17 ئۇ ھەققانىيلىقنى ساۋۇت، قۇتقۇزۇش قۇدرىتىنى دۇبۇلغا، قىساسنى كىيىم، قىزغىنلىقنى تون قىلىپ كىيىدۇ.
خۇدا ئاتا قىلغان قۇتقۇزۇلۇش دۇبۇلغىسىنى كىيىڭلار ۋە مۇقەددەس روھ قىلىچى، يەنى خۇدانىڭ سۆزىنى مەھكەم تۇتۇڭلار.
بۇ جەڭدە پۇت تىرەپ تۇرالىشىڭلار ئۈچۈن، بېلىڭلارغا ھەقىقەت كەمىرىنى، كۆكسۈڭلارغا ھەققانىيلىق ساۋۇتىنى تاقاڭلار.
يورۇقلۇققا مەنسۇپ بولغان بىزلەر بولساق ئۈستىمىزگە ئېتىقاد ۋە مېھىر-مۇھەببەت ساۋۇتىنى، بېشىمىزغا قۇتقۇزۇلۇش ئۈمىدىنىڭ دۇبۇلغىسىنى كىيىپ، ئۆزىمىزنى سەگەك تۇتۇشىمىز كېرەك.
ھەققانىيلىق ئۇنىڭ كەمىرىدۇر، سادىقلىق ئۇنىڭ بەلبىغىدۇر.
چۈنكى، تەۋراتتا «ئىنتىقام مېنىڭ، جازاسىنى ئۆزۈم بېرىمەن» ۋە «پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنى سوراققا تارتىدۇ» دېگۈچىنىڭ خۇدا ئىكەنلىكىنى بىلىمىز.
بۇنى كۆرگەن شاگىرتلىرى زەبۇردا يېزىلغان بۇ سۆزنى ئېسىگە ئېلىشتى: «ئى خۇدا! سېنىڭ ئۆيۈڭ ئۈچۈن كۆرسەتكەن قىزغىن مۇھەببىتىم خۇددى كۆيۈۋاتقان ئوتنىڭ ئۆزىدۇر.»
ئەي پەرۋەردىگار، ئويغىنىپ قولۇڭنى كۆتۈرگەيسەن، كۈچ-قۇدرىتىڭنى نامايان قىلغايسەن. خۇددى بۇرۇنقى زاماندىكىگە ئوخشاش، ئۆز قۇدرىتىڭنى كۆرسەتكەيسەن! دېڭىز مەخلۇقى راخابنى پارچىلاپ تاشلىغان سەن ئەمەسمۇ! قورقۇنچلۇق دېڭىز مەخلۇقىنى سانجىپ ئۆلتۈرگەن سەن ئەمەسمۇ!
ئۇنىڭدىن كېيىن، ئاسماننىڭ ئېچىلغانلىقىنى ۋە ئۇ يەردە تۇرغان بىر ئاق ئاتنى كۆردۈم. ئاتقا مىنگۈچىنىڭ ئىسمى «سادىق» ۋە «ھەق» ئىدى. ئۇ ئادىل ھۆكۈم ۋە ئادىل جەڭ قىلاتتى.
ئۇنىڭ ھاكىمىيىتى ۋە تىنچلىقى چەكسىز ئۇزۇن بولىدۇ، ئۇ داۋۇتنىڭ تەختىدە ئولتۇرۇپ، ئادالەت ۋە ھەققانىيلىق بىلەن ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنى مۇستەھكەم قىلىپ قۇرۇپ چىقىدۇ. بۇ، شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ مەڭگۈگە داۋاملىشىدۇ. قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار بۇنى جان دىلى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ!
مەن ھەققانىيەتنى كىيىم قىلىپ كىيگەنىدىم. ئادالەت ماڭا يېپىنچا ۋە باش كىيىم بولغانىدى.
خۇدانىڭ ھەقىقىتىنى يەتكۈزدۇق، خۇدانىڭ قۇدرىتىنىڭ بىز بىلەن بىللە ئىكەنلىكىنى نامايان قىلدۇق. ھەققانىيلىقنى ئۆزىمىزگە قورال قىلىپ، تۈرلۈك ھۇجۇملارغا زەربە بېرىش بىلەن بىرگە ئۆزىمىزنىمۇ قوغدىدۇق.
چۈنكى مۇقەددەس ئۆيۈڭگە بولغان مۇھەببىتىم ئۇرغۇتىدۇ خۇددى ئوتتەك مېنىڭ قەلبىمنى. ساڭا ھاقارەت قىلغانلارنىڭ ھاقارەتلىرىمۇ، باستى ھەم مېنىڭ ئۈستۈمنى.
شۇ چاغدا، رەببىمىز ئەيسا خۇدانى تونۇشنى خالىمىغانلارنى ۋە ئۆزى ھەققىدىكى خۇش خەۋەرنى قوبۇل قىلمىغانلارنى جازالايدۇ.
مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتە ماڭا مۇنداق دېدى: _ سەن خەلققە شۇنداق دەپ جاكارلىغىن: «قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار دەيدۇكى، يېرۇسالېمغا، جۈملىدىن سىئون تېغىغا ئىچىم قاتتىق ئاغرىيدۇ.
ئى پەرۋەردىگار، ئەرشتىن بىزگە نەزەر سال! مۇقەددەس، شەرەپلىك ماكانىڭدىن نەزەر سال. سېنىڭ قىزغىنلىقىڭ، ھەممىگە قادىرلىقىڭ نەگە كەتتى؟ سېنىڭ بىزگە ئىچ ئاغرىتىشىڭ ۋە شاپائىتىڭ توختاپ قالدىغۇ؟
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن شاراب كۆلچىكىدە ئۆزۈم يالغۇز ئۈزۈم يانجىدىم، ھېچكىم مەن بىلەن بىرگە بولمىدى. مەن غەزەپلىنىپ، دۈشمەنلىرىمنى يانجىدىم، قەھرىم تېشىپ، رەقىبلىرىمنى چەيلىدىم. ئۇلارنىڭ قانلىرى كىيىم-كېچەكلىرىمگە چاچراپ، كىيىملىرىمنىڭ ھەممە يېرىنى بۇلغىدى.
ئى جازالىغۇچى پەرۋەردىگار، ئى خۇدا، ئى جازالىغۇچى پەرۋەردىگار، چاچقىن جۇلا.
ئى پەرۋەردىگار، سەن جازالاش ئۈچۈن قولۇڭنى كۆتۈردۈڭ، لېكىن رەزىللەر بۇنى كۆرمىدى. ئۇلار سېنىڭ ئۆز خەلقىڭنى جان دىل بىلەن قوغدايدىغانلىقىڭنى كۆرسۇن ۋە خىجىل بولسۇن. سېنىڭ غەزىپىڭ دۈشمەنلىرىڭنى ئوتقا ئوخشاش يالماپ كەتسۇن.
شۇنداق، بۇ ئاز بىر قىسىم ئادەملەر كۆپىيىپ يېرۇسالېمدىن چىقىدۇ، يەنى قۇتۇلۇپ قالغانلار سىئون تېغىدىن چۈشىدۇ. قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار بۇنى جان دىلى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ!
پەرۋەردىگار خۇددى باتۇر جەڭچىدەك، ھاياجان بىلەن جەڭ شوئارى توۋلاپ، دۈشمەنلىرىنى مەغلۇپ قىلىدۇ.
كىيىملىرىڭ نېمىشقا قىزىل بويالغان؟ ئۇلار نېمىشقا شاراب كۆلچىكىدە ئۈزۈم يانجىغۇچىلارنىڭكىگە ئوخشاپ قالدى؟
شۇندىلا ساڭا بولغان غەزىپىم بېسىلىپ، ئاچچىقىم يانىدۇ ۋە ئۆزۈمنى راھەت ھېس قىلىمەن. غەزىپىم ئۈستۈڭگە چۈشكەن ۋاقىتتا، مېنىڭ سۆزلىرىمنىڭ سېنى ياخشى كۆرگەنلىكىمدىن دېيىلگەنلىكىنى بىلىپ قالىسەن.