10 ئاچلارغا شاپائەت كۆرسەتسەڭلار، جاپا-مۇشەققەتتىكى ئادەملەرگە ياردەم قىلساڭلار، قاراڭغۇلۇقنى يورۇتىدىغان نۇر بولىسىلەر، تۈنلىرىڭلار چىڭقى چۈشتەك بولىدۇ.
مەن ئەمالارنى ئۆزى مېڭىپ باقمىغان، ئۇلار بىلمەيدىغان ناتونۇش يوللارغا باشلايمەن. ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى قاراڭغۇلۇقنى نۇرلاندۇرىمەن ھەمدە ئويمان-چوڭقۇرلارنى تۈزلەيمەن. مانا بۇ مەن قىلىدىغان ئىشلار! مەن ئۇلارنى تاشلاپ قويمايمەن.
تاڭ سەھەردەك يورۇتار ئۇ ھەققانىيلىقىڭنى، چۈشتىكى قۇياش كەبى چاقنىتار گۇناھسىزلىقىڭنى.
ھاياتىڭ چۈشتىكى قۇياشتىنمۇ پارلاق بولىدۇ، قاراڭغۇلۇقۇڭمۇ سەھەردەك يورۇيدۇ.
بۇ گەپنى ئاڭلىغان ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا يەنە مۇنداق دېدى: - سىزدە قىلىشقا تېگىشلىك يەنە بىر ئىش كەم. پۈتۈن مال-مۈلكىڭىزنى سېتىپ، پۇلىنى كەمبەغەللەرگە بېرىڭ. شۇنداق قىلسىڭىز، ئەرشتە خەزىنىڭىز بولىدۇ. ئاندىن كېلىپ ماڭا ئەگىشىڭ.
كەمبەغەلنى ئەزگەنلىك ئۇنىڭ ياراتقۇچىسىغا ھاقارەت كەلتۈرگەنلىكتۇر، ھاجەتمەنگە شاپائەت قىلغانلىق ئۇنىڭ ياراتقۇچىسىنى ئۇلۇغلىغانلىقتۇر.
شۇ چاغدا گاس ئادەملەر دەستۇرلاردىن ئوقۇلغان سۆزلەرنى ئاڭلايدۇ، قاراڭغۇ زۇلمەتتىكى ئەمالار كۆرىدۇ.
موھتاجلىقتا قالماس نامراتلارغا خەيرخاھلىق قىلغان، نۇرغۇن لەنەتكە قالار ئۇلارنى كۆرمەسكە سالغان.
بەختلىكتۇر غېرىبلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغۇچى، بېشىغا كۈن چۈشكەندە پەرۋەردىگار قۇتقۇزار ئۇنى.
قارا، زېمىننى قاراڭغۇلۇق قاپلايدۇ، ئەلنى زۇلمەت باسىدۇ، لېكىن مەن پەرۋەردىگار سېنى يورۇتىمەن، مېنىڭ شان-شەرىپىمنىڭ نۇرى ئۈستۈڭگە چېچىلىدۇ.
باشقىلارنى بوزەك قىلىپ، گۆرۈگە قويغان نەرسىلىرىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالمىسا، ئوغرىلىق قىلمىسا، ئاچلارغا يېمەك-ئىچمەك، يالىڭاچلارغا كىيىم-كېچەك بەرسە،
يىراقتىن كىشىلەر كېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى سېلىشقا ياردەم بېرىدۇ. شۇ چاغدا سىلەر مەن زىكىرىيانى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئەۋەتكەنلىكىنى بىلىسىلەر. ئەگەر سىلەر پەرۋەردىگارغا تولۇق ئىتائەت قىلساڭلار، بۇ ئىشلار چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ.
ئۇ كۈن ئالاھىدە بىر كۈن بولۇپ، ئۇ كۈننى پەقەت پەرۋەردىگارلا بىلىدۇ. ئۇ كۈندە كۈندۈز بىلەن كېچىنىڭ پەرقى بولمايدۇ. كەچ ۋاقتى بولغاندىمۇ يورۇق بولىدۇ.
پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا تولۇق ئىتائەت قىلىپ، مەن بۈگۈن سىلەرگە يەتكۈزگەن بارلىق ئەمرلەرگە كۆڭۈل قويۇپ ئەمەل قىلساڭلار، پەرۋەردىگار سىلەرگە مۈلۈك قىلىپ بەرگەن ئاشۇ زېمىندا سىلەرنى ئۆزى بەرىكەتلىك قىلىدۇ، ئاراڭلاردا نامراتلار بولمايدۇ.
چېدىرىمدىكىلەر ئەزەلدىن مېنىڭ باشقىلارنى ئاچ قالدۇرمىغىنىمغا گۇۋاھتۇر.
قاراڭغۇلۇقتا نۇر چېچىلار دۇرۇس يولدا ماڭغانلارغا، رەھىمدىل، شەپقەتلىك، ھەققانىيدۇر خۇدا.