5 ئۇلار زەھەرلىك يىلاننىڭ تۇخۇمىنى تۇغىدۇ، ئۆمۈچۈك تورىنى توقۇيدۇ. بۇ تۇخۇمنى يېگەنلەر چوقۇم ھالاك بولىدۇ، تۇخۇم يېرىلسا يىلان چىقىدۇ.
پەرىسىي ۋە سادۇقىي ئېقىمىدىكىلەردىنمۇ كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلغىلى كەلگەنلىكىنى كۆرگەن يەھيا پەيغەمبەر ئۇلارغا: - ئەي ساختىپەز يىلانلار! توۋا قىلماي، خۇدادىن كېلىدىغان غەزەپتىن قېچىپ قۇتۇلۇش ئۈچۈن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلايلى دېگىنىڭلار قانداق گەپ؟!
ئەي زەھەرلىك يىلانلار! سىلەر يامان تۇرساڭلار، ئاغزىڭلاردىن قانداقمۇ ياخشى گەپ چىقسۇن؟ چۈنكى، كۆڭۈلدە نېمە بولسا، ئېغىزدىن شۇ چىقىدۇ.
«ئەي فىلىستىيەلىكلەر، سىلەر: ‹بىزنى ئۇرىدىغان كالتەك سۇندى› دەپ، ئالدىراپ خۇش بولۇپ كەتمەڭلار! كېيىن چىققان يىلان كۆزەينەكلىك يىلاندۇر. ئۇنىڭدىن تۇغۇلغان يىلان تېخمۇ زەھەرلىك ئۇچار يىلاندۇر.
ئاخىرىدا ئۇ سېنى يىلاندەك چېقىۋالار، زەھەرلىك يىلاندەك نەشتىرىنى سانجار.
ئۇلارنىڭ ئىشىنىدىغىنى قىلدەك ئىنچىكە ئۆمۈچۈك تورىدۇر.
مۈشۈكياپىلاقلار ئۇۋىلاپ، تۇخۇملايدۇ. ئۇ تۇخۇملاپ بالىلىرىنى چىقىرىدۇ. تاپ يېگۈچى قۇشلار جۈپ-جۈپى بىلەن بۇ يەرگە كېلىدۇ.