىم، ئاسماننىڭ قەرىدە ئۇچۇپ كېتىۋاتقان بىر بۈركۈتنىڭ قاتتىق ئاۋاز بىلەن: «باشقا ئۈچ پەرىشتە چالىدىغان كاناي ئاۋازلىرىنىڭ دەستىدىن يەر يۈزىدە ياشايدىغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي، ھالىغا ۋاي، ھالىغا ۋاي!» دېگىنىنى ئاڭلىدىم.


پۈتۈن پەرىشتىلەر تەختنىڭ، يېتەكچىلەرنىڭ ۋە تۆت تىرىك مەخلۇقنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىۋالغانىدى. ئۇلار تەختنىڭ ئالدىدا يەرگە باش قويۇپ، خۇداغا سەجدە قىلىپ مۇنداق دېيىشەتتى:


ئوت ئۇنىڭ ھۇزۇرىدىن كەلكۈندەك يوپۇرۇلۇپ چىقاتتى. ئۇنىڭ ئەتراپىدا مىڭلىغانلار خىزمەت قىلاتتى، ئالدىدا سان-ساناقسىزلار كۈتۈپ تۇراتتى. سوئال-سوراق باشلىنىپ، پۈتۈكلەر ئېچىلدى.


ھەربىر كېرۇبنىڭ تۆتتىن يۈزى، تۆتتىن قانىتى، قاناتلىرىنىڭ ئاستىدا بىردىن ئادەمنىڭكىدەك قولى بار ئىدى.


ئۇلار ئۇچقان ۋاقتىدا، قاناتلىرىدىن دېڭىز شاۋقۇنىدەك كۈچلۈك ئاۋاز چىقاتتى. ئۇ ئاۋاز خۇددى ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ ئاۋازىغا ياكى بىر قوشۇندىن چىققان شاۋقۇن-سۈرەنگە ئوخشايتتى. مەخلۇقلار توختىغاندا، قاناتلىرىنى يىغاتتى.


قاناتلىرى يېيىلغاندا بىر-بىرىنىڭكىگە تېگىشىپ تۇراتتى. ئۇلار ماڭغاندا بۇرۇلمايتتى، پەقەت ئالدىغىلا قاراپ ماڭاتتى.


ھەربىر مەخلۇقنىڭ ئوخشىمىغان تۆت يۈزى ۋە تۆتتىن قانىتى بار ئىدى.


خۇدا ھەتتا پەرىشتىلىرىگىمۇ ئىشەنمىگەن، ئاسمانمۇ ئۇنىڭ نەزىرىدە پاك بولمىغان يەردە،


بىر كۈنى پەرىشتىلەر پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا يىغىلدى، شەيتانمۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىدى.


مىكايا يەنە مۇنداق دېدى: _ شۇڭا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالغايلا! مەن پەرۋەردىگارنىڭ تەختىدە ئولتۇرغىنىنى كۆردۈم. پۈتكۈل ساماۋى جامائەت ئۇنىڭ ئوڭ ۋە سول تەرىپىدە تۇراتتى.


كېرۇبلارنىڭ قاناتلىرى ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئۈستىدە يېيىلىپ، ئەھدە ساندۇقى بىلەن ئۇنى كۆتۈرىدىغان بالداقلارنى يېپىپ تۇراتتى.


سۇلايمان ئىككى كېرۇبنى ئىچكىرىكى خانىغا قويدى. كېرۇبلار قاناتلىرىنى كېرىپ تۇراتتى. بىرىنچى كېرۇبنىڭ بىر قانىتى بۇ تەرەپتىكى تامغا تېگىپ تۇرسا، ئىككىنچى كېرۇبنىڭ بىر قانىتى ئۇ تەرەپتىكى تامغا تېگىپ تۇراتتى. ئۇلارنىڭ يەنە بىر قاناتلىرى خانىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر-بىرىگە تېگىشىپ تۇراتتى.


يۈزمۇيۈز قويۇلغان ھەيكەللەرنىڭ ئېچىلغان قاناتلىرى قاپقاقنى يېپىپ، يۈزلىرى قاپقاققا قاراپ تۇراتتى.


يۈزمۇيۈز قويۇلغان ھەيكەللەرنىڭ ئېچىلغان قاناتلىرى قاپقاقنى يېپىپ، يۈزلىرى قاپقاققا قاراپ تۇرسۇن.


خۇدانىڭ ھەيۋىسىدىن پەرىشتىلەر تىترەپ تۇرار، ئەتراپىدا ھەممەيلەن قورقۇپ تۇرار.


خۇدا ئەرشتىكى خىزمەتكارلىرىغا ئىشەنمەيدىغان تۇرسا، ھەتتا ئۇ پەرىشتىلىرىدىنمۇ خاتالىق تاپقان تۇرسا.


ئىلياس بۇ ئاۋازنى ئاڭلاپ، تونى بىلەن يۈزىنى ئېتىپ، غارنىڭ ئېغىزىدا تۇردى. شۇ چاغدا: _ ئەي ئىلياس، بۇ يەردە نېمە ئىش قىلىۋاتىسەن؟ _ دېگەن سادا ئاڭلاندى.


مەن سېنىڭ ئاتاڭنىڭ خۇداسىدۇرمەن، شۇنداقلا ئەجدادلىرىڭ بولغان ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدادۇرمەن، _ دېدى. بۇنى ئاڭلىغان مۇسا خۇداغا قاراشقا پېتىنالماي، يۈزىنى ئېتىۋالدى.


ئىبرام يەرگە باش قويدى. خۇدا ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:


خۇدا پەرىشتىلەر ھەققىدە: «خۇدا خىزمەتكارلىرى بولغان ئۆز پەرىشتىلىرىنى شامال ھەم ئوت يالقۇنى قىلار» دېگەن بولسا،


ئۇ مۇقەددەس جايغا كىرىپ ئىسرىق سېلىۋاتقاندا، ئىبادەتكە كەلگەن جامائەت تاشقىرىدا دۇئا قىلىشىۋاتاتتى.


پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۆزىنىڭ ئالدىدا تۇرغانلارغا: _ ئۇنىڭ مەينەت كىيىملىرىنى سالدۇرۇۋېتىڭلار! _ دېدى. ئاندىن يوشۇۋاغا: _ قارا، مەن سېنىڭ گۇناھىڭنى كۆتۈرۈۋەتتىم، ئەمدى ساڭا بايراملىق كىيىملەرنى كىيدۈرىمەن، _ دېدى.


كەچلىك قۇربانلىق ۋاقتىدا دۇئا قىلىۋاتاتتىم، ئالدىنقى ۋەھىيدە كۆرگەن ئادەم، يەنى جەبرائىل ئالدىمغا ئۇچۇپ كەلدى.


كېرۇبلار ھەرىكەت قىلسا، يېنىدىكى چاقلارمۇ بىرلىكتە ھەرىكەت قىلاتتى. كېرۇبلار قاناتلىرىنى قېقىپ كۆتۈرۈلگەندە، چاقلارمۇ ئۇلاردىن ئايرىلمايتتى.


مەن يۇقىرىغا قارىسام، غايىبانە ئالامەتتە شىمالدىن بوران چىقىۋېتىپتۇ. بوراننىڭ ئىچىدە ئوتتەك يېنىپ تۇرغان چوڭ بىر پارچە بۇلۇت بار ئىدى. ئەتراپى پارلاق نۇرغا تولغانىدى. ئوتنىڭ مەركىزى تاۋلانغان مېتالدەك يالتىرايتتى.


سەن بىردىنبىر پەرۋەردىگاردۇرسەن! سەن ئاسماننى، ھەتتا ئەرشئەلا ۋە پۈتۈن يۇلتۇزلارنى، زېمىن ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق مەۋجۇداتنى، دېڭىز-ئوكيان ۋە ئۇنىڭدىكى ھەممە نەرسىنى ياراتتىڭ. سەن پۈتكۈل مەۋجۇداتلارغا جان بەرگۈچىدۇرسەن. ئەرشئەلادىكى پەرىشتىلەر ساڭا ئىبادەت قىلىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite