Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 59:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

8 ئۇلار تىنچلىق يولىنى بىلمەيدۇ، قىلغان ئىشلىرى ئادالەتسىزلىكتۇر. ئۇلار ئۆزلىرى ئۈچۈن ئەگرى يول ياسايدۇ، بۇ يولدا ماڭغانلارنىڭ ھەممىسى تىنچلىقنى بىلمەيدۇ.

Gade chapit la Kopi




يەشايا 59:8
20 Referans Kwoze  

يوقتۇر خەۋىرى ئامانلىق يولىدىن قىلچە.»


قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئۈزۈمزارلىقى ئىسرائىل خەلقىدۇر، يەھۇدىيە پۇقراسى ئۇنىڭ خۇشتار بولغان ئۆسۈملۈكىدۇر. ئۇ ئادالەتنى ئارزۇ قىلغانىدى، بىراق قان تۆكۆلۈشنى كۆردى، ئۇ ھەققانىيلىقنى كۈتكەنىدى، بىراق نالە-پەريادنى ئاڭلىدى.


ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي ساختىپەز تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر! سىلەر ھەتتا يالپۇز، ئارپىبەدىيان ۋە زىرىلەرنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى خۇداغا ئاتايسىلەريۇ، بىراق تەۋرات قانۇنىنىڭ تېخىمۇ مۇھىم تەرەپلىرى بولغان ھەققانىيلىق، رەھىمدىللىك ۋە سادىقلىققا سەل قارايسىلەر. ئالدى بىلەن بۇ ئىشلارنى ئورۇندىشىڭلار كېرەك. باشقا ئىشلارغا كەلسەك، ئۇلارغىمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر يېرۇسالېمنىڭ كوچىلىرىغا چىقىپ، تۆت ئەتراپقا قاراپ، ئويلىنىپ بېقىڭلار. ئۇنىڭ مەيدانلىرىنى كېزىپ كۆرۈڭلار. ئەگەر سىلەر ئادالەتلىك، ساداقەتمەن بىرەر ئادەم تاپالىساڭلار، مەن بۇ شەھەرنىڭ ئاھالىسىنى كەچۈرۈۋېتىمەن.


پەرۋەردىگار: «رەزىل ئادەملەرگە ئامانلىق يوقتۇر» دەيدۇ.


قۇتقۇزۇلار دىيانەت يولىدا ماڭغان، تويۇقسىز يىقىلار ئەگرى يولدا ماڭغان.


بېغىشلار دانالىق يولى شاد-خۇراملىق ساڭا، يېتەكلەر ئۇ سېنى ئامانلىققا.


ئەگرى يولدا مېڭىپ ساختىپەزلىك قىلار.


ئادىشىپ كەتكەنلەرنى ئەگرى يوللارغا، جازالايدۇ پەرۋەردىگار رەزىللەرگە قوشۇپلا، تىنچ-ئامانلىق بولغاي ئىسرائىللارغا.


شۇ سەۋەبتىن ئادالەت خەلقىمىزدىن بەك يىراقتىدۇر، ھەققانىيەت بىزنى قوغلاپ يېتىشەلمەيدۇ. بىز نۇرغا موھتاجمىز، بىراق پەقەت قاراڭغۇلۇق مەۋجۇتتۇر. بىز نۇرغا تەلپۈنىمىز، بىراق قاراڭغۇلۇقتا ياشايمىز.


بىز ھەممىمىز خۇددى ئېيىقتەك ھۆركىرەپ، كەپتەردەك بۇقۇلداپ، ئادالەتنى ئىستەيمىز، لېكىن ئېرىشەلمەيمىز، نىجاتلىقنى ئىستەيمىز، لېكىن ئۇ يىراقتىدۇر.


ئۇنداقلار توغرا يولنى تاشلاپ، زۇلمەتتە ياشار،


ئەگرىدۇر گۇناھكارنىڭ يولى، دۇرۇستۇر پاكنىڭ ئىش-ھەرىكىتى.


مەن ئاسىي خەلقىمنى كۈنبويى قۇچاق ئېچىپ كۈتىمەن، لېكىن ئۇلار يامان يولدا مېڭىۋېرىدۇ، ئۆز خىياللىرى بويىچە ئىش قىلىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite